ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-02

    قةدىمىي بۇددىزم ماكانى- كۇچانىڭ ئىسلامىلىشى توغرىسىدا - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40344158.html

       
                                                                        مۇنىرة ياقۇپ
    ھةممىزگة مةلۇم كۇچا قةدىمدة «كۈسةن» دةپ ئاتالغان. تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگة جايلاشقان بوستانلىق بۇلۇپ، شةرقتة تۇرپان بىلةن، غةربتة ئاقسۇدىن قةشقةرگىچة بولغان ھةر قايسى شةھةر بةگلىرى بىلةن، شىمالدا غۇلجا بىلةن چېگرىلىناتتى. كۇچانىڭ بۇنداق ئالاھىدة جايلىشىش ئورنى ئۇنى غةربىي يۇرت مةدةنىيةت چةمبىرىكىدة يىپةك يولنىڭ شىمالىي بۆلىكىدىكى بۇددىزمنىڭ مۇھىم مةركىزىدىن بىرى بولۇش سالاھىيىتىگة ئىگة ئىدى.
    مىلادىيدىن بۇرۇنقى 3-ئةسىردىن مىلادىية 2-ئةسىرگىچة بولغان كۈسةن دةۋرىدة بۇددىزم كۇچاغا تارقىلىپ كىرىپ، ئۇزۇن مةزگىللىك گۈللىنىش ئارقىلىق «كۈسةن بۇددىزم مةدةنىيىتى»دىن ئىبارةت پارلاق ئةنئةنىنى بارلىققا كةلتۈردى. يةنى داڭلىق مامايانا راھىبلىرى كۆپلةپ بارلىققا كىلىپ، بۇددا نوملىرىنى تةرجىمة قىلىش،ئىزاھلاش پائالىيةتلىرى بىلةن مةشغۇل بولدى.ئۇلارنىڭ ئةسةرلىرى ئوتتۇرا جۇڭگۇ قاتارلىق ئةللةرنىڭ ئالاھىدة دىققىتىنى قوزغىدى. بىراق قارا خانلار سۇلالىسى ئىسلام دىننى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، كۇچا ئىسلام دىنى بىلةن بۇددا دىننىڭ ئۇچرىشىش سۇرۇنىغا ئايلىنىپ، ئۇزۇن مةزگىللىك گۈللةنگةن بۇددىزم مةدةنىيىتى ئاستا-ئاستا خارابلىشىشقا يۈزلةندى.
    ئىسلام دىنى قةشقةرنى مةركةز قىلىپ ، خوتةن، چةرچةن، ئاقسۇ ۋة ھازىرقى ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋة يةتتة سۇ رايونى قاتارلىق جايلاردا ئاستا- ئاستا ئۈستۈنلىكنى ئىگةنلىگةندىن كېيىن، ئاقسۇدىن كۇچاغىچة بولغان ئارىلىقتا شةرقتىكى بۇددىزم كۈچلىرىنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچراپ خېلى بىر مةزگىل توختاپ قالدى.«ئىسلام دىننىڭ شةرققة تارقىلىشى بىر قةدةر تةسكة توختىدى، ئۇيةردىكى مةدةنىيةتلىك ئويغۇرلار خۇددى توسما تامغا ئوخشاش ئىسلام دىننىڭ شةرققة تارقىلىشىنى تۇسۇپ تۇردى.»①  بۇ يةردة دېيىلۋاتقان «مةدةنىيةتلىك ئويغۇرلار» ئةينى ۋاقىتتىكى ئىدىقۇت ئويغۇر خانلىقىنىڭ تةۋةلىكىدىكى كۇچا ئويغۇرلىرى ئىدى. چۈنكى 13-ئةسىردىن بۇرۇن قةشقةرنى مةركةز قىلغان قاراخانلار ئويغۇرلىرى بىلةن تۇرپان بىلةن كۇچانى ئاساس قىلغان ئىدىقۇت ئويغۇرلىرى گةرچة ئوخشاش بىر ئويغۇر بولسىمۇ، بېراق دىنىي ئېتقادىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقى سةۋةبىدىن ئۆزئارا، قارىمۇ-قارشى ئىككى سىياسىي ھاكىمىيةتكةئايرىلىپ كةتكةنىدى.
    10-ئةسىرىنىڭ كېيىنكى يېرىمدىن تارتىپ كۇچانىڭ بۇددىزمى خارابلىشىشقا باشلىدى. بۇنىڭدا ئىسلام دىننىڭ ئاستا-ئاستا سىڭىپ كىرىشىدىن باشقا يةنة تۆۋةندىكىدةك بىر نةچچة خىل سةۋةبلةر بار ئىدى بىر تةرةپتىن كۇچادىكى بۇددا (مامايانا) دىنى ھةر قايسى جةھةتلةردىن چةكتىن ئېشىپ كةتكةنىدى، بۇددا (مامايانا) ئىبادةتخانىلىرىنىڭ سانى زىيادة كۆپىيىپ، كۆلىمى زىيادة چوڭىيىپ كةتكةنىدى. بۇنىڭغا ئةگىشىپ ئىشلةپچىقىرىشتىن ئايرىلغان نانقېپى راھىبلارمۇ كۈنسىرى كۆپىيىپ، تۇرمۇشتا زىيادة ھةشةمةتلىشىپ كةتكةنىدى. يةنى «تىللاۋةتخانىلاربىلةن راھىبلارنى ھةممة يةردة ئۇچراتقىلى بۇلاتتى».② كۇچاغا ئوخشاش بۇنداق كىچىك بوستانلىقتا، ئىشلةپچىقىرىش بىلةن شۇغۇللانمايدىغان كىشلةرنىڭ بۇنچىۋالا كۆپىيىپ كېتىشى كۇچانىڭ ئىقتىسادىنى زور دةرىجىدة توسالغۇغا ئۇچراتتى. بۇنداق ھالةتنىڭ ئۇزۇن يىل داۋاملىشىشى بۇددا مةدةنىيىتىنىڭ خارابلىشىشنى كةلتۈرۈپ چىقاردى.
    يةنة بىر تةرةپتىن 10-ئةسىردىن باشلاپ كۇچا قاراخانلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇردى، ئۇرۇش بىر تةرةپتىن كۇچانىڭ ئىقتىسادىنى ھالسىراتقان بولسا، يةنة بىر تةرةپتىن بۇددىزمنىڭ (مامايانانىڭ) بۇ رايوندىكى تةسىرىنى ئاجىزلاشتۇردى. قاراخانلارنىڭ كۇچاغا ھۇجۇم قىلىشتىكى بىردىنبىر مةقسىتى، كۇچادا بۇددىزمنى يوقىتىپ، ئىسلام دىننىڭ ئورنىنى تىكلةش بولغاچقا، قاراخانلارنىڭ بۇ خىل تىرىشچانلىقى قىسقا مةزگىللىك ئۈنۈم بېرىپ، بىر بۆلةك كۇچا ئويغۇرلىرى دةسلةپكى قةدةمدة ئىسلام دىنغا كىردى. بۇ ھةقتة رۇس تارىخچىسى بارتولد مۇنداق دةيدۇ: «قاراخانلار سۇلالىسى مةزگىللىرىدة، كۇچادا ئىسلام دىنغا ئېتقاد قىلىدىغان بىر قةھرىمان بارلىققا كةلگةن بۇلۇپ، ئىسمى خىزىر بةگ ئىدى، ئۇ ئىلگىرى ئىدىقۇت ئويغۇرلىرىنى يةڭگةن، قاراخانلار سۇلاسى ئۇنىڭ تۆھپىسى ئۈچۈن ئۇنىڭغا خان دېگةن نامنى بةرگةن»③. بۇ قېتىملىق ۋةقة ئېھتىمال قارا خانلار سۇلالىسى خوتةننى ئىسلاملاشتۇرۇش جةريانىدا، خوتةنگة ياردةملةشكىلى كةلگةن ئىدىقۇت ئويغۇرلىرىنى چېكىندۈرۈش يولىدا كۇچادىن ئۆتكةنلىكتىن، كۇچادا ئىسلام دىنىنى دةسلةپكى قةدةمدة تارقاتقانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇ ھةقتة قارا خانلار سۇلالىسىدىكى ئىسلام دىننىڭ تارقىلىشىغا ئائىت مۇھىم قوليازما بولغان«بۇغرا خانلارتةزكىرىسى» دة مۇنداق بايانلار بار:«كاپىرلار بىلةن بولغان جةڭدة قانلار دةريا بۇلۇپ ئاقتى، كاپىرلارنىڭ بېشى ساينىڭ تېشىدةك ياتتى، ئۇلارنىڭ تۇغ- ئةلةملىرى سۇنۇپ ۋةيران بولدى. كاپىرلار ھةر تةرةپكة قېچىشقا باشلىدى، ھةزىرتى ھةسةن بۇغراخان غازى كاپىرلارنى قوغلاپ ئۇر توقاي-سۇر توقاي
    قىلىپ كۈسةن دةرياسىدىن ئۆتكۈزۈۋېتىپ، زةپةر بىلةن قةشقةرگة قايتىپ كةلدى.»④  بۇ بايانلاردىن بىز يةنة مۇنداق يةكۈنگة ئېرىشةلىشىمىز مۇمكىن قاراخانلار سۇلاسىنىڭ خوتةننى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشى مةزگىلدىلا كۇچا ئىسلام دىنى بىلةن مةلۇم دةرىجىدة ئۇچرىشىپ بولغان.
    خةلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگةن رىۋايةتلةرگة ئاساسلانغاندا ھېجرىية 666-يىلى (مىلادىية1267- يىلى) نىڭ ئالدى – كةينىدة ھىندىستانلىق نىزامىدىن دةھلىۋى دةيدىغان بىر شةيخ كۇچاغا كېلىپ ئىسلام دىننى تارقاتقان. ئۇ كۇچانىڭ شىراق دېگةن يېرىدة ئةڭ دةسلةپ خانىقا ياساپ بىر تۈركۈم مۇرىتلارنى تةرةققى قىلدۇرغان. بۇ مةزگىلدة چىڭگىزخان غةربىي يۇرتنى بويسۇندۇرغان، بۇجايلاردا دىنىي ئةركىنلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزگةن بولغاچقا، شةيخ نىزامىدىننىڭ كۇچاغا ئىسلام دىننى تارقىتىشى ھېچقانداق چةكلىمىگة ئۇچرىماستىن، ئةكىسچة يةرلىك ئۇرۇنلارنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشكةن. شةيخ نىزامىدىننىڭ  دىن تارقىتىش كۆلىمى كىچىك، مۇرىتلىرىنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ، بىراق ئىسلام دىندىن ئىبارةت بۇيېڭى شةيئىنىڭ كېيىنكى راۋاجى ئۈچۈن زور دةرىجىدة تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
    كۇچا رايوننىڭ پۈتۈنلةي ئىسلاملىشىشى – ئىسلام دىننىڭ بۇددا دىننىڭ ئورنىنى رةسمى ئېلشى، شةرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ  خاقانى تۇغلۇق تۆمۈرخاندىن باشلاندى. مۇشۇ مةزگىلدة ياشىغان ئةرشىدىن خوجا ئىسىملىك بىر مۇسۇلمان تۇغلۇق تۆمۈر خاننى ئىسلام دىنغا دةۋةت قىلىپ  كىرگۈزگۈزگةندىن كېيىن، ئالمالىقتا⑤ بىر يىل تۇرۇپ، خاندىن ئۆزىنىڭ كۇچاغا بېرىپ دىن تارقىتىشىغا رۇخسةت قىلىشىنى تةلةپ قىلدى. ⑥  چۈنكى كۇچا ئةينى ۋاقىتتا ئىسلام دىنىنى تارقىتىشقا ئىنتايىن قولايلىق ئۇرۇندا تۇراتتى، يةنى غةربتة قةشقةر، جةنۇبتا ئىسلام دىنىغا كىرىپ بولغان خوتةن، شىمالدىمۇ ئاللىقاچان ئىسلام دىنغا كىرىپ بولغان ئالمالىقتىن ئىبارةت ئۈچ مۇسۇلمان كۈچلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بۇلغاچقا ئىسلام دىنىنى تارقىتىشمۇ زۆرۈر بۇلۇپ قالغان. بۇنىڭدىن باشقا ئالمالىق چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلدىغان رايون بولغاچقا، دېھقانچىلىق مةھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى كۇچادىن ئىبارةت بۇ دېھقانچىلىق بازىسىدىن،
    «ئۆشرة» شةكلى ئارقىلىق قامداش يۈزىسىدىن كۇچادىكى بۇ قېتىمقى دىن تارقىتىش باش ھاكىمىيةت بولغان ئالمالىقنىڭ يېقىندىن قوللىشىغا ئېرىشتى.
    ئةرشىدىن خوجىنىڭ پىلانى تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ قوللىشىغا ئېرىشكةندىن كېيىن خان يارلىق چۈشۈرۈپ، خانلىق تةۋةسىدىكى بارلىق كىشلةرنىڭ مۇسۇلمان بۇلۇشنى تةلةپ قىلدى. ئةرشىدىن خوجىغا ياردةم بېرىش ئۈچۈن، 50دىن ئارتۇق كىشدىن تةشكىللىگةن دىن تارقاتقۇچى قۇشۇننى كۇچاغا يولغا سالدى. بۇ قۇشۇن «كۇچا ئىسلام دىن ئۇيۇشمىسى» دةپ ئاتىلىپ، خانلىقنىڭ بىۋاستة ياردىمىدة كۇچادا ئىسلام دىنىنى تارقىتىش، تةشۋىق قىلىش بىلةن شۇغۇللاندى. ئۇلار كۇچادا كۆپلىگةن مةسچىتلةرنى ياساتتى، دىنىي قازى كالان مةھكىمىلىرىنى ۋة دىنىي مةكتةپلةرنى تةسىس قىلدى. خةلققة «قۇرئان»، «سةھىھۇل بۇخارى»...قاتارلىق مۇقةددةس كىتابلارنى تارقىتىپ ئىسلام دىننىڭ تةرةققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.«ئۇلار ئۇدۇل كةلگةن يةردة كىشلةرنى ئىمان ئېيتىشقا قىستايتتى، ھةممىلا يةردة، چةكتىن ئاشقان دىن تارقاتقۇچىلارنى ئۇچراتقىلى بۇلاتتى» ⑦ «ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلغانلارغا ھةر خىل ئېتبار سىياسةتلىرى بار ئىدى، ئةكىسچة قۇبۇل قىلشنى رةت قىلغانلار بولسا ھةر خىل قانۇنسىز ئۇرۇپ سۇقۇشلارغا ئۇچرايتتى» ⑧. مۇشۇ قېتىملىق ئىسلام دىننى كېڭةيتىش جةريانىدا نۇرغۇنلىغان بۇدخانىلار بۇزۇپ چېقىلدى، بةزىلىرى مةسچىتكة ئايلاندى. نۇرغۇن بۇددىزمنىڭ پارلاق نامايةندىلىرى دةپسةندة قىلنىپ، كۇچا راھىبلىرى چةتكة قېقىلىپ، تةرةپ- تةرةپكة سةرسان بولۇپ چىقىپ كىتىشكة مةجبۇر بولدى.
    كۇچادىكى ئىسلام دىننى تارقىتىش ھةركىتى ناھايىتى ئةۋجىگة چىققىۋاتقان پةيتتة ئالمالىقتا ئىسلام دىننىڭ مةجبۇرلىشىغا قارىتا توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، ناھايىتى تېزلا كۇچا، ئاقسۇ،شايار،قارا
    شةھةر، تۇرپان قاتارلىق جايلارغا تۇتاشتى، توپىلاڭچىلار كۇچا ئىسلام دىنى ئويۇشمىسى بىلةن
    ناھايىتى كةسكىن ئۇرۇش قىلدى⑨. بىراق ئۇزۇن ئۆتمةي تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ باستۇرۇشىغا دۇچار بولدى.
    يۇقىرقى يازما مةنبةلةردىن سىرت، كۇچانىڭ ئىسلاملىشىشىغا ئائىت يةنة مۇنداق ئارخېلوگىيلىك ئىسپاتلارنىمۇ كۆرسىتىشى مۇمكىن كۇچادىكى كۆپ قىسىم بۇددىزم خارابىلىرى يۈةن سۇلالىسىد
    -دىن كېيىن بارا-بارا خارابلاشقان بۇلۇپ، ھةممىسى باشقىلار تةرىپىدىن بۇزۇلۇشقا ئۇچرىغاندةك تۇرىدۇ، مةسلةن، ئةينى چاغدىكى كۇچا بۇددىزمنىڭ بۈيۈك نامايةنلىرىدىن بولغان بايدىكى قىزىل مىڭ ئۆينى ئالىملار شةرقىي خةن سۇلالىسنىڭ ئاخىرقى مةزگىللىرىدة ياسىلىپ، تةخمىنىةن يۈةن سۇلالىسى دةۋرىدة خارابلاشقان دةپ قارىماقتا. يةنى ئىسلام دىنى كۈچلىرى جةنۇبىي شىنجاڭنى پۈتۈنلةي ئىگةللةپ بولغاندىن كېيىن، رةسمىي تاشلىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
    يةنة بىر قىسىم ئارخېئولوگىيلىك قېزىلمىلاردىن مةلۇم بۇلۇشىچة، نۇرغۇنلىغان ۋةسىقلىرى چېكىدىن ئاشقان ئىسلام دىنى كۈچلىرى تةرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگةن بۇددا راھىبلىرىنىڭ قانلىرىغا مىلۋېتىلگةن بۇلۇپ، نۇرغۇن يىللار ئۆتكةندىن كېيىن، قېتىپ تاش پارچىسىغا ئوخشاش بۇلۇپ كةتكةن، ئةتراپىدا نۇرغۇنلىغان راھىبلارنىڭ پۇت- قوللىرى، باشلىرى كېسىپ تاشلانغان ئۆلۈكلىرى تۇراتتى. ⑩ يىغىپ ئېيتقاندا كۇچادا ئۇزۇن مةزگىل مةۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان بۇددا دىنى ۋة ئۇنىڭغا ماسلاشقان بۇددىزم مةدةنىيىتىدىن ئىبارةت بۇ كونا شةيئى، شۇ مةزگىلدة يېڭىدىن بارلىققا كةلگةن ئىسلام دىندىن ئىبارةت بۇ يېڭى شةيئىنىڭ شىددةتلىك تةرةققىياتى ئالدىدا، گةرچة نۇرغۇنلىغان قانلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسةتكةن بولسىمۇ، شۇ دةۋرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسةن بةلگىلىنىپ قالغان خارابىلىشىشتىن ئىبارةت بۇ مۇقةرةر تةقدىردىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. شۇنىڭ بىلةن كۇچادىكى ئةنئةنىۋى بۇددىزم مةدةنىيىتى، ئۆزىنىڭ تارىخىي ئورنىنى ئىسلام دىنى ۋة ئىسلام مةدةنىيةتىگة ئۆتۈنۈپ بېرىشكة مةجبۇر بولدى.
    كۇچادىن ئىبارةت بۇددىزم(مامايانا) ماكانىنىڭ ئىسلاملىشىشى، ئىلگىركى بۆلۈنمة ھالةتتىكى ئويغۇرلارنى مةلۇم دةرىجىدة ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بۈگۈنكى ئويغۇر مىللىتىنىڭ شةكىللىنىشى ئۈچۈن مۇھىم  ئاساس ياراتتى.
    __________________
    ئىزاھات:
    ③②① ۋ.ۋ بارتولد«ئوتتۇرائاسىيا تارىخىدىن ئون ئىككى لېكسىية» خةنزۇچة نةشىرى، روسچىدىن تةرجىمة قىلغۇچى لوجىپىڭ، جۇڭگۇ ئىجتىمائىي پةنلةر نةشىرىياتى.
    ④موللاجى«بۇغرا خانلار تةزكىرىسى» چاغاتايچة قوليازمىسىغا ئاساسةن ئابدۇرېھىم سابىت نةشىرگة تةييارلىغان ئويغۇرچة نةشىرى117-بةت.
    ⑤ ھازىرقى غۇلجا تةۋةسىدة، شةرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ پايتةختى.
    ⑥ ⑧ ⑨ ⑩ لى جىنشىن«شىنجاڭنىڭ دىن ئۆزگىرىش تارىخى»، شىنجاڭ خةلق نةشرىياتى،
    2003-يىلى 10- ئاي، 1-نةشىرى. 307-308- بةتلةر،
    ⑦ يۈسۈپ بةگ« ئىسلام دىننىڭ شىنجاڭدا تارقىلىشى» شىنجاڭ ئىجتىمائىي  پةنلةر ئاكادېمىيىسىنىڭ دىن تةتقىقات ئورنىدا ساقىلىنىۋاتقان نۇسخا.
    _______________
    ئاپتۇر: شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى فىلولوگىية ئىنىستوتىدىن.
    تةھرىرلىگۈچى:  مةرۇپ مةمتىمىن 
      
    مةنبة؛ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پةنلةر مۇنبىرى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.