ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-23

    چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شىنجاڭنىڭ ئۆتەڭلىرى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39794140.html

     

     مەنچىڭ خاندانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن غەربىي يۇرت (شىنجاڭ) بىلەن ئىچكىرىنىڭ يول قاتنىشى نىسبەتەن زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ، جەنۇب ۋە شىمالدىن ئىبارەت 2 تاناب مۇھىم لەشكىرى نەقلىيات لىنىيىسى شەكىللەنگەنىكەن. بۇ ئىككى تاناب يولنىڭ بىرسى شىمالى يول بولۇپ، گۇچۇڭنىڭ شىمالىدىن قۇبدۇ  (ھازىرقى موڭغۇلىيەنىڭ جىرغىلاڭتۇ دېگەن يېرى) غا كىرىدىكەن، «چوڭ ئوتلاق» ياكى «كىچىك ئوتلاق» (ھازىر نىڭشيا خېتاۋ ۋە ئىچكى موڭغۇل تەۋەسىدە) تىن ئۆتۈپ پايتەخت (بېيجىڭ) گە بارىدىكەن. يەنە بىر تاناب يول جەنۇبىي يول بولۇپ، قۇمۇلدىن باشلىنىپ شەرقتە ئەنشىگە، جيايۈ قوۋۇقىدىن ئۆتۈپ گەنسۇ چېگرىسى ئىچىگە كىرىدىكەن. بۇ ئىككى يول ئەمەلىيەتتە سۇڭ، يۈەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى قۇملۇق شىمالىي يولى ۋە قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ شىمالىي يولى ئىكەن. شۇ زاماندا، شىنجاڭدىن قوشنا ئۆلكىلەرگە بارىدىغان ۋە چەت ئەلگە قاتنايدىغان كارۋان يوللىرى ناھايىتى كۆپ ئىكەن. چىڭ دەۋرىدە شىنجاڭدىن قوشنا ئۆلكىلەرگە تۇتاشقان كارۋان يوللىرىدىن ئاساسلىقى، لەنجۇ ـــ شىنجاڭ يولى، شىنجاڭ ـــ شۈييۈەن يولى، چىڭخەي شىنجاڭ يولى ۋە شىنجاڭ ـــ تىبەت (شىزاڭ) يولىدىن ئىبارەت 4 تاناب كارۋان يولى بار ئىكەن.  بىرىنچى تاناب لىنىيە: لەنجۇ ـــ شىنجاڭ كارۋان يولى، بۇ يول دىخۇا (ئۈرۈمچى) گۇڭنىڭ ئۆتىڭى (كونا مانجۇ شەھىرى) دىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ مېڭىپ داۋانچىڭنىڭ تىيانشان ئېغىزىدىن ئېشىپ، تۇرپان، پىچان، چىقتىم، لياۋدۇن، ئارا يۇلتۇز  (شىڭشىڭشيا) ئۆتەڭلىرىدىن ئۆتۈپ، خېشى كارىدورى ئارقىلىق لەنجۇغا تۇتىشىدىكەن.لەنجۇ ـــ شىنجاڭ كارۋان يولىنىڭ يەنە بىر لىنىيىسى: دىخۇا (ئۈرۈمچى) گۇڭنىڭ ئۆتىڭى (كونا مانجۇ شەھىرى) دىن شەرقىي شىمالغا قاراپ يۈرۈپ، فۇكاڭ ئۆتىڭى، جىمىسار ئۆتىڭى، گۇچۇڭ ئۆتىڭىدىن ئۆتۈپ، شەرقىي جەنۇبقا قاراپ مورى ئۆتىڭى، بارىكۆل ئۆتىڭى، قۇمۇل ئۆتىڭى، ئارا يۇلتۇز ئۆتىڭى ئارقىلىق گەنسۇ چېگرىسىغا كىرىدىكەن. لەنجۇ ـــ شىنجاڭ كارۋان يولىنىڭ يەنە بىر تاناب لىنىيىسى بار بولۇپ، ئۇ كىرىيەدىن باشلىنىپ، چەرچەن، چاقىلىق ئۆتىڭى ئارقىلىق دۈنخۇاڭ، ئەنشىگە تۇتىشىپ، ئاندىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ يورۇپ گەنسۇنىڭ لەنجۇ ئۆتىڭىگە بارىدىكەن.

            ئىككىنچى تاناب لىنىيە: شىنجاڭ ـــ سۈييۈەن يولى. بۇ كارۋان يولى ئىككى لىنىيىگە بۆلۈنگەن بولۇپ،بىرىنچى لىنىيىسى گۇچۇڭدىن باشلىنىپ، بارىكۆل ۋە قۇمۇل ئارقىلىق مېڭشۈيدىن ئۆتۈپ، يەنە گەنسۇنىڭ شىمالىدىكى خوييەن، ئېچىنا خوشۇنلىرىنى بويلاپ ماڭىدىكەن. ئاندىن يەنە ھازىرقى نىڭشيانىڭ شىمالىي قىسمىدىن سۈييۈەن (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇل باۋتۇ شەھىرى) چېگرىسى ئىچىگە كىرىدىكەن، ئاندىن گۇيخۋا (ھازىرقى كۆكخوت) غا يېتىپ بارىدىكەن. بۇ قەدىمدىكى يىپەك يولى (كىچىك ئوتلاق يولى) دەپ ئاتالسا، يەنە «تۆگە كارۋان يولى» دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. يەنە بىر تاناب لىنىيە: گۇچۇڭدىن شىمالغا قاراپ يۈرۈپ، چىخ كۆل (جىجىخۇ) دىن ئۆتۈپ، قوپىدۇ، ئۇلاستايغا بارىدىكەن، ئاندىن خاڭئەيشەن تېغىدىن ئېشىپ گۈيخۋا (كۆكخوت) شەھىرىگە يېتىپ بارىدىكەن، بۇ لىنىيە يىپەك يولىنىڭ «چوڭ ئوتلاق» لىنىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدىكەن.

    ئۈچىنچى تاناب لىنىيە: چىڭخەي ـــ شىنجاڭ كارۋان يولى. بۇ يول كورلىدىن باشلىنىپ جەنۇبقا قاراپ يۈرۈپ نوپچان (چاقىلىق) قا بېرىپ، ئاندىن شەرققە قايرىلىپ ئالتۇنتاغنى بويلاپ چىڭخەي چېگرىسىگە كىرىدىكەن، ئاندىن يەنە سەيدام ئويمانلىقى ئارقىلىق شىنىڭغا بارىدىكەن. يەنە بىر تاناب تارماق لىنىيە ـــ تۆگە كارۋان يولى بار بولۇپ، قەشقەردىن چىقىپ شەرققە قاراپ يۈرۈپ، نوپچان (ھازىرقى چاقىلىق) ئارقىلىق چىڭخەيگە كىرگىلى بولىدىكەن. تۆتىنچى تاناب لىنىيە: شىنجاڭ ـــ تىبەت (شىزاڭ) كارۋان يولى. بۇ كارۋان يولى كىرىيىدىن باشلىنىپ كېرىيە دەرياسىنى ئايلىنىپ غەربىي جەنۇبقا قاراپ مېڭىپ، ئاراش ئارقىلىق شىنجاڭ بىلەن تىبەت (شىزاڭ) چېگرىلىنىدىغان ساسا چوققىسىدىن ئۆتۈپ، ئارقا تىبەتنىڭ جۇتۇڭتىغا بارىدىكەن، ئاندىن گاندىس تېغىدىن ئېشىپ تىبەت (شىزاڭ) نىڭ شىمالىدىكى ئالىغا تۇتىشىدىكەن.مەنچىڭ خاندانلىقى دەۋرىدە شىنجاڭدىن چەت ئەلگە بارىدىغان كارۋان يوللىرىدىن جۇڭگو-رۇسىيە ۋە جۇڭگو- ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا كارۋان يوللىرى بار ئىكەن. جۇڭگو ـ رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى كارۋان يولىدىن جەنۇبىي شىنجاڭدا 3 تاناب يول بار ئىكەن. بىرىنچى تاناب كارۋان يولى قەشقەردىن باشلىنىپ، ئەركەشتامنىڭ غەربىدىكى تەڭرىتېغىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسىدىن ئۆتۈپ، رۇسىيە چېگرىسى ئىچىدىكى ئوشقا تۇتىشىدىكەن، ئاندىن شىمالغا قاراپ مېڭىپ ئەنجانغا بارىدىكەن. ئىككىنچى تاناب كارۋان يولى: قەشقەردىن باشلىنىپ غەربىي شىمالغا قاراپ مېڭىپ، تۇرغان ئېغىزى ئارقىلىق رۇسىيە چېگرىسىگە كىرىدىكەن؛ ئۈچىنچى تاناب كارۋان يولى ئۇش فېرمان (يەنى ئۈچتۇرپان) دىن باشلىنىپ گۇگۇتلۇك داۋاندىن ئېشىپ قارا كۆلگە بارىدىكەن.جۇڭگو – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى كارۋان يولىدىن شىمالىي شىنجاڭدا 3 تاناب يول بار ئىكەن؛ بىرىنچى تاناب كارۋان يولى ئوقارلىق شەھىرى (ھازىرقى قورغاس) تىن باشلىنىپ غەربكە قاراپ مېڭىپ ئالمائاتاغا بارىدىكەن. ئىككىنچى تاناب كارۋان يولى: تارباغاتاي (ھازىرقى چۆچەك) دىن باشلىنىپ باقتۇ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق رۇسىيە چېگرىسىغا كىرىپ شەمەيگە تۇتىشىدىكەن؛ ئۈچىنچى تاناب يول جىمىنەيدىن غەربكە قاراپ مېڭىپ قابادىن ئۆتۈپ رۇسىيىنىڭ زايسانغا تۇتىشىدىكەن.جۇڭگو – ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ئىككى تاناب كارۋان يولى بار ئىكەن: بىرىنچى تاناب يول يەكەندىن باشلىنىپ قارا قۇرۇم (كوئىنلۇن) تېغىدىن ئېشىپ ھىندىستاننىڭ لەھ شەھىرى (ھازىرقى كەشمىر رايونىدا) گە بارىدىكەن، بۇ يولدا دېڭىز يۈزىدىن 5000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى 5 داۋاندىن ئېشىشىقا توغرا كېلىدىكەن. ئىككىنچى تاناب كارۋان يولى سارىقۇل (ھازىرقى تاشقورغان) دىن باشلىنىپ غەربكە قاراپ مېڭىپ مېڭتېكە داۋىنىدىن ئېشىپ كەشمىرگە تۇتىشىدىكەن. مەنچىڭ خاندانلىقى دەۋرىدىكى شىنجاڭنىڭ كارۋان يوللىرى مەنچىڭ خاندانلىقى دەۋرىدە، بولۇپمۇ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، شىنجاڭ چېگرىسى ئىچىدىكى كارۋان يوللىرى تورلىشىپ، بىرقەدەر تېز تەرەققىي قىلغانىكەن. ئاساسىي يولدىن 15 تاناب بولۇپ، ئومۇمىي مۇساپىسى 18000 چاقىرىم (9000 كىلومېتىر) كېلىدىكەن.«شىنجاڭ خەرىتىلىك تەز كىرىسى» گە قارىغاندا، 1- تاناب يول: دىخۇا (ھازىرقى ئۈرۈمچى) دىن كۈنپېتىشقا قاراپ مېڭىپ، سانجى، قۇتۇپى ، ماناس، شىخۇ، جىڭ، سۈيدۈڭلەردىن ئۆتۈپ، ئىلى كۈرە (بايانداي) گە تۇتىشىدىكەن، ئومۇمىي مۇساپىسى 1650 چاقىرىم (825 كىلومېتىر) كېلىدىكەن. 2- تاناب يول: دىخۇا (ئۈرۈمچى) دىن كۈنپېتىشقا قاراپ مېڭىپ، سانجى، ماناستىن ئۆتۈپ شىمالغا قايرىلىپ شاۋگۈەيگە بارىدىكەن. ئاندىن جەرەن بۇلاق ئارقىلىق ئالتاينىڭ جەنۇبىي چېگرىسىغا تۇتىشىدىكەن (دىخۋادىن ماناسقىچە ئوخشاش بىر يول) ئومۇمىي مۇساپىسى 1060 چاقىرىم (530 كىلومېتىر) كېلىدىكەن. 3- تاناب يول: شىخودىن كۈنپېتىشقا قاراپ مېڭىپ سالا ئۇسۇ (چىپەيزى)، ئېلىېن بۇلاق (سار بۇلاق)، تولى، تۈۋتەي (باش رابات)دىن ئۆتۈپ تارباغاتاي (چۆچەك) غا تۇتىشىدىكەن، ئومۇمىي مۇساپىسى 960 چاقىرىم (480 كىلومېتىر) كېلىدىكەن. 4- تاناب يول: دىخۇا (ئۈرۈمچى) گۇڭنىڭ قەلئەسى (كونا مانجۇ شەھىرى) دىن شەرقى جەنۇبقا قاراپ مېڭىپ سايئوپا، پارچساغال، توقسۇن، تۇرپان، سىڭگىم، پىچان تۇدۈنزە، يەتتە قۇرۇق، يۋەنچۈەن، لياۋدۈن، سەنداۋلىڭ، سۇمقاغادىن ئۆتۈپ قۇمۇلغا تۇتىشىدىكەن، ئومۇمىي مۇساپىسى 1720 چاقىرىم (862.5 كىلومېتىر) كېلىدىكەن. 5- تاناب يول: دىخۇا (ئۈرۈمچى) گۇڭىنىڭ قەلئەسى، (كونا مانجۇ-لاۋمەنچىڭ) قەلئەسى دىن يولغا چىقىپ، شەرقىي شىمالغا يۈرۈپ، كاڭلېى (پۇكاڭ) باۋخۈي (جىمىسار) فۇيۈەن (كونا گۇچۇڭ)، مورى، ئۇلان، ئۇسۇن (دانشتۇ)، خوتۇنتام، جىمبا چاڭ، باركۆلدىن ئۆتۈپ قۇمۇلغا تۇتىشىدىكەن. ئومۇمىي مۇساپىسى 1820 چاقىرىم (910 كىلومېتىر) كېلىدىكەن. 6- تاناب يول: مورىدىن جەنۇبقا قاراپ يۈرۈپ، يەتتە قۇدۇق، يىۋەنچۇەن، سەنداۋلىڭ، ئاستانە، سۇمقاغا، قۇمۇل، يەندۈن، ئاچچىقسۇ، قۇمبۇلاقتىن ئۆتۈپ، ئارا يۇلتۇز (شىڭشىڭشيا) غا تۇتىشىدىكەن. ئومۇمىي مۇساپىسى 300 چاقىرىم (690 كىلومېتىر) كېلىدىكەن.7-تاناب يول: غۇلجىدىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ مېڭىپ، قاينۇق رابات، بور رابات، تېكەس، تامغا داش، تۇبالات، ئاراباتدىن ئۆتۈپ، جام ئارقىلىق ئاقسۇغا تۇتىشىدىكەن، ئومۇمىي مۇساپىسى 1235 چاقىرىم (617.5 كىلومېتىر) كېلىدىكەن. 8- تاناب يول: تۇرپاندىن كۈنپېتىشقا قاراپ مېڭىپ، توقسۇن، ئاھۇ بۇلاق (ئايغىربۇلاق)، كۈمۈشخاما (كۈمۈش)، ئۇششاقتالدىن ئۆتۈپ قاراشەھەرگە تۇتىشىدىكەن. بۇ يول يەنە غەربىي جەنۇبقا قاراپ يۈرۈپ كورلا، ئەشمە، يېڭىسار، بۈگۈردىن ئۆتۈپ، قاراباغ ئارقىلىق كۇچاغا تۇتىشىدىكەن. ئومۇمىي مۇساپىسى 1780 چاقىرىم (890 كىلومېتىر) كېلىدىكەن. 9- تاناب : بۇ يول كورلىدىن كۈنپېتىشقا قاراپ يۈرۈپ كشەر، يېڭىكۆل، گۇسىلاق، جىلال، كالتە، ئارغان، قىيغان، لوپنۇردىن ئۆتۈپ چاقىلىققا تۇتىشىدىكەن. ئومۇمىي مۇساپىسى 1190 چاقىرىم (595 كىلومېتىر) كېلىدىكەن. 11- تاناب يول: بۇ يول كورلىدىن كۈنپېتىشقا قاراپ يۈرۈپ چورچوك (چەرچى)، چېدىر، بۈگۈر، ئاربات، تۇغدى، سايرام، باي، قارا يۇلغۇن، جام، ئونسۇ، سۇ ياللىقتىن ئۆتۈپ ئۈچتۇرپانغا تۇتىشىدىكەن. ئومۇمىي مۇساپىسى 1040 چاقىرىم (520 كىلومېتىر) كېلىدىكەن. 11- تاناب يول: بۇ يول ئاقسۇدىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ يۈرۈپ، قۇمباش، سايلىق، چىلان راباتتىن ئۆتۈپ، غەربىي جەنۇبقا بۇرۇلۇپ يار قۇدۇق، تۇمشۇق ئارقىلىق بارچۇق (مارالبېشى) ئايماققا تۇتىشىدىكەن، ئاندىن يەنە غەربىي جەنۇبقا قاراپ مېڭىپ شاماللىق، ئاقساقمارال، لايلىق، ئېلىشقۇدىن ئۆتۈپ چۈيسا (يەكەن ) مەھكىمىسىگە تۇتىشىدىكەن. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1280 چاقىرىم (640 كىلومېتىر) كېلىدىكەن. 12- تاناب يول: بارچۇق (مارالبېشى) ئايماقتىن كۈن پېتىشقا قاراپ مېڭىپ كالا كىشىن، ئۆردەكلىك ، يېڭىئاۋات، پەيزىۋات، يامانياردىن ئۆتۈپ قەشقەر كونا شەھەر مەھكىمىسىگە تۇتىشىدىكەن. ئاندىن جەنۇبقا قاراپ مېڭىپ ياپچاندىن ئۆتۈپ يېڭىسارغا تۇتىشىدىكەن. ئاندىن شەرقىي جەنۇبقا بۇرۇلۇپ قىزىل، كارىۋاتتىن ئۆتۈپ چۈيسا (يەكەن ) مەھكىمىسىگە تۇتىشىدىكەن، (ئومۇمىي مۇساپىسى 1050 چاقىرىم (525 كىلومېتىر) كېلىدىكەن. 13- تاناب يول: چۈيسا (يەكەن ) دىن جەنۇبقا قاراپ مېڭىپ زىرافشان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پوسكام ئارقىلىق قاغىلىققا تۇتىشىدىكەن، ئاندىن كۈنچىقىشقا بۇرۇلۇپ يەنما (گۇما)، مۇجى، زاڭگۇي، پارمان، زاۋىدىن ئۆتۈپ خوتەن ئايمىقىغا تۇتىشىدىكەن. ئومۇمىي مۇساپىسى 1230 چاقىرىم (615 كىلومېتىر) كېلىدىكەن. 14 – تاناب يول: جۈيسا (يەكەن ) دىن، غەربىي جەنۇبقا قاراپ يۈرۈپ، ياقا ئېرىق، توغراق، ئارپىلىق، كەيزى، تاشىدەك، چىلغۇنباي، تارباش، چېچەكتىن ئۆتۈپ سارىقۇل (تاشقورغانغا) غا تۇتىشىدىكەن، ئومۇمىي مۇساپىسى 870 چاقىرىم (435 كىلومېتىر) كېلىدىكەن. 15- تاناب يول: فۇيۇەن (گۇچۇڭ ـــ چىتەي) دىن شىمالغا قاراپ مېڭىپ بېيداۋ كۆۋرۈكى، خۇاڭساۋ كۆلى، يۈەنخۇ ئۆتىڭى ئارقىلىق قۇبدۇ چېگرىسىغا تۇتىشىدىكەن، ئومۇمىي مۇساپىسى 1430 چاقىرىم (715 كىلومېتىر) كېلىدىكەن. مەنچىڭ خاندانلىقى دەۋرىدە ئۆتەڭ ئەسلىھەلىرى مۇكەممەللەشكەن. «شىنجاڭنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى» دە يېزىلىشىچە، ئەينى زاماندىكى شىنجاڭدا 231 ئۆتەڭ بار ئىكەن. مەنچىڭ خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىگە كەلگەندە، شىنجاڭ چېگرىسى ئىچىدە «خانلىق يول» (كارۋان يوللىرى) دىن باشقا ۋىلايەت، ئايماق، ناھىيىلەر تۇرۇشلۇق جايلاردا ھەم ئاھالە مەركەزلەشكەن بازارلاردا تېخى كۆپلىگەن ئات ئۇلاغ كارۋان يوللىرى بار بولۇپ، ئەتراپتىكى بازار، ناھىيە، ئايماق، ۋىلايەتلەرگە تۇتاشقانىكەن.ئىلىدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ مېڭىپ نارات داۋاندىن ئۆتۈپ يۇلتۇز تاغلىرىدىن ئاشقاندىن كېيىن، قاراشەھەر (يەنجى) گە يېتىپ بارىدىكەن. ئەينى زاماندىكى چيەنلۇڭ سەلتەنىتىنىڭ 22- يىلى (1757-يىلى) چىنگۇەنجان سانغۇن، مەسلىھەتچى ئامبال شوختىلار ئىلىغا قايتا بارغاندا، مۇشۇ يولدىن ماڭغانىكەن. 

    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • مانا ھازىر ئەتتىرگۈل خانقىزنىڭ بىلوگىدىن تارىخى مەدىنيەتكە دائىر بىلىملەرنى تىزلا تاپقىلى بۇلىدىغان بوپتۇ، تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپرىن ئەتتىرگۈل خانقىز.
    مەن مۇشۇ مۇناسىۋەتتەماڭا قىلغان ياردىمىڭىزگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
    رەھمەت سىزگە
ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.