-
2009-05-24
<<ئونسۇ>>،<<شايار>>،<<باي>>نى بىلەمسىز؟ - [ئۇيغۇرتارىخى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39884343.html
ئونسۇ، شايار،باي ناملىرى توغرىسىدا
تۇرسۇن قۇربان
ئونسۇ_خەن،تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن ھازىرغىچە شۇنداق قوللىنىلغان.تارىخىي كىتاپلاردا خاتىرلىنىشچە:خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئونسۇ بەگلىكى بولغان.تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئونسۇ ئايمىقى تەسىس قىلىنغان.چىڭ سۇلالىسىمۇ ئونسۇ ئايمىقى ۋە ئونسۇ مەھكىمىسى تەسىس قىلغان.1902-يىلدىن باشلاپ ئونسۇ ناھىيىسى بولۇپ تەسىس قىلىنغان.
شايار_ئۇيغۇرچە ئاھاڭ مەنىسى بۇيىچە ئاتالغان يەر نامى.چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تارىخىي يەر-جاي ئەسەرلىرىدە ئىسپاتلىنىشىچە؛تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تەسىس قىلىنغان شايەن ئايمىقى شايار سۆزىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولغان ئايماق نامىدۇر.شايار<<قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگەئىچ ئاغىرتىشى.ئاسرىشى>>دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۇنىڭ 28-يىلى(1902-يىلى)شايار ناھىيە قىلىپ تەسىس قىلىنغان بولۇپ،ھازىرغىچە شۇنداق ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
باي_باي ۋە سايرام ئەسلىدە ئىككى كىچىك شەھەر ئىدى.چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۇنىڭ 8-يىلى(1882-يىلى)ئىككى شەھەر بىرلەشتۈرۈلۈپ،باي ناھىيىسى قىلىپ تەسىس قىلىنىپ، ھازىرغىچە شۇنداق قوللىنىلماقتا.باي ئۇيغۇرچە (باي ئادەم، باي) دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
مەنبە:<<ئاسىيا كىندىكى >>گېزىتىنىڭ9-ئاۋغۇست سانى.
收藏到:Del.icio.us
ئونسۇ، شايار،باي ناملىرى توغرىسىدا
Blog:شىنجاڭ شايار تورى بلوگى2009-06-02 19:36:26