ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-23

    يىپەك يولىدىكى يوتقان - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39784972.html

    يۈكسەك ۋە ھەيۋەتلىك كوئىنلون تېغى گوياكى بىر ئاق ئەجدىھاغا ئوخشاش پامىر ئېگىزلىكىدىن بويتارتقانچە، مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچكى رايونلىرىغا قەدەر سوزۇلۇپ ياتىدۇ. يازنىڭ قاقىرام ئىسسىق كۈنلىرىدە ئۇنىڭدىكى مۇز- قارلار ئېرىپ، شاۋقۇن سېلىپ، ئۆركەشلەپ ئاقىدىغان ئىككى تىز ئېقىننى ھاسىل قىلىدۇ،-دە ھەيۋەت بىلەن شىمالغا ئېقىپ بارىدۇ. كوئىنلۇن تېغىدىن باشلىنىدىغان يۇرۇڭقاش دەرياسى بىلەن قارا قۇرۇم تېغىدىن باشلىنىدىغان قاراقاش دەرياسى ئۇزاق تارىخى يىللار ئىچىدە ھەرخىل ئېسىل قاشتېشىنى باغرىغا بېسىپ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىدىكى مۇنبەت تۇپراقلارنى ئانا سۈت ئەمگۈزگەندەك كېچە- كۈندۈز پەپىلەپ بېقىپ كەلمەكتە. ئارىلىقى 30 كىلومېتىرچە كېلىدىغان ئىككى دەريانىڭ يان بەللىرىدە تار سوزۇنچاق بوستانلىق بار. مانا بۈگۈنكى كۈندىكى خوتەن ۋىلايىتىمىزنىڭ مەركىزى رايونى ، قەدىمى زامانلاردىكى يىپەك يولىدا كۆزنى چاقناتقۇدەك نۇر چېچىپ، تۇرغان مەشھۇر جاي يوتقان. 17- ئەسىردىن ئىلگىرى يوتقان دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. خوتەن ۋىلايىتى شىنجاڭدىكى باشقا جايلارغا ئوخشاش تارىختىن بۇيان ئىلىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي. يىراق قەدىمى زامانلاردا كوشاڭ، جۇ دەۋرىدە بۇ يەر ئوتتۇرا جۇڭگو تۈزلەڭلىكى بىلەن ماددىي ئەشيا ئالماشتۇرۇش ۋە ئادەملەرنىڭ بېرىش-كېلىشىنى باشلىغان ئىدى. ئالدىنقى چىڭ سۇلالىسىنىڭ تارىخى ماتىرىياللىرى ۋە يېقىندا قېزىپ ئېلىنغان ئاسارە ئەتىقىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى ئاشۇ زامانلاردىكى (كوئىنلۇن قاشتېشى) يەنى خوتەن قاشتېشى ئىچكىرى رايونلارغىچە ئۈزۈلمەي چىقىرىلىپ تۇرغان. جاڭ گو زامانىسىدا يېزىلغان (تەڭرىقۇت موتيەنزىنىڭ تەرجىمىھالى ) (شاڭخەي جىڭ) دېگەن كىتاب ناملىرىدا كوئىنلۇن تېغى بويلىرىنىڭ تەبىئىي شارائىتى ھەققىدە خاتىرىلەر پۈتۈلگەن، مىلادى 138- يىلى يەنى خەن ۋۇدى پادىشاھى جىيەن يۈەننىڭ ئۈچىنچى يىلى ئىلىمىزنىڭ مەشھۇر سىياسەتچىسى جاڭ چىيەن غەربى رايونلارغا تۇنجى قېتىم كېلىپ قايتىش ۋاقتىدا يوتقاننىڭ يان تەرىپىدىن يول ئېلىپ ماڭغان. كېيىنچە ئۇ زور ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، غەربتىكى رايونلارغا قايتا كەلگىنىدە ئۇنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئورۇن باسارى يىپەك قاتارلىق نۇرغۇنلىغان سوۋغاتلارنى ئېلىپ، يوتقانغا كېلىپ ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. خەن سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى بۇ جاينىڭ جۇغراپىيىلىك شەكلىنى تەكشۈرگەن. ھەمدە بىرمۇنچە كوئىنلۇن قاشتېشى يېغىپ تولۇق مۇۋەپپەقىيەت بىلەن قايتقان. ئەينى زاماندا بۈگۈنكى كۈندىكى يوتقاننىڭ يان تەرىپىگە جايلاشقان جومى ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلار بىلەن بىرگە چاڭئەنگە بېرىپ ھەرىكەت  قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىنلا جومىنىڭ شاھزادىسى لەيداممۇ ئۇزاققىچە ئىچكىرىگە كېلىپ ئوقۇغان. ھەمدە خەن جاۋدى پادىشاھ تەرەپتىن ياساۋۇل بەگ قىلىپ تەيىنلىنىپ بۈگۈردە ئورۇنلىشىپ تېرىكچىلىك قىلغان. ئۇ خەتەردىن قورقماي ۋەتەننىڭ چېگرا رايۇىنى ئاچقانلىقتىن ھونپەرەس كىيوجا ئاق سۆڭەكلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. دېمەك ئۇ ئۆزىنىڭ ياش ھاياتىنى تەقدىم قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 68- يىلى خەن شۈەندى پادىشاھ ياساۋۇللارنى ۋە ئەمەلدارلارنى ئەۋەتىپ پىچاننىڭ غەربىدىكى بەگلىكلەرگە ھامىيلىق قىلغاندا يوتقان ئىلىمىزنىڭ فېئودال مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ قارمىقىغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇزاق ئۆتمەي ھون قۇلدار ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كۈچلىرى قاتتىق زەربىگە ئۇچراپ، ئىچكى قىسىمى قاتمۇ- قات زىددىيەتكە تولغان ئەھۋالدا ۋاڭ سۇلالىسى خەن سۇلالىسىگە بەيئەت قىلىشقا مەجبۇرى بولغان.

    مىلادىدىن ئىلگىرىكى 60- يىلى يەنى خەن شۈەندى پادىشاھ سىنجۇنىڭ 2- يىلى خەن سۇلالىسى ئوردىسى غەربى زىمىنىدا دوخو مەھكىمىسى تەسسىس قىلىپ، دۆلەت ھۇقۇقىنى يۈرگۈزۈپ گەنسۇنىڭ يۈمىن گۈەن ۋە ياڭ گۈەننىڭ غەربىنى جۈملىدىن شىنجاڭ قاتارلىق رايۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ زىمىننى ئۆز قارىمىقىغا كىرگۈزۈپ، يوتقان بەگلىكلىرىنى ئىدارە قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن. ئۇ زامانلاردا بۇ جايلارنىڭ مۇھىم ئەمەل مەنسەپلىرىنى خەن سۇلالىسىنىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى رەسمى مۆھىرلەپ (تامغا بېسىپ) تەيىنلىگەن.  ھەتتا يوتقاننىڭ شەرقى ۋە غەربىدىكى ئىككى شەھەرنىڭ باشلىقلىرىمۇ خەن سۇلالىسىنىڭ مۆھىرى بېسىلغان چەن تاقاپ يۈرۈيدىغان ئەمەلدارلار بولغان

    ئەسلى غەربى خەن سۇلالىسى زامانىدا يوتقانغا قاراشلىق جايلار پەقەت ھازىرقى خوتەن، قاراقاش، لوپتىن ئىبارەت 3 ناھىيە بىلەنلا چەكلىنەتتى. شەرقى خەن سۇلالىسىدىن كېيىن، توتقان جەنۇبتىكى يوللارنى تەنھا ئىگەللەپ، جومى (ھازىرقى گۇما ناھىيسىنىڭ تەۋەسى)، چورلى (ھازىرقى كېرىيە ناھىيسىنىڭ فولو ئەتراپىدا)، روڭلو (ھازىرقى نىيە ناھىيسىنىڭ غەربى جەنۇبى)، قاتارلىق شەھەرلەرنى ئارقا- ئارقىدىن قوشۇۋالغان. شەرق تەرەپتىن جىڭجۇ (ھازىرقى نىيە ناھىسىنىڭ شىمالى) غەرب تەرەپتىن ساركول (ھازىرقى يەكەننىڭ ئەتراپىدا) لەر گىچە كېڭىيىپ 1000 چاقىرىم كېلىدىغان زىمىننى ئۆز تەۋەلىكىگە ئالغان. مەملىكەت بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، يېپەك يولىنىڭ راۋانلىشىشى يوتقانغا ئاۋاتلىق ۋە مەمۇرچىلىق كەلتۈرۈپ بەرگەن. شۇڭا مىلادى 73- يىلى بەنچاۋ غەربى رايۇنلارغىچە كىلىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان چاغلاردا يوتقان قاتارلىق جايلاردىكى بەگلىكلەرنىڭ قوللىشىغا سازاۋەر بۇلۇپ، ئۇنى ئاشۇ جاينى بازا قىلىپ، خەن چاڭدى پادىشاھنىڭ خاتا يارلىق پەرمانىغا قەتئى تۈردە تاقابىل تۇرۇپ، شەرققە چېكىنىشىنى رەت قىلىپ ھونلارنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى تازىلاپ، يېپەك يولىنىڭ راۋانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەش يولىدا ئالاھىدە تۆھپە يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. شەرقى خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە مەركىزى ئوردىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن بىرتۇتاش ئىدارە قىلىش ھۇقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە ئەۋەتىلگەن غەربى رايۇننىڭ ئەمەلدارى يوتقانغا كۆچۈپ بېرىپ بۇ يەرنى بىر مەزگىل تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبى تەرىپىنىڭ سىياسىي مەركىزىگە ئايلاندۇرغان. ئۈچ پادىشالىقنىڭ ۋىي، جىن جەنۇبى ۋە شىمالى سۇلالىلەر زامانىسىدا گەرچە مەركىزى ئوردىدا كۆپ قېتىم ئالمىشىشلار بۇلۇپ، چەت- ياقا جايلاردىن خەۋەر تېپىشقا ئارامى تەگمىگەن بولسىمۇ، لېكىن يوتقاننىڭ يەرلىك ھاكىمىيىتى يەنىلا ئوتتۇرا جوڭگۇ تۈزلەڭلىكىدىكى فىئۇدال سۇلالىلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئۆزىنىڭ تەۋەلىك مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلىگەن. شۇڭا جىن سۇلالىسى يوتقان پادىشاھىغا (جىن سۇلالىسىنىڭ ئەمىر پەرمانلىرىنى ئىجرا قىلىپ، جىن سۇلالىسىگە يېقىن تۇردى) دەپ نام بەرگەن. بىراق بىر مەزگىل بۆلۈنۈپ، گېجو بۆلۈۋېلىش، مىللى ئۇرۇش يېغىلىقلار تۈپەيلىدىن يوتقان كۆپ قېتىم ئۇرۇش ئاپىتىگە دۇچار بۇلۇپ تويوخونلارنىڭ ئاتامىنى مولتىڭنىڭ كۆپ قېتىملىق كۆيدۈرۈش ئۆلتۈرۈش بۇلاڭ- تالاڭ قىلىشقا ئۇچرىغان. كەڭ ئامما ئىنتايىن ئېغىر ئازاب ئوقۇبەت تارتقان بىر قانچە تۈمەن ئادەم ئۆلگەن. يوتقان خەلقى ئاچچىق رىئاللىق داۋامىدا ئوتتۇرا جوڭگۇ تۈزلەڭلىكىگە تېخىمۇ تەلپۈنۈپ، مەملىكەتنىڭ بىرلىكىنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن.

        مىلادى 581- يىلى سۇي سۇلالىسى ئوتتۇرا جوڭگۇ تۈزلەڭلىكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، غەربى رايۇنلارغا قاتنايدىغان يوللارنى يېڭى باشتىن ئاچقان. ئۇنىڭ ئورنىنى باسقان تاڭ سۇلالىسى بۇلۇپمۇ تاڭ تەيزۇڭ ئازسانلىق مىللەتكە بىر قەدەر توغرا سىياسەت قوللانغانلىقتىن تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمران كۈچلىرىنى قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن يوتقاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان، غەربى رايۇنلاردىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى قايتىدىن مەركىزى فىئودال سۇلالىنىڭ ئىدارە قىلىشىغا كىرگۈزۈپ تىنچ ۋەزىيەتكە ئىگە قىلغان.

      مىلادى 755- يىلى ئەنلوشەن شىسىمىن توپىلىڭى كۆتۈرۈلگەندە يوتقان پادىشاسى يويچى شىڭ ئۆزى بىۋاستە 5 مىڭ لەشكەرنى باشلاپ، ئىچكى رايۇنلارغا ئاتلىنىپ، توپلاڭچى تىنجىتىشقا قاتناشقان. ئۇ ئوردىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغاچقا، چاڭئەندە يوتقانغا قايتماي ئۇزاققىچە تۇرۇپ قالغان. بەش دەۋىر ۋە ئون پادىشاھلىق زامانىسىدا كېيىنكى جىن سۇلالىسى جاڭ گۇاڭيەن قاتارلىقلارنى يوتقانغا ئەۋەتىپ يوتقان پادىشاھى لى شىڭتىيەنگە (بۈيۈك گۆھەر يوتقان پادىشاسى) دەپ نام بەرگەن. لى شىڭتىيەننىڭ ھاكىمىيىتى تەشەببۇسكار ھالدا ئوردا بىلەن ئالاقە قىلىشىپلا قالماستىن بەلكى دۇنخۇاڭدا تۇرۇشلۇق سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ھەقىقەتكە قايتقان قوشۇنىنىڭ ھىراۋۇل بىگى ساۋ جەمەتى بىلەن قۇدا بۇلۇشۇپ ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان. كېيىنچە ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلىدىغان قارا خان خاندانلىقى گەرچە لىشىڭتىيەن ھاكىمىيىتىنىڭ ئورنىغا چىققان بولسىمۇ لېكىن يوتقان سۇڭ سۇلالىسى مەركىزى ئوردىسى بىلەن يەنىلا قۇيۇق بېرىش كېلىش قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، سۇڭ سۇلالىسىغا سوۋغات يوللاپ مەركىزى ئوردىسىنىڭ ئادەم ئەۋەتىپ، (يىراقتىكى پۇقىرالارنىڭ بېشى مەسىلىسى) نى جىددى تەلەپ قىلغان. مىلادى 1063- يىلى سۇڭ رىنجۇڭ قاراخان خاندانلىقىنىڭ يوتقان پادىشاھىغا ساداقەتلىك ۋە ئىتائەتچان خاقان دەپ نام بىرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ تەۋەلىك جەھەتتىكى قويۇق مۇناسىۋىتىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن. جاڭ چىيەننىڭ غەرپكە يۈرۈش قىلىشى بىلەن ئېچىلغان جوڭگۇنىڭ غەرپكە قاتنايدىغان دەرۋازىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئۇ بېسىپ ئۆتكەن يوللار بۇيىچە داۋام قىلىپ، كېيىنرەك شەكىللەنگەن يېپەك يولى شەرقتىن غەربكىچە ئۆتۈشۈپ تۇرغان. ئىقتىساد مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدىغان داغدام يولغا ئايلانغان. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان ئىككى چوڭ يول بار بۇلۇپ، بىرسى ياڭگۈەندىن چىقىپ كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالى ئىتىكىنى بويلاپ مېڭىپ فىچان (ھازىرقى چاقلىقنىڭ ئەتىراپىدا) يوتقان سار كۇللاردىن ئۆتۈپ ئاندىن كېيىن پامىرئىگىزلىكىدىن ئېشىپ ئۆتۈپ، ئۇلۇغ يۇتىچى (ھازىر ئافغانىستان تەۋەلىكىدە) ئارساق (يەنى ھازىرقى ئىران)غا بارىدىغان يول؛  يەنە بىرسى شىمالى يول بۇلۇپ، فىچاننىڭ جەنۇبىدىكى يول بىلەن ئاچال ئايرىپ قۇچۇ ئالدىنقى ئوردا (ھازىرقى تۇرپان ئەتىراپىدا) دىن چىقىپ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ئىتىگىنى بويلاپ سۇرىگە (ھازىرقى قەشقەر) گە كېلىپ، پامىر ئىگىزلىكىدىن ئېشىپ ئۆتۈپ، داۋان كاڭجۇ قاتارلىق جايلارغا بارىدىغان يول، سۇي سۇلالىسىدىن كېيىن يەنە تيانشاننىڭ شىمالىدىكى يول ئوتتۇرا ئاساسىي يول بۇلۇپ قالغان. جەنۇبتىكى يوللاردا قاتناش ئاۋۋالقىدەكلا داۋاملاشتۇرىۋەرگەن، جەنۇبى يولغا جايلاشقان يوتقان، خەن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سىجىل ھالدا شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم قاتناشنىڭ راۋانلىشىشىغا ئەگىشىپ غايەت زور ئىقتىسادى مەنپەئەت ئالغان. ھەم كۈنسىرى ئاۋاتلىشىپ، راۋاج تاپقان. شىمالى ۋى خاندانلىقى دەۋرىدە يوتقان تەۋەسى ئىچىدە 5 چوڭ شەھەر بىرقانچە 10 كىچىك شەھەر بۇلۇپ، پادىشاھنىڭ شەھىرىدە (پۇخرالار كۆچۈپ ئولتۇراقلاشقان) (ئۆي ئىمارەتلەر سېلىنىپ، بازارلار بىنا قىلىنغان). ئەينى زامانلاردا شۇ جايلاردىن يېپەك، پولات، تۆمۈر قاتارلىق ھەرخىل ماللارنى ئات تۆگىلەرگە ئارتىپ ئۈزۈلمەي ئۆتۈپ تۇرغان كارۋانلار مۇشۇ يول بىلەن غەرپكە سەپەر قىلىپ ماللىرىنى يىراق بولغاندا پىرىسىيە، ئابباسىلەردىن تارتىپ تاكى غەرپتىكى رىم ئىمپىرىيىسى قاتارلىق ياۋرۇپا، ئاسىيادۆلەتلىرىگە ئاپىرىپ ساتقان. غەربنىڭ يۇڭ توقۇلما ماللىرى، دورا، ئەتتىر ماتىرىياللىرى ۋە ھەرخىل قىممەتلىك ئەتىۋار بۇيۇملىرىمۇ شەرققە ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرۇشى بىلەن ئىلىمىز خەلقىنىڭ ماددى، مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتقان. بەزىلىرى فىئۇدال ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ ئەيش- ئىشرەت كەيىپ- ساپالىق تۇرمۇشىدىكى زۈرۈر بۇيۇملاردىن بۇلۇپ قالغان. ئىچكى رايۇنلارنىڭ نەپىس چىرايلىق، رەڭگارەڭ يېپەك توقۇلمىلىرى كۆپلەپ غەرپكە يۆتكەپ بېرىلغاچقا يېقىندىن بۇيان خوتەن ۋىلايىتىدىن قىزىۋېلىنغان مەدەنى يادىكارلىقلار ئىچىدىكى ناھايىتى نۇرغۇن يېپەك توقۇلما ماللارنىڭ،  مەسىلەن: نىيىنىڭ كونا ئورنىدىكى شەرقى خەن سۇلالىسىنىڭ قەبرىسىدىن تېپىلغان كېيىم-كېچەك بىزەكلەرنىڭ ھەممىسى دېگىدەك يېپەك ماللىرى ئىكەنلىگى ھەمدە ئۇلارغا نەپىس نازۇك كەشتىلەر بېسىلىپ، گۈللەر توقۇلغانلىقى ھەم (ئەبەدىل ئەبەد ئارمانلىرىغا قانغايلار)، (ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەيلا)، (نەۋرە- چەۋرە كۆرگەيلا) دېگەندەك خەتلەر بېسىلغانلىقى ئۇچىرىتىلغان. بۇ يېپەك توقۇلما بۇيۇملارنىڭ رەڭگى شوخ نۇسخىلىرى ئېسل بۇلۇپ، يېپەك يولىنىڭ تارىخى گۇۋاھچىسىدۇر.

    يوتقان مۇھىم قاتناش يولى ئۈستىگە جايلاشقاچقا، ئوتتۇرا جوڭگۇ تۈزلەڭلىكىدىكى ھەرقايسى جايلار ۋە باشقا جايلارنىڭ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىلىرىنى قۇبۇل قىلىشىغا قۇلايلىق يارىتىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن قەدىم زاماندىكىلەردە ھەرخىل قول سائىتى مەسىلەن: پاختا توقۇمىچىلىق، يۇڭ توقۇمىچىلىق، يېپەك تارتىش، شايى ئەتلەس تاۋار توقۇش، مىتالچىلىق، قەغەزچىلىكلەر خېلى بۇرۇنلا پەيدا بۇلۇپ راۋاجلانغان. كىگىز-زىلچە گىلەملەرنىڭ ئۇزۇندىن بېرى داڭقى چىقىپلا قالماستىن ئىلىمىزدە قىزىپ ئېلىنغان ئاسارە- ئەتىقىلەر ئىچىدىكى ئەڭ بالدۇرقى بىر پارچە بوز رەختمۇ نىيىنىڭ خەن سۇلالىسىنىڭ زامانىسىدىكى يادىكارلىقلاردىن تېپىلغان.

    ئەڭ كېيىن دېگەندىمۇ تەخمىنەن ۋىي، جىنلارنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى سۇلالىلەر دەۋرىدە پىلە قۇرتى بېقىش تېخنىكىسى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن يوتقانغا تارقىلىپ كەلگەن. يازما خاتىرلەردە (بۈيۈك تاڭ سۇلالىسىنىڭ غەرپ رايۇنلىرى ھەققىدىكى خاتىرلىرى) دىكى شەرق بەگلىكىنىڭ مەلىكىسى پىلە ئۇرۇقىنى تۇماق ئىچىگە يۇشۇرۇپ، يوتقانغا ئېلىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە يېزىلغان ھېكايە ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە قۇيۇق ئالاقە باغلاپ كەلگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ. شۇڭا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ يەردە بۈك- باراقسان ئورمانزارلىقلار رەت- رەت كەتكەن. كىشىلەر بوز رەختلەردە كىيىم كىيىدىغان بولغان. ئىيتىشلارغا قارىغاندا، 7- ئەسىردە پىلە ئۇرۇقى غەرپكە تارقالغان. يەنى ئىككى نەپەر ئىران ئەلچىسى پىلە قۇرتىنى ئىچى كاۋاك بامبۇك تاختىغا سېلىپ، يوتقان ئارقىلىق ئىرانغا ئېلىپ كەتكەن.

    يوتقاندا سودا ئالاقە بېرىش كىلىشلىرى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ (بەش جولۇق پۇل) (كەييۈەن توڭ باۋسى) (چىيەن يۈەن توڭباۋسى) بۇ يەرگە كۆپلەپ ئېقىپ كىرگەن. ھەرقايسى جايلاردىن تېپىلغان يادىكارلىقلاردابۇلار ئۇچرايدۇ. ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇچرىتىلغان غەرپنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى يەرلىك پۇلى خەن چۇي يەنى خوتەننىڭ داچەن پۇلى بۇ نۇختىنى تېخىمۇ چۈشەندۈرۈپ بىرەلەيدۇ. بۇ پۇل يۇمۇلاق تۈشىكى بارچوڭ ئىككى خىل يۇمۇلاق شارسىمان مىس بۇلۇپ، بۇ يوتقاننىڭ ئاشۇ زامانلاردا ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم تۈزۈمىنى قوللانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. خەن چۇي ئىككى شەكىللىك داچەن پۇلنىڭ يۈزىگە خەنزۇ يېزىقى بىلەن چويلو يېزىقى ئويۇلغان. قۇيۇپ ياسىلىشى، تارقىلىشى تەخمىنەن مىلادى 2- ۋە3- ئەسىرلىرىگە توغرا كىلىدۇ. ئۇنىڭ ئوڭ يۈزىگە خەنزۇچە خەت ئويۇلغانلىقى ئۇنىڭ خەن سۇلالىسىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن ھاكىمىيەت شارائىتىدا قۇيۇپ ياسالغان يەرلىك پۇل ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. يېپەك يولى راۋانلىشىپ، گۈللىنىپ، ئاۋاتلاشقان خەن، تاڭ سۇلالىرى دەۋىرلىرىدە يوتقان ئىقتىسادى جەھەتتىنلا تىلغا ئېلىشقىلا ئەرزىمەستىن مەدەنىيەت ۋە سەنئەت جەھەتتىنمۇ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ۋە ئىپادىلەش شەكىللىرىگە ئىگە بولغان. 17- ئەسىردە ئىسلام دىنى تارقىلىپ كىرىشتىن ئىلگىرى يوتقان غەرپتىكى بۇددا دىنىنڭ مەركىزى بولغان شەرقى جىن سۇلالىسىدىن راھىب ماشىئەن، شىمالى ۋىي سۇلالىسىدىن راھىب سوڭيۈن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى راھىب شۈەنجۇڭلار بۇ يەردە دەريالارنى كېچىپ تاغ داۋانلارنى كېسىپ ئۆتكەن ئاياق ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن. شۈەنجۇڭ ھېندىستاندىن بۇددا دىنى ئېلىپ قايتىشتا بۇ يەردە ناھايىتى ئۇزاق تۇرۇپ قالغان. شۇڭا ئۇنىڭ (بۈيۈك تاڭ سۇلالىسىنىڭ غەربى رايۇنلىرى ھەققىدىكى خاتىرلىرى) دېگەن كىتابىدا ئاشۇ زامانلاردىكى يوتقان (چوسادەننا) نىڭ قىياپىتى ھەققىدە تەپسىلى بايانلار يېزىلغان. دىنى خۇراپاتلىققا ياتىدىغان شەكىللەرنى چىقىرىپ، تاشلىغاندا بۈگۈنكى كۈندە  ئۇ كىتاب بىزنىڭ ئاشۇ زامانلاردىكى يوتقاننىڭ ئىجتىمائى ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشىمىزدا مۇھىم ئاساسىي ماتىرىيال بولالايدۇ. بۇددا دىنىنىڭ ئەۋج ئېلىشى ئۈستىقۇرۇلمىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە تەسىركۆرسەتكەچكە قەدىمى يوتقاننىڭ  مەدەنىيىتىدە ئۆزىنىڭ چوڭقۇر تامغىسىنى قالدۇرغان. بۇددا دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان جىيەن تۇلۇ سەنئىتى بۇ يەردە تۇلۇق راۋاجلىنىش زىمىنى تاپقان. بۇ يەردە ساز مۇزىكىلار ئەتىۋارلىنىدۇ، كىشىلىرى ناخشا- ئۇسسۇلغا ئامراق دەپ نام بىرىلگەن. (يوتقان بۇددا كۈيى) مىلادى 4- ۋە 5- ئەسىرلەردە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تارقىلىپ كىرىپ، بىر مەھەل ئەۋج ئالغان. بولۇپمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى قەدىمكى يوتقاندا سىزمىچىلىق سەنئىتى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن. خەن، جىن سۇلالىرىدىن كېيىن يوتقاندا (پادىشاھ سىزما سىزىلغان ئۆيدە ئولتۇرغان) تام سىزمىلىرى ئەۋج ئالغان، گۈزەل سەنئەت ساھەسىدە ئىختىساس ئىگىلىرى كۆپلەپ مەيدانغا كەلگەن. مەسىلەن؛ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە چاڭئەندە پائالىيەت ئېلىپ بارغان راھىب ۋىي چىيى ئاتا- بالا غەرپنىڭ ئالاھىدە بوياق بىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق توق ۋە سۇس رەڭدە قائىدىلىتىپ، نۇرنىڭ ئوچۇق ۋە تۇتۇقلىقىنى ئىپادىلەپ، رەسىمنى ئەينەكلىك تەسىراتىغا باي قىلىپ سىزىپ، پايتەخت بويىچە شان- شۆھرەتكە سازاۋەر بولغان. ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ رەسىم سەنئىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل سەنئەت تارىخىدا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قالدۇرغان ئىدى. قەدىمقى يوتقان ئىلىمىز تارىخىدا مۇھىم چېگرا مۇداپىئە بازىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئاشۇنداق مەرتىۋە ۋە تەسىرگە ئىگە بولغان.

     ئىلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى ياراتقان تارىخى سەھىپىلەردە ئۇنىڭغا ئائىت شانلىق بەتلەر بولۇپلا قالماستىن بەلكى كىشىلەر دۇنياغا داڭقى كەتكەن يېپەك يولىنى تىلغا ئالغىنىدا ئىلىمىز خەلقىنىڭ غەربى ئاسىيا، ياۋرۇپا قىتئەلىرىدىكى ھەرقايسى ئەل خەلىقلىرى بىلەن بولغان ئۇزاق تارىخى دوستانە بېرىش-كىلىشلەرنى بايان قىلغان چاغلىرىدىمۇ كونىچە بىر قەدىمى ياڭراق نامنى ئەسكە ئالىدۇ. شۇڭا يېقىندىن بۇيان خەلقئارادىكى بىرنەچچە دوستلار يىراق يوللارنى بېسىپ بۇ يەرگە كىلىپ، ئىكىسكۇرىسسىيە زىيارەتتە بولدى.

     

     

    بۇ ئەسەرنى باشقا تور بەتلەرگە كۇچۇرۇشكە روخسەت قېلىنمايدۇ.

     

    مەنبە: 

     

    خوتەن گېزىتى 1979-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.