ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-23

    ئۇيغۇرلار تارىخىدا يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر يىلنامىسى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39784825.html


    ئۆزمىللىتىنى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى چۈشىنىش ناھايىتى مۇھىم . بىز ئۆز تارىخىمىزنى سۇدەك يادقا بىلەلمىسەكمۇ ، يۈزەكى بولسىمۇ بىر تونۇشقا كېلىپ قالغىنىمىز ياخشى .
        ---------------------------------------                      
         مىلادىدىن بۇرۇن ۋە كېيىن
        
       ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئاتا-بوۋىسى بولغان تۇغلۇقلار شەرقىي ۋە غەربى قىسمغا بۆلۈنگەن بولۇپ ، ئۇلار ئالتۇن تاغ ( ئالتاي تېغى ) نىڭ ئىككى تەرىپىدىكى جايلارغا ئورۇنلاشقان ئىدى . بۇزېمىننىڭ شەرقى قىسمى بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبى تەرىپىدە ، غەربى قىسمى بولسا بايقال كۆلى بىلەن ئېرتىش دەرياسى ئارلىقىدىكى جايلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ .
           
    مىلادى 4 -ئەسىرلەردە تۇغلۇقلار جەنۇپقا پىيادە يۈرۈش قىلدى . شەرقى تۇغلۇقلار ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىدا ، غەربى تۇغلۇقلار تىيانشاننىڭ شىمالىي ۋە غەربى قىسمىدىكى يايلاقلاردا كۆچمەنلىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈردى . بۇچاغقا كەلگەندە تۇغلۇقلار دىگەن نامنىڭ ئورنىنى تۇرالار دىگەن نام ئىگەللىدى . شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھارۋىسىنىڭ چاقى ئىگىز بولغانلىقتىن ، ئىگىز قاڭقىللار( ئېگىز ھارۋىلىقلار ) دەپمۇئاتالدى . ئون ئوغۇز دېگەن نام بارلىققا كەلدى . بىرقىسىم قاڭقىللارنىڭ سىلىنگادالاسىدا ياشىدى .
                               
    مىلادىنىڭ 429-يىلى 
     
    بايقال كۆلى ئەتراپىدىكى ئېگىز قاڭقىللارنىڭ شەرقىي قىسمىدىكىلەردىن نەچچە ئونمىڭ كىشى ۋېي سۇلالىسىگە ئەل بولدى .
                              
     مىلادىنىڭ487-يىلى                                                                             
     
    ئىگىز قاڭقىلار بوركلى قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئاۋۇزلۇ چوڭچىلار ، ئۆزقەۋمىدىن 100مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى باشلاپ ئېگىز قاڭقىلارنىڭ غەربىي شىمالىغا كۆچۈپ بېرىپ ، ئۆز ئالدىغا خانلىق تىكلىدى .
                          
     مىلادىنىڭ 490-508-يىللىرى
     
    مىلادى 490- يىلى ئاۋۇزلۇ سودىگەر خۇيۇ جېنى شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ پايتەختىگە ئەۋەتىپ ئىككى دانە ئوقيا تەغدىم قىلدى ...
                              
     مىلادىنىڭ 951-يىلى

      قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى كېيىنكى جۇسۇلالىسى پادىشاھىغا تۇتۇق ئەۋەتىپ ، ئىچكىرى بىلەن بولغان  ئىقتىسادى ، مەدەنىي مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن . كېيىنكى جۇسۇلالىسى ھۆكىمىتى تەدبىر قوللىنىپ ، ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان خەلق ئوتتۇرسىدىكى سودىنى كەڭ قۇيۇۋەتكەن . ئۇيغۇر سودىگەرلەر ئاساسلىقى قاش تېشى ، يۇڭ ، تېرە ، دورا - دەرمەكلەرنى ئالتۇن كۆمۈشكە ئالماشتۇرغان .
                          
     مىلادىنىڭ 956-يىلى
      سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئالەمدىن ئۆتتى . ئۇنىڭ جەسىتى ئاتۇشقا دەپنە قىلىندى . ئوغلى بايتاش ( مۇسا بىننى ئابدۇكېرىم ) خانلىققا ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئۆزىنى « ئارىسلانخان » دەپ ئاتىدى ۋە قەشقەردە تۇردى . سۇتۇق بۇغراخاننىڭ 2 - ئوغلى سۇلايمان بالا ساغۇنغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى .
                           
    مىلادىنىڭ 960-يىلى

    200 مىڭ ئۆيلۈك تۈرك خەلقى ئىسلام دىنىغا كىردى . مۇسا ئىبنى ئابدۇكېرىم ئارىسلانخان ئسلام دىنىنى دۆلەت دىنى دەپ جاكارلىدى . 
                        
       مىلادىنىڭ 981-يىلى
     
    ئىدىقۇت ئۇيغۇر پادىشاھى ئۆزىنى شىجۇدىكى جىيەن شىر ئارسلانخان دەپ ئاتاپ ، موسوۋىنى سۇڭ سۇلالىسىغا ئەۋەتتى . سۇڭ سۇلالىسىمۇ ، جاۋابەن ۋاڭيەندى قاتارلىقلارنى سۇجۇغا ئەۋەتتى . 
                          
     مىلادىنىڭ 982-يىلى

     ۋاڭ يەندى بەشباللىقتا ئۇيغۇر خانى بىلەن كۆرۇشتى . ئىدصقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا تارتۇق تەقدىم قىلدى . 983 - يىلى ۋاڭ يەندى قايتىدىغان چاغدا ، ئىدىقۇت پادىشاھى 100 كىشلىك ئەلچىلەر ئۆمىكىنى سۇڭ سۇلالىسىغا ئەۋەتتى .
                          
     مىلادىنىڭ 990-يىلى
      قارخانىلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى بۇغراخان ھەسەن لەشكەر تارتىپ ئىسىپىجان شەھرىنى ئالدى .
                        
       مىلادىنىڭ 992-يىلى 
     
     بۇغراخان ھەسەن ماۋرا ئۈنھەرىگە ھۇجۇم قىلىپ سەمەرقەند بىلەن بۇخارانى ئشغال قىلدى . شۇنىڭدىن تارتىپ سامانلار خانلىقى زەئىپلىشىشكە يۈزلەندى .
                           
    مىلادىنىڭ 999-يىلى 
     قاراخانلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ئصلىك ناسىرى سامانلار خانىلىقىنى ئۇزۇل -كېسىل يوقاتتى .
                        
     مىلادىنىڭ 1069-1070-يىللىرى
     
    بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ خاس ھاجىپ « قۇتادقۇ بىلىك » داستانىنى يېزىپ چىقتى .
                        
     مىلادىنىڭ 1072-1074يىللىرى

     قەشقەرلىك مەھمۇت قەشقىرى « تۈركى تىللار دىۋانى » نى يېزىپ چىقتى .
                        
     مىلادىنىڭ 1141-يىلى 


     غەربىي لياۋ لەشكەرلىرى سەمەرقەندنىڭ شىمالىدىكى كاتۋان يايلىقىدا سالجۇقلارنىڭ لەشكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشتى ، سالجۇقلارنىڭ لەشكەرلىرى يىڭىلىپ قالدى . ماۋرا ئۈنەھرى رايونى لياۋنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن غەربىي قاراخانىيلار سۇلالىسى غەربىي لياۋغا قارام بۇلدص .
                     
      مىلادىنىڭ 1211-يىلى

      نايمانلار خانى كۈچلۈك گورخان غەربىي لياۋ پادىشاھى چورۇقنىڭ خانلىق ئورنىنى تارتىۋالدى. غەربىي لياۋ سۇلالىسى مۇنقەرىز بولدى .
                     
    مىلادىنىڭ 1212-يىلى
     خارەنزىم شاھى مۇھەممەت بىننى مەسئۇد سەمەرقەندنى ئىشغال قىلىپ ، غەربىي قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ سۇلتانى ئوسمان بىننى ئىبراھىمنى ئۆلتۈردى . غەربىي قاراخانىلارسۇلالىسى مۇنقەرىز بولدى .
                      
     مىلادىنىڭ 1219-يىلى
     
    چىڭگىزخان لەشكەر تارتىپ چىقىپ غەرىبكە يۈرۈش قىلدى . قوجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىدىقۇتى تۈمەنمىڭ لەشكەربىلەن چىڭگىزخانغا قوشۇلدى . 
                   
        مىلادىنىڭ 1225-يىلى
     
    چىڭگىزخان ئۆزى بويسۇندۇرغان جايلارنى ئوغۇللىرىغا تەقسىم قىلىپ بەردى . 2- ئوغلى چاغاتايغا ۋە 3- ئوغلى ئوگدايغا غەربتىكى كەڭ زېمىننى بەردى . 
    قوجۇ ئىدىقۇت مۇڭغۇللارغا ھەممىدىن بۇرۇن قارام بولدى . شۇڭا قۇجۇ رايونى يەنىلا ئۆزىنىڭ قارمىقىدا بولىۋەردى . 
                             
       مىلادىنىڭ 1251-يىلى     

    مۇڭغۇللار بەشباللىق قاتارلىق جايلاردا ئۆلكە دىۋان ۋازارىتى تەسسىس قىلىپ ، غەربىي رايوننىڭ ھەربىي ، مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدارلارنى تەيىنلىدى . بۇ تارىختا غەربىي رايون بويىچە ھەممىدىن ئەۋزەل تەسسىس قىلىنغان ئۆلكە ۋازارىتى ئىدى .
                             
    مىلادىنىڭ 1274-يىلى   

    يۇەن سۇلالىسى ئودۇن ، يەركەنلەردە 13 سۇلۇق ئۆتەڭ قۇردى ۋە خوتەن قاش تېشى ئىشچىلىرىنى ھاشغا تۇتۇشنى كەچۈرۈم قىلدى .
                               
    مىلادىنىڭ 1275-يىلى 

    چاغاتاينىڭ نەۋرصسى دۇۋا قاتارلىقلار 12 تۈمەن لەشكەر تارتىپ چىقىپ ، قۇجۇنى ئالتە ئايغىچە مۇھاسىرە قىلۋالدى . ماھاسىرە تۈگىگەندىن كېيىن ئىدىقۇت قۇجۇنىڭ جەنۇبىدىكى قۇمۇلدا بوز يەر ئاچتى .
                             
    مىلادىنىڭ 1324-1328-يىللىرى

    ئۇيغۇرلار زىمىنىغا كېيىنكى چاغاتاي خانلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلدى .
                               
    مىلادىنىڭ 1346-يىلى
       
    مۇڭغۇل قەبىلىلىرىدىن دوغلات قەبىلىسىنىڭ باشلىقى پىداجى چاغاتاي جەمەتىدىن بولغان تۇغلۇق تۆمۈرنى خانلىققا كۆتۈردى ( ئاقسۇدا ).
                               
    مىلادىنىڭ 1370-يىلى 
         
    چاغاتاي خانلىقى مۇنقەرىز بولدى .
                               
    مىلادىنىڭ 1383-يىلى 
       
    تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ ئوغلى قىدىر خوجا بەشباللىقنىڭ چاغاتاي خانىلىقىغا كۆتۈرۈلدى .
                               
    مىلادىنىڭ 1391-يىلى
        
     قىدىرخان خوجا ئەلچى تەيىنلەپ مىڭ سۇلالىسىگە تارتۇق ئەۋەتتى . مىڭ سۇلالىسى پادىشاھىمۇ ئەلچى تەيىنلەپ قىدىرخان خوجىغا نامە يوللاپ مىڭ سۇلالىسىنىڭ سىياسىتىنى ئىزھالىدى . شۇنىڭدىن كېيىن تاكى مىڭ سۇلالىسىنىڭ يوڭلار يىلىغا قەدەر قىدىر خوجا ھەريىلى دېگۈدەك مىڭ سۇلالىسىغا تارتۇق ئەۋەتتى .
                               
    مىلادىنىڭ1403-يىلى
       
    قۇمۇل ۋاڭى ئوڭغۇ تۆمۈر مىڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ 4700 ئات تارتۇق قىلدى . مىڭ سۇلالىسىمۇ پۇل قايتۇردى . تارتۇق قىلىنغان ئاتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى چىگرا قوغدۇغۇچى ئاتلىق ئاتلىق ئەسكەرلەرگە تارقىتىپ بەردى .
                           
    مىلادىنىڭ 1404-يىلى
       
    مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى قۇمۇل ۋاڭنى ئوڭغۇ تۆمۈرنى ساداقەتلىك ، ئىتائەتمەن دەپ ئاتىدى ھەم ئالتۇن مۆھۈر ئىنھام قىلدى .
                           
    مىلادىنىڭ 1680-يىلى
       
    17- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جەنۇبى شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان خوجىلار « ئاق تاغلىق » « قارا تاغلىق » « ئاق تاقىيە » « قارا تاقىيە » دەپ ئىككگە بۆلۈندى ، ۋە ئۆزئارا ھوقۇق تالاشتى .
        17 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە بۇلار ئوتتۇر سىدىكى زىدىيەرت كۈندىن-كۈنگە كەسكىنلەشتى . يەركەن خانلىقىنىڭ سۇلتانى ئىسمايىل خان قارا قاغلىقلارنى قوللاپ ، ئاق تاغلىقلار نىڭ غوجىىسىنى قەشقەردىن قوغلاپ چىقاردى . ئاپئاق دالايلاما ۋە جۇڭغارلارنىڭ خانى غالدان بىلەن كۆرۈشۈپ ، جەنۇبى شىنجاڭ دىكى سەئىدىيە دۆلىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەربىي ياردەم سورىدى . شۇيىلى غالدان قوشۇپ بەرگەن ئەسكەرلەرنى باشلاپ كېلىپ يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى . ئاپئاق خوجا جەنۇبى شىنجاڭنىڭ قورچاق خانى بولدى . بۇ قورچاق خانلىق ھەريىلى جۇڭغارلارغا 100 مىڭ سەر كۈمۈش خىراجەت ، 100 مىڭ ئۇلاغ ماتاچەكمەن تۆلىدى .
                           
    مىلادىنىڭ 1696-يىلى
       
    جۇڭغارلارنىڭ خانى غالدان ئۆلدى . ئۇنىڭ ئورنىغا چىۋان ئاراپتان ۋارىسلىق قىلدى . جەنۇبىي شىنجاڭدىكلەر بۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ جۇڭغارلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدى .
                             
                                   
    مىلادىنىڭ 1700-يىلى
     
    چىۋان ئاراپتان لەشكەر تارتىپ كېلىپ ، جەنۇبىي شىنجاڭنى قايتا بويسۇندۇردى ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھۆكىمرانلىق ھوقۇقى ئاق تاغلىقلار قولىدىن قارا تاغلىقلار قولىغا ئۆتتى . جۇڭغار خانى چىۋان ئاراپتان قارا تاغلىقلارنىڭ ئاقساقىلى دانىيال خوجىنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خانى قىلىپ تەيىنلەپ ، ھەر يىلى جۇڭغارلارغا ئون تۈمەن كۈمۈش پۇل ئولپان تاپشۇرۇشنى بەلگىلەپ ئىلىغا قايتىپ كەتتى .
                                   
    مىلادىنىڭ 1755-يىلى
     
    چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى جۇڭغار خانلىقىنى يوقىتىپ ، ئۇنىڭ 70 نەچچە يىللىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەردى .
                                   
    مىلادىنىڭ 1759-يىلى
     
    چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى لەشكەر تارتىپ ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چوڭ- چوڭ خوجا ( بۇرھاندىن خوجا ۋە خوجا جاھان ) لارنىڭ توپىلىڭىنى تىنجىتىپ شىنجاڭ رايونىنى يىڭىباشتىن بىرلىككە كەلتۈردى .
                                     
    مىلادىنىڭ 1762-يىلى
     
    چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى شىنجاڭغا قارىتا ھەربىي مەككىمە تۈزىمىنى يولغا قويۇپ ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەربىي ، مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسىنى تەسس قىلدى .
    جاڭجۈن مەھكىمىسى ئىلىدىن كۈرەدە تۇردى . ئۇنىڭ قارمىقىدا ، مەسلىھەتچى ئامبال ، دوتۇڭ ، ئىش باشقۇرغۇچى ئامبال ، لەشكەر بېشى ئامباللار بېكىتىلدى .
        ئۇيغۇرلار رايونىدىكى بەگلەرنىڭ نەسەپ بويىچە ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ ، بەگلەرنىڭ ھۇقۇقىنى چەكلىدى ۋە تارقاقلاشتۇردى .
                                         
    مىلادىنىڭ 1765-يىلى
     
    ئۈچتۇرپان ئۇيغۇرلىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا ، يەرلىك فېئوداللارنىڭ ئېزىشىگە قارشى قوزغىلىپ ئۈچتۇرپاننى ئازات قىلدى . قوزغۇلاڭ يېرىم يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلدى . چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى قەشقەر ، ئاقسۇ ۋە شىمالىي شىنجاڭدىن ئەسكەر يۆتكەپ بۇ قوزغىلاڭنى باستۇردى .
                                         
    مىلادىنىڭ 1815-يىلى
       
    قەشقەر ئۇيغۇرلىرى زىياۋۇدۇنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغصلاڭ كۆتۈردى ، بۇ ۋەقە چىڭ سۇلالىسى ۋاقتىدا يېزىلغان كىتابلاردا « زىياۋىدىن ۋەقەسى » دەپ ئاتالدى .
                                         
    مىلادىنىڭ 1822-1828-يىللىرى
      
    بۇرھاندىن خوجىنىڭ نەۋرىسى جاھانگىر خوجا  جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ چىڭسۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغۇلىڭىغا باشچىلىق قىلدى .
        1826-يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى لەشكەر يۆتكەپ چىقىپ ئۇلارنى باستۇردى . 1828-يىلى جاھانگىر خوجىنى ئەسىر ئىلىپ ، بېيجىڭغا باردى ، ۋە دارغا ئېسىپ ئۆلتۈردى .
                                               
    مىلادىنىڭ 1848-يىلى
     
    جاھانگىر خوجىنىڭ جىيەنى مۇھەممەت ئىمىن ( كاتتا خوجا ) بىلەن ۋەلى خان قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى يەتتە خوجا قوقەندىن لەشكەر تارتىپ كېلىپ قەشقەر ، يىڭسار ، يەكەن قاتارلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلدى . چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئەسكەر يۆتكەپ چىقىپ ئۇلارنىڭ توپىلىڭىنى تىنچىتتى . جەنۇبىي شىنجاڭدا ئېغىر قىرغىنچىلىق يۈز بەردى . خەلق بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرىدى .
                                                 
    مىلادىنىڭ 1857-يىلى
       
    ۋەلىخان تۆرە يەنە بىر  قىتىم توپىلاڭ كۆتۈردى ، بۇ ،  بىر قانچە قېتىملىق خوجىلار توپىلىڭىنىڭ كېڭىيىشى ئىدى . توپىلاڭ تۆت ئاي داۋاملاشتى . چىڭ سۇلالىسى توپىلاڭنى ئاخىر تىنچىتتى. ئۇزاق ئۆتمەي كۇچاردىكى ئۇيغۇرلار ئېغىر ئالۋاڭ -ياساققا ، خورلۇققا قارشى قوزغۇلاڭ كۈتۈردى . قوزغىلاڭ قاتتىق باستۇرۇلدى . چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى جەنۇبىي شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىدە بىرئاز يول قويۇشقا مەجبۇر بولدى .
                                           
    مىلادىنىڭ 1864--يىلى     
     
    كۇچاردىكى ئۇيغۇر ، خۇيزۇ خەلىقلىرى ئالۋاڭ -ياساق ، خورلۇق ، سىتەمگە قارشى ئۇمۇميۈزلۈك قوزغۇلاڭ كۆتۈردى . قوزغۇلاڭ يالقۇنى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىڭى رايونلارغا كېڭىيىپ ، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى زور كۆلەملىك دېھقانلار قوزغصلصڭى بۇلۇپ شەكىللەندى .
                                             
    مىلادىنىڭ 1865-يىلى
     
    قوزغۇلاڭ نەتىجىسىدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ ، بىر -بىرىگە بىقىنمايدىغان بەش ھاكىميەت شەكىللەندى . ئۈرۈمچىدە خۇيزۇ تودىلىن ھاكىمىيتى ، كۇچاردا راشىدىن خوجا ھاكىميىتى ، قەشقەردە سىدىق بەگ ھەكىميىتى ، جىڭ شاڭيىڭ خۇيزۇ ھاكىميىتى ، ئىلىدا مىزامزات ھاكىميىتى مەيدىنغا كەلدى .
        قەشقەردىكى سىدىق بەگ بىلەن شاڭيىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن قوقەند خاندانلىقىدىن ياردەم سورىدى . قوقەند خاندانلىقى جاھانگىر خوجىنىڭ ئوغلى بۇزرۇك خوجا بىلەن قوقەندنىڭ قۇربىشى ياقۇپ بەگنى لەشكەر بىلەن جەنۇبى شىنجاڭغا ئەۋەتتى .
                                       
    مىلادىنىڭ 1865-1867-يىللىرى

    ياقۇپ بەگ قەشقەر ، يەكەن ،خوتەن ، ئاقسۇ ، ئۈچتۇرپان ، كۇچار ، كورلا ، قاتارلىق جايلارنى ئشغال قىلىپ ، ئۆزىنى « بەدۆلەت» دەپ ئاتاپ قەشقەردە يەتتە شەھەر خانلىقىنى قۇردى .
                                             
    مىلادىنىڭ 1870-يىلى

    ياقۇپ بەگ نىڭ ئەسكەرلىرى تۇرپان ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارنى ئشغال قىلدى . شىمالىي شىنجاڭدا ئۇنىڭ تەسىر دائىرسى ماناسقىچە كېڭەيدى . تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى بىرقىسىم رايونلىرى ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى .
                                             
    مىلادىنىڭ 1875-يىلى

    چىڭ سۇلالىسى ياقۇپ بەگ ھاكىميىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ، زوزۇڭتاڭنى چىنچەي داجىن ھەم شىنجاڭنىڭ ھەربىي دوبەنى قىلىپ تەيىنلىدى .
                                             
    مىلادىنىڭ1876-يىلى
    زوزۇڭتاڭ قوماندانلىقىدىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەسكەرلىرى ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ  ، ياقۇپ بەگكە ھۇجۇم قىلدى . فۇكاڭ ، كومودى، ئۈرۈمچى ، قاتارلىق جايلانى قايتۇرۋىلىپ ، داۋاملىق جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرلىدى .
                                           
    مىلادىنىڭ1877-يىلى

    چىڭ سۇلالىسى ئەسكەرلىرى تۇرپان ، توقسۇن ، داۋانچىڭ قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلدى . ياقۇپ بەگ كورلىدا باشقىلار تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلدى .
        چىڭ ئەسكەرلىرى داۋاملىق ئىلگىرلەپ كورلا ، كۇچار ، باي ، ئاقسۇ لارغا كىردى . ياقۇپ بەگ  14 يىل ئىشغال قىلغان قەشقەر ، يىڭسار ، يەكەن ، خوتەنلەرنىمۇ ئىشغال قىلدى . ياقۇپ بەگكە قارشى تۇرۇش بىر يېرىم يىل داۋامقىلىپ 1878 - يىلى 1- ئايدا غالىبە بىلەن ئاخىرلاشتى .
                                           
    مىلادىنىڭ 1884-يىلى

    چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى شىنجاڭنى مەمۇرى ئۆلكىگە ئۆزگەرتىشنى تەستىقلاپ ، ليۇ جىڭتاڭنى پاشاپ بەگلىككە ، خې كوڭتاڭنى شىنجاڭنىڭ سىياسىي ئامباللىقىغا تەيىنلىدى . 1885 - يىلى ليۇ جىڭتاڭ قاتارلىقلار ئارقا -ئارقىدىن ئۈرۈمچىگە كىلىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى .
                                           
    مىلادىنىڭ 1911-يىلى

    جۇڭگودا سۇن جۇڭشەن رەھبەرلىكىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىي پارتىلدى . ليۇ شەنجۇن باشچىلىقىدىكى ئىنقىلابچىلار ئۈرۈمچىدە قوراللىق قوزغۇلاڭ كوتۈردى .  قوزغۇلاڭغا « گېلاۋخۇي » جەميىتىنىڭ ئەزالىرىدىن 100 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى .
                                         
    مىلادىنىڭ 1912-يىلى
     
    ياڭ زەيشۇي قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى ئىنقىلاپچىلار ئىلىدا قورالىق قوزغۇلاڭ كۆتۈردى . ئىلى چىگرا مۇداپىئەسىدە تۇرۋاتقان چىڭ سۇلالىسى چىرىكلىرىنى تېزلا تارمارقىلىپ ئىلىنى ئىشغال قىلدى . ئىلى جاڭجۈنى ئۆلتۈرۈلدى . ئۇيغۇر ، خەنزۇ ، مانجۇ ، مۇڭغۇل ، زاڭزۇ لاردىن ئىبارەت « بەش مىللەت ئورتاق ئىلگىرلەش جەميىتى » ۋە« يىڭى ئىلى چوڭ دودو مەھكىمىسى » قورۇلدى . ئىلى ئىنقىلاپچىلىرى  قوشۇنى شەرىققە قاراپ داۋاملىق ئىلگىرلەپ ، جىڭ ناھىيەسىدە چىڭ سۇلالىسى چېرىكلىرىنى تارمار قىلدى . شىنجاڭنىڭ پاششەپ بېگ يۇەن داخۇ جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولدى . شۇنىڭ بىلەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلدى .
    شىنجاڭنىڭ ئەدلىيە ئامبىلى قوشۇمچە ئۈرۈمچىنىڭ ۋالىسى ياڭ زىشىن دودو لىققا تەيىنلەندى. شۇ يىلى قۇمۇلدا تۆمۈر خەلىپە ، خوجىنىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى ياڭ زىشىن ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغۇلاڭ كۆتۈرۈلدى . خوتەندە چىريە ناھىيسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چار روسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرىشى يەنى « چىرا ۋەقەسى » پارتىلدى .
                                       
    مىلادىنىڭ 1928-يىلى 

    بىر قەدەر ئىلغار ئىدىيىگە ئىگە بولغان ، كونا سىياسەتنى ئسلاھ قىلىشنى تەلەپ قىلدىغان فەن ياۋنەن باشچىلىقىدىكى بەزى ياش ئەمەلدارلار 7 - ئاينىڭ 7-كۈنى سىياسى ئۆزگىرىش قىلپ ، ياڭ زىشىننى ئۆلتۈردى. بۇۋەقە  شىنجاڭدا « 7 -ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىش» دەپ ئاتالدى . سىياسىي تېزلا بېسىقتۈرۈلدى . شىنجاڭ مەمۇرى ئىشلار نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى جىڭشۇرىن پۇرسەتتىن پايدىلنىپ  شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قولىغا كۈرگۈزۋالدى .
                                     
    مىلادىنىڭ1931-يىلى

    قۇمۇلدا خوجىنىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭى پارتىلدى . گەنسۇدىكى خۇيزۇ ماجۇڭيىڭ بىلەن بىرلىشىپ جىڭشۇرىن قىسىملىرىغا زەربە بەردى . ئۇزاق ئۆتـمەي بۇ قوزغصلاڭ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كېڭەيدى .
                                     
    مىلادىنىڭ1933-يىلى

      4-ئاينىڭ 12 -كۈنى جىڭشۇرىن ھۆكىمىتىدىكى ياش ئەمەلدار تاۋمىڭيۇ ، ئۈرۈمچىنى مۇداپىئە قلۋاتقان ئاق ئورۇس سالداتلىرى بىلەن بىرلىشىپ ، ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىپ جىڭشۇرىننى ھەيدىۋىتىپ ، ليۇۋىنلۇڭنى ۋاقىتلىق ھۆكمەتنىڭ رەئىسى ، شىڭ شىسەينى چىگرا مۇداپىئە دوبەنى قىلىپ تەيىنلەيدۇ .
        شۇيىلى 11-ئايدا قەشقەردە سابىت داموللا « شەرقىي ئىسلام جۇمھۇرىيتى » قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى . ئەمما جۇڭگودىن ئايرىلىش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىدى .
                                     
    مىلادىنىڭ 1935-يىلى   

    مۇشۇ يىلى 6-ئايدا يوشۇسۇڭ قاتارلىق كىشىلەر شىنجاڭغا كېلىپ ، تەشۋىقات ، تەشكىللەش خىزمەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ كومپارتىيەنىڭ تەسىرنى كېڭەيتتى . شىڭ شىسەي ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەككەملەش ئۈچۈن سىياسىي جەھەتتە سوۋىت ئىتپاقى بىلەن دوست بۇلۇش ، كومپارتىيەنى ھىمايە قىلىش پوزىت سىيىسىنى بىلدۈردى . ئۇ جۇڭگو كومىنىستىلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە ۋە تەسىرى ئاستىدا ، « جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش'» ، « سوۋېت بىلەن دوست بۇلۇش » ، « مىللەتلەر ھوقۇقى باراۋەر بۇلۇش » ، « تىنىچلىقنى ساقلاش » ، « شىنجاڭنى ئىسلاھ ۋە تەمرقىلىش » دېگەن ئالتە بۇيۈك سىياسەتنى ئوتتۇرغا قويدى .
                                     
    مىلادىنىڭ 1937-يىلى
    9- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۈرۈمچىدە 9- يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ باشقارمىسىنى قۇردى . بۇ  دەسلەپ قۇرۇلغاندا چىڭ يۈن مەسئول بولغان ئىدى ، كېيىن دىڭفا ، چىڭ تىيەنجۈ لەر مەسۇل بولدى .
                                         
    مىلادىنىڭ 1942-يىلى

    شىڭ شىسەي ئۆزىنىڭ ئەكسىيەتچىل قىياپىتىنى ئاشكارلىدى . شۇ يىلى 9- ئايدا چىڭ تىيەنجۇ ، ماۋزىمىن ، لىن جىلۇ قاتارلىق يولداشلارنى قولغا ئالدى ۋە 150 نەپەر كىشىنى نەزەربەند قىلىپ كېيىن ئۇلارنى تۈرمگە قامىدى .
                                         
    مىلادىنىڭ1943-يىلى

    چىڭ تىيەنچۇ، ماۋزىمىن ، لىن جىلۇ قاتارلىق كوممۇنىستلار شىڭ شىسەي تەرپىدىن مەخپى ئۆلتۈرۈلدى .
                                       
    مىلادىنىڭ 1942-يىلى

    شىڭ شىسەي ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرپىدىن دېھقانچىلىق ، ئورمانچىلىق ۋازارىنىڭ ۋازىرلىقىغا  تەيىنلىنىپ شىنجاڭدىن كەتتى .  شۇ يىلى 9 - ئايدا نىلقا ناھىيسىنىڭ خەلقى ئات تەقدىم قىلىشقا قارشى تۇرۇپ ، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى . 11- ئايدا خەلىقمۇ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ غۇلجىنى ئىشغال قىلدى ، ۋە ۋاقىتلىق ھۆكىمەت قۇردى . قوزغۇلاڭ ناھايىتى تېزلا ئىلى ، تارباغاتاي ، ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتكە كېڭەيدى ۋە « ئۈچ ۋىلايەت ئنقىلابىي » دەپ ئالدى .
                                     
    مىلادىنىڭ1946-يىلى
    گومىنداڭ ھۆكۈمىتى 1945-يىلى 10- ئايدىن باشلاپلا  ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكىمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى . 1946- يىلى 6- ئايدا تىنىچلىق بىتىمى ئمزالىنىپ ، شىنجاڭدا مىللىي بىرلەشمە ھۆكىمەت قۇرۇلدى . مەسئۇد سەبۇرى ئۆلكە رەئىسى ، ئەخمەتجان ئەپەندى ئۆلكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف باش كاتىپ بولدى .
                                     
    مىلادىنىڭ 1947-يىلى

    مۇشۇ يىلى 2- ئاينىڭ 25 -كۈنى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى «25- فېۋرال » ئەكسىيەتچىلىك ۋەقەسىنى پەيداقىلىپ ، «تىنىچلىق» بىتىمىنى يىرتىپ تاشلىدى،ۋە بىرلەشمە ھۆكىمەتنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى رەھبەرلىرى ئىلىغا قايتىپ كەتتى . 5-ئايدا مەسۇد سەبۇرى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكمەتنىڭ رەئىسى بولدى .
                                     
    مىلادىنىڭ 1949-يىلى
     شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكىمەت ئۆزگەر تىپ تەشكىل قىلىندى . بۇرھان شەئىدى ئۆلكىلىك ھۆكمەتنىڭ رەئىسى بولدى. 8- ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان ئەپەندى ، ئابدۇكېرىم ئابباسوف ،ئېسھاق بېك ، دەلىلقان سۈرگۈن بايوف ۋە لوجىسلار جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت يىغىنىغا قاتناشماقچى بولۇپ يولغا چىقتى . ئۇلار سوۋېت ئىتپاقى تەۋەسىدىن ئۆتۈپ كېتۋاتقاندا ۋەقەگە ئۇچراپ  مىللەتنىڭ ئازاتلىقى ۋا خەلق دېموكراتىيە ئىنقىلابى ئىشلىرى يولىدا شەرەپ بىلەن قۇربان بولدى .
          شۇ يىلى 9- ئاينىڭ 25-26 - كۈنلىرى ئاۋسىيۆ ، بۇرھان شەھىدىلەر تېرگىرامما يوللاپ ھەقىقەتكە قايتتى ... 1949 -يىلى 10-ئايدىن 1951-يىلى 1-ئايغىچە خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى 600 چاقىرىم يول يۈرۈپ  شىنجاڭغا  يۈرۈشقىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۈچ ۋصلايەت ئىنقلابى مىللىي ئارمىيىسى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ، جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى بىلەن ئۇچراشتى ، ۋە بۇ ئارمىيە جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ 5-كورپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىلدى .
               
    مىلادىنىڭ 1955-يىلى 

    10 -ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقى رەسمىي جاكارلاندى . دوڭبىۋو جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزى كومىتىتىغا ، مەركىزى خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە رەئىس  ماۋزۇدوڭغا ۋاكالىتەن يىغىنغا كېلىپ تەبرىكلىدى .  

    مەنبە : ئاققۇش مۇنبىرى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.