-
2009-05-13
ھەربىر بالا-بىر ۋەتەن - [تەرمىلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39313141.html
تۇرسۇنئاي سادىقوۋا (ئۆزبېكىستان)
بۇ ۋەقە ھېچ ئېسىمدىن چىقمايدۇ ، 4- سىنىپقا مەسئۇل ئىدىم . بىر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىللىرىم ھەققىدە شىكايەت قىلدى . سىنىپقا بوغۇلۇپ كىردىم . كەيپىياتىمنى كۆرۈپ بالىلارمۇ جىم بولۇشتى . قوپال ھالدا بىرنەچچە ئېغىز تەنبىھ بەردىم . شۇنىڭ بىلەن تۈرۈلگەن قاپىقىمنى ئاچماي ، دەرسنى باشلىيالماي تۇردۇم . ئۇلارمۇ ، مەنمۇ سۈكۈتتە ، شۇ پەيتتە مۇراد دېگەن ئوقۇغۇچۇم قول كۆتۈردى :
- ھە نېمە دەيسەن ؟ دېدىم زەردە بىلەن .
ئۇ دېرىزىگە ئويچان تىكىلگەنچە ئاۋال ئۇزۇن ئۇھ تارتتى ، كېيىن :
- بۈگۈن ھاۋا ئەجەپ يامانغۇ ؟- دېدى ھەسرەتلىك ئاۋازدا .
يەنە نېمە دەركىن دەپ قاراپ تۇرسام ، ئۇ ئاشۇ خامۇش پېتىچە ئۈندىمەي يەنە ئولتۇرىۋالدى . ئەجەپ ھالەت ، سەل تەمتىرەپ قالدىم . " ھاۋانى نېمىدەپ تىلغا ئالىسەن ؟ " دەپ دوق قىلسام بالىنىڭ ئوبرازى سۇنىدۇ . ئۇ ياخشى بالا . ھەزىلگە ئايلاندۇرسام ، شۇنچە ئۇزۇندىن بېرى قىلغان تەربىيەم بىكار كېتىدۇ . شۇ چاغدا بالىلار ئارىسىدىن ئۆزۈمنى ناھەق ئاچچىقلىنىۋاتقانلىقىم ھەققىدىكى پىچىرلاشلارنى ئاڭلىدىم . ئاخىر ئۆزۈمنى سەل بېسىپ ، قاپىقىمنى ئاچمايغىنە :
- شۇنداق ، بۈگۈن ئېغىر كۈن بولدى . سىلەرنى قىيناپ قويدۇم . كەچۈرۈڭلار ...- دېدىم سىلىقلىق بىلەن . شۇ تەرىزدە ئۆزۈمنى ئەيىبلەپ ھەم ئۆزۈمچە ئازاپ بىلەن تۇرىمەن . شىكايەت ئۈچ ئوقۇغۇچى ئۈستىدە ئىدى ، قالغان يىگىرمە سەككىزدەك بالىدا نېمە گۇناھ ؟ 45 مىنۇت داۋامىدا ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنى بۇزۇشقا نېمە ھەققىم بار ئىدى مېنىڭ ؟ بۇ بالىغۇ ھاۋاغا دۆڭگەپ بولسىمۇ يۈرىكىدىكى سىقىلىشنى ئېيتىۋالدى . ئەمما ، بىچارە بالىلارنىڭ ئازار بەرگۈچىسى بىز ، ئۇلار چوڭلارنىڭ ئۆزگىرىشچان خاراكتىرىمىزغا چىداپ ياشايدۇ . بىز - ئەقىللىق چوڭلار تاشتەك ئېغىر تەبىئىتىمىزنى كىچىككىنە نارىسىدە جانلارغا تېڭىپ ئۆتۈۋاتقىنىمىزنى ئويلاپ كۆردۇقمۇ ؟ بۇ گەپ ئاتا - ئانىلارغىمۇ تېگىشلىكتۇر . بىز پەرزەنتلىرىمىزگە ھەر دائىم ئۆزىمىزنىڭ كەيپىياتىمىزغا قاراپ مۇئامىلە قىلىمىز . ئۇلارنىڭ ھالىتى ، يۈرىكىنىڭ كۆتۈرۈش - كۆتۈرەلمەسلىكى بىلەن كارىمىز يوق . بالىمۇ ھەمىشە خوشال يۈرمەيدىغۇ ؟ ئۇنىڭمۇ ئويلاندۇرىدىغان ئۆز دۇنياسى بار . شائىر ئابدۇللا ئارىپوۋنىڭ بىر يازمىسىدا " ھەربىر ئىنسان - بىر ۋەتەن ، ئۇنىڭ چىگراسىنى بۇزۇپ كىرىۋىرىشكە ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق " دېيىلگەنىدى . مۇرەببىي ئاشۇ ئىنسانلارنى ئاسراش ۋە پەرۋىشلەش ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەندۇر.بالا - شېرىن دۈشمەن
بالا ئۆزىدىن چوڭلارنى كۆزىتىپ ، ئۇلارنى ئۆرنەك قىلىپ ، ياخشى - يامان تەرەپلىرىنى ئوغرىلاپ ، ئۆزىگە يۇقتۇرۇپ بارىدۇ . سىز ياش يىگىت ياكى قىزغا قاراپ ، ئۇنىڭ ئائىلىسى ، مەھەللىسى ، قىشلىقى ، ئۇستازى - مۇرەببىيسىنىڭ قانداقلىقىغا باھا بېرىۋىرىڭ . شۇڭا ، بىز بالا بار جايدا خۇددى ئىنتىھان بېرىۋاتقاندەك زېرەك ۋە ھوشيار ھالەتتە بولىشىمىز كېرەك . " بالا _ شېرىن دۈشمەن " دېگەن گەپ ھەقىقىي راستۇر . سەن ئەقلىڭ كۈچەيگەچ كەمچىلىكلىرىڭنى يوشۇرۇپ ، ئۇلارنى بىرتەرەپ قىلىشقا ئۇرۇنۇپ ياشايسەن . ھەتتا ئاللىقاچان ئەيىب سانىلىدىغان ئىشلىرىڭنىمۇ توغرا دەپ ئۆگەتكەندۇرسەن . ئۇ سەندە كۆرگەن ئەشۇ خاتانى خاتىرە خالتىسىدا كۆتۈرۈپ يۈرۈۋىرىدۇ ۋە ھامان بىر كۈنى ئۇنى تەكرارلايدۇ . كۆرىسەنكى ، ئۇ سېنى ئەلنىڭ ئارىسىدا شەرمەندە قىلىدۇ . كۆيدۈرىدىغان پەرزەنت باركى ، ئۇ سۈپەتسىز ئاتا - ئان ۋە سۈپەتسىز مۇرەببىينىڭ مەھسۇلاتىدۇر .历史上的今天:
ھايات - قىممەتلىك پۇرسەت 2009-05-13سۆگەتنىڭ شىپالىق رولى 2009-05-13ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﻳﻮﭘﯘرﻣﺎﻗﻼر 2009-05-13قىتان خانلىقىدىكى ئىككى ئۇيغۇر شائىرە 2009-05-13ئۇيغۇر مىللىتى 2009-05-13
收藏到:Del.icio.us