ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-13

    «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39312940.html



    2010-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» ئۆتكۈزۈلىدۇ.

    ئوتتۇرىغا قويغۇچى: تاھىر ئىمىن

    ئۇيۇشتۇرغۇچى:
    شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنۇستىتۇتى،
    شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنۇستىتتۇتى

    قوللىغۇچى ئورۇنلار:
    ئۇرۇمچى ئىلىچى كىيم-كىچەك ھەسسدارلىق شىركىتى،
    شىنجاڭ دەرمان سودا چەكلىك شىركىتى،
    شىنجاڭ دىيارىم پەن-تىخنىكا چەكلىك شىركىتى،
    شىنجاڭ سەلكىن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى.
    ئۇرۇمچى ئىزچىلار سودا چەكلىك شىركىتى،
    شىنجاڭ فۇرقان بىئو-پەن تىخنىكا چەكلىك شىركىتى

    قانۇنى مەسلىھەتچى: ياسىنجان تەلئەت


    «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»نىڭ بىر يىللىق تەييارلىق تور تەشۋىقات ماتىرىيالى

    مۇندەرىجە:
    1- ئاساسى چۇشەنچە
    2- ئۇيغۇرلاردا دوپپا مەدەنىيىتى
    3- دوپپىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە تۇتقان ئورنى
    4- دوپپا مەدەنىيىتىنىڭ بۇگۇنكى ئەھۋالى
    5- «دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمى» ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيتى
    6- دوپپا بايرىمى ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى
    7- «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»دا ئۆتكۇزۇلىدىغان پائالىيەتلەر
    8- دوپپا ھەققىدە يىزىلغان ماتىرىياللار
    9- دوپپا بايرىمىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەدبىرلىرىمىز
    9- رەسىملىك بەت
    10- دوپپا بايرىمى دۇچ كىلىدىغان تەنقىتلەرگە ئالدىن جاۋاب
    11- دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى ھەققىدە سۇئال-جاۋاپلار
    12- دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىغا ئاۋاز قوشقان شەخس ۋە ئورۇنلار
    13- «ئۇيغۇر دوپپىسى» غەيرى ماددى مەدەنىيەت قوغداش ئىلتىماسنامىسى


    ئاساسى چۇشەنچە
    دوپپا – ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللى باش كىيىمى.
    دوپپا- ئۇيغۇرلارنىڭ ئستىتىك قارىشىدا ئەكىس ئەتكەن تەبىئەت گۈزەللىكىنىڭ ئوبرازى. ئۇيغۇرلار بوستانلىق مەدەنىيتىگە قەدەم قويۇپ، شەھەرلىششكە يۈزلەنگەندىن تارتىپلا ماددى ۋە مەنەۋىي تۇرمۇشىنىڭ سۈپەتلىك بولۇشىغا كۆپ تىرىشقان. جۇملىدىن كىيىم-كىچەك مەدەنىيتىدە تاشقى كۆرۈنۈشكە ،يارىشىمچانلىققا ئەھمىيەت بەرگەن.
    ھەرخىل مىللەتلەر،ھەرخىل كەسىپ ،ھەر خىل ئىھتىياج تۈپەيلىدىن ئوخشىمىغان باش كىيىمىنى كىيىشىدۇ.ھەرقانداق باش كىيىمى ئىجتىمائى ئالاقىدە ئەڭ تىز ۋە بىۋاستە كۆزگە تاشلىنىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە.بۇگۇنكى دۇنيادا باش كىيىمى –بەزىدە كەسىپكە ۋەكىللىك قىلسا ،بەزىدە ئىجتىمائى ئورۇنغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.لىكىن ئۆزگىچە مىللى مەنىگە ۋە ئەنئەنىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان،ھەرقانداق ياشتىكى كىشىنىڭ كىيىشگە ماس كىلىدىغان،ئوبرازلىق سەنئەت تۇيغۇسى بىرەلەيدىغان،تەبىئەت بىلەن زىچ باغلانغان ئستىتىك زوق بىرەلەيدىغان باش كىيىمى بۈگۈنكى مەدەنىيەت ئالىمىدە كۆپ بولمىسا كىرەك.
    بادام ، چىمەن قاتارلىق دوپپىلار-ئەمگەكچان،تەبىئەت ۋە گۇزەللىكنى قىزغىن سۆيىدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجادىيتى .
    كەڭرى كەتكەن ياۋرو-ئاسىيا يايلىقىدا ياشاپ كەلگەن بارچە تۈركى خەلقلەر ،شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خوشنىسى بولغان تاجىكلار،ئىسرائىلىيە يەھۇدىيلىرى ھەممىسى مەلۇم ئوخشاشلىققا ئىگە بولغان باش كىيمى كىيدۇ. مۇتەخەسسلەر ،تارىخشۇناسلار تارىم بوستانلىقىدا كىيىپ كەلگەن بادام ۋە چىمەن،چىكەن دوپپىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قول-ھۈنەر سەنئىتىنڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇپ كەلدى.
    ئۇيغۇر دوپپىسىغا ئىگە بولۇش، بوۋا-مومىلىرىمىزدىن قالغان بۇ ئسل مەدەنىيەتنى داۋام ئەتتۈرۈش ،بۇلارنى تۇرمۇشىمىزدا گەۋدىلەندۇرۈش –بىز ئىز ئىزلىگۈچىلەرنىڭ زۆرۈر ئشى.
    ئۇيغۇر دوپپىسى-ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىدۇر.
    ئۇ كۆركەملىكى ، ئەپلىكلىكى ، مىللى جەلىبكارلىقى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس ، بەلكى مەملىكىتمىزدە ياشاۋاتقان قىرىنداش مىللەتلەردىن خەنزۇلارنىڭ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ شۇنداقلا ھەرساھە چەتئەللىك دوستلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئىرىشىپ كەلمەكتە. دوپپا كەيگەنلەر – كەيمىگەنلەرنى ھەۋەستە قالدۇرۇپ كەلمەكتە.
    دوپپا –ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم مىللى ھەم دىنى باش كىيىمى بولۇش سۇپىتدە ئەنئەنىگە ۋەكىللىك قىلىش بىلەن بىرگە كىشگە ئىللىق كەيپىيات،يىقىملىق تۇيغۇ بەخش ئىتىدۇ.ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىيىنىش ئستىتىك ئىڭنى ئەكىس ئەتتۇرىدۇ.قەدىمكى دەۋىرلەردىن ئىزچىل كىيىلىپ كەلگەن بۇ باش كىيىم ئەلۋەتتە نۆۋەتتىمۇ كىيىشكە ماس كىلىدۇ. ئۇ زامانىۋى ھەم كىلاسسسىك مەدەنىيەتكە ئورتاق ۋەكىللىك قىلالايدۇ.
    دوپپا مۇئەييەن چەكلىك سورۇنلاردىلا ئەمەس،باشقا كۇندىلىك تۇرمۇش بىلەن باغلانغان ھەرقانداق مەدەنى، ئاممىۋى ۋە ئىجتىمائى سورۇنلاردا كىيىشكە ماس كىلىدۇ.
    دوپپا –قانداقتۇر بىر سىنىپ ياكى بىردەرىجىگە ئەمەس ،بەلكى ئورتاقلىق ۋە باراۋەرلىككە،خۇراپاتلىققا ئەمەس،مەدەنىيلىككە ،ئارقىدا قىلىشقا ئەمەس –مەزمۇت قەدەم تاشلاشقا ،يىتىم قىلىشقا ئەمەس بىرلىككە ،ئەۋلاتلارغا ئەنئەنە ئۇزۇلۇپ قىلىشى ئەمەس داۋاملىششقا،ۋارسلىق قىلىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.