ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-13

    ھايات - قىممەتلىك پۇرسەت - [ھايات ھەققىدە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39359359.html

    ھايات بىز ئۈچۈن قىممەتلىق پۇرسەت. نۇرغۇن كىشىلەر بىلىپ-بىلمەي پۇرسەتنى باشقا جايلاردىن،باشقا تەرەپلەردىن ئىزدەيدۇ.
    ئەمما ھايات بىز ئۈچۈن  بېرىلگەن ئەڭ ياخشى پۇرسەت. ئۇلۇغ،ئەھمىيەتلىك ئىشلارنىڭ ھەرقاندىغى ھايات ئارقىلىق رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.
    بىز ھايات ئىچىدە تۇرغانلىقىمىز ھەم ھايات ئىچىدە تۇرغان ۋاقتىمىز ئۇزۇن بولغانلىقى ئۈچۈن،ھاياتنى پۇرسەت قاتارىدىن چىقىرىۋېتىپ كۆنۈپ قالغان.
    ئەمما ھاياتنىڭ ئاخىرلىشىش مۇساپىسىگە بارغاندا قىلغان پۇشايمىنىمىز، ئەپسۇسلىنىشىمىز ئەلۋەتتە ھاياتتىن ئىبارەت غايەت زور،ئەڭ كەڭرى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىمىز ئۈچۈن بولدى.
    مەقسىتىنى ئىشقا .اشۇرۇش يولىدا تىرىشىۋاتقان ئىنسان ئۈچۈن ئېيتقاندا ھاياتنىڭ ئۆزى بىر پۇرسەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇرسەتتۇر.
    باشقا پۇرسەتلەرنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىدىغانلار كۆپ ،ئەمما ھاياتتىن ئىبارەت پۇرسەتنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويغىنىنى ھېس قىلغان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرغانلار ئاز.
    ھاياتنى پۇرسەت ھېسابلىمايدىغانلار مۇنداقچە ئېيتقاندا ھاياتنى قەدىرلىمەيدىغانلاردۇر.
    ھايات مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا تەڭداشسىز قىممەتتۇر. ئۇنى ئىسراپ قىلىش ئەلۋەتتە پۇرسەتنى قولدىن چىقىرىپ قويغانلىق بىلەن باراۋار.
    ئەممە پۇرسەت ھايات ئىچىدە،ھاياتتىن ئىبارەت پۇرسەت  ئاساسىنى چىڭ تۇتقاندىلا ئاندىن نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ.
    بىزنىڭ ھاياتتىن ھالقىپ ئىزدىگەن پۇرسىتىمىزنىڭ قىممىتى ئانچە زور ئەمەس. ئەترەپىمىزدا نۇرغۇن ئىشلار بىزنىڭ قىلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. مەسىلەن:
    نۇرغۇن كىتابلار ئوقۇلۇشقا مۇھتاج، نۇرغۇن يېڭى ئىلىملار ئۆزىنىڭ ئۆگىنىلىشىنى ئۈمىد قىلماقتا، نۇرغۇن خاسىيەتلىك، ئەھمىيەتلىك ئىشلار ئۆزىنىڭ ئىشلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
    ھايات ئۆتۈپ كەتتىمۇ بولدى،ئۇ قەتئىي كەينىگە قايتمايدۇ،ئۇنى قايتۇرۇۋېلىش مۇمكىن ئەمەس.
    باشقا پۇرسەتلەرنى ياراتقىلى بولۇشى ياكى ئۇ ئۆزى قايتىدىن يارىلىپ قېلىشى مۇمكىن. ئىنسان ھاياتى ئەھمىيەت،قىممەت ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان،تىرىشىدىغان ھايات.
    شۇڭا ئىنساننىڭ ئۆز ھاياتىدىن ئىبارەت بۇ زور پۇرسىتىگە ناھايىتى مۇھىم مەسئۇلىيەت ۋە تەخىرسىز مەجبۇرىيەت سىڭگەن بولىدۇ.
    ھاياتلىق پۇرسىتىنى تۇتقان، قەدىرلىگەندىلا ئۇ كىشىلەرنى بەختكە ئېلىپ بارىدۇ.
    ھاياتلىق پۇرسىتىنى قەدىرلەپ ئەمەلىي،ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەندە ئۇ كىشىلەرنى تېخىمۇ ھۆرمەت، مۇھەببەتكە سازاۋەر قىلىپ، نامىنى ئۇنتۇلدۇرمايدۇ.
    ھاياتلىق پۇرسىتى ھەركىمگە بىر نۆۋەت كېلىدۇ. شۇڭا ئۇ ئۆزىدە مەردانىلىك،ياخشىلىق،پەزىلەت،ئىلىم،ئىجادىيەت نۇرلىرىنىڭ چاقنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

    مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى. ئېزىزجان توختىھاقى يازمىسى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.