ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-13

    قىتان خانلىقىدىكى ئىككى ئۇيغۇر شائىرە - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39313364.html



    قىتانلار ئېلىمىزنىڭ شىمالى ۋە غەربىي شىمالىدا ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار ئېلىمىزنىڭ شىمالىدا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا قىتان خانلىقى (916-1125) ۋە غەربىي قىتان خانلىقى ( 1130-1218) دېگەن دۆلەتلەرنى قۇرغان. كېيىنچە ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلارغا، بەزىلىرى باشقا مىللەتلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن.
    قىتانلار بىلەن ئۇيغۇرلار تارىختا  قويۇق ئالاقە قىلىپ كەلگەن، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە قىتانلار ئۇيغۇرلارغا بەيئەت قىلغان. غەربىي قىتان خانلىقى (1130-1218) دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ئۇلارغا بەيئەت قىلغان.
    قىتان خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن ئىككى ئايال شائىر يېتىشىپ چىققان بولۇپ، ئۇلار شۇ دەۋىردىكى باشقا ئۇيغۈر سىياسەتچىلەر، زىيالىيلار ۋە قىتان مىللىتى بىلەن قىتان خانلىقىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان. بۇ ئايال شائىرلار شياۋ گۇەنيىن ۋە شياۋ سېسېلاردىن ئىبارەت.
    مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قىتانلار ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا بېقىنغان چاغدا ئۇيغۇر خانلىرى قىتانلارغا نازارەتچى ئامبال ئەۋەتكەن ۋە خېلى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار قىتانلار ئارىسىغا بارغان.
    شياۋ گۇەنيىننىڭ يىراق ئەجداد بوۋىسى رۇسى دېگەن كىشى قىتانلارنىڭ ئوڭ تەرەپ چوڭ قەبىلىسىدە بولۇپ، قىتان خانلىقى دەۋرىدە بۇ قەبىلە يىكۇن ئايمىقىنىڭ باۋيى ناھىيىسىدە ئولتۇراقلاشقان (بۇ يەر ھازىرقى ئىچكى موڭغۇل تەۋەسىدە). «قىتان دۆلىتىنىڭ تەزكىرىسى»دە ئېيتىلىشىچە، ئەينى چاغدا ئۇ قەبىلىلەر فامىلە قوللانماي، ھەرقايسىسى ئۆزلىرى ئولتۇراقلاشقان يەرنىڭ نامى بىلەن «شۇلۇ»، «بالى» دېگەن ناملارنى قوللانغان. رۇسى «شۇلۇ ئۇرۇقى»غا تەۋە بولۇپ، 840-يىلى شىمالىي قۇملۇق ئۇيغۇرلىرى غەربكە كۆچكەندە «شۇلۇ ئۇرۇقى» بىلەن بىللە ئەسلى جايىدا قالغان. «لياۋ خانلىقى تارىخى، شىرەم تۇغقانلار جەدۋىلى»دە: «شۇلۇ» ئەسلى ئۇيغۈر رۇسىنىڭ ئەۋلادى دېيىلگەن.
    قىتان خانلىرى «شۇلۇ ئۇرۇقى» بىلەن ئەنئەنىۋى قۇدا-باجىلىق مۇناسىۋەتنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن.
    شياۋ گۇەنيىن (1039-1075)نىڭ تەخەللۇسى يى دې بولۇپ، ئۇيغۇر رۇسىنىڭ11-بوغۇن نەۋرىسى. ئۇنىڭ دادىسى شياۋ خۇي قىتان خانلىقىغا باش ۋەزىر ۋە زوراغا (لەشكەر بېشى) بولغان.
    شياۋ گۇەنيىن قىتان خانى ياللۇغ خوڭجى (1055-1101-يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان)غا 1043-يىلى ياتلىق بولغان، 1055-يىلى خانىشلىققا كۆتىرىلگەن.
    شياۋ گۇەنيىن ھۆسىن- جامالدا تەڭداشسىز، سەنئەتتە تالانتلىق، سۆز قىلىشقا ماھىر، بەرباپ چېلىشقا ئۇستا، شېئىرىيەتتە قابىل، دىرامىنىڭ كۆي-نەغمىلىرى ئۈچۈن بېيىت تۈزۈشتە چىۋەر ئايال ئىدى. ئەينى زاماندا قىتانلار خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولغاچقا، شياۋ گۇەنيىنمۇ خەنزۇچە ئىسىم قويۇپ، خەنزۇ تىلىنى پىششىق ئىگىلەپ، شېئىرلىرىنى خەنزۇچە يازغان.
    قىتانلار چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغاچقا،  ئوقيا ئېتىشقا ماھىر ئىدى. بىر قېتىم شياۋ گۇەنيىن ياللۇغ خوڭجىغا ھەمراھ بولۇپ شىكارغا چىققاندا، ئەتراپتىكى مەنزىرىدىن زوقلانغان ياللۇغ خوڭجى شياۋ گۇەنيىندىن نەزمە ئوقۇشنى تەلەپ قىلغان. شياۋ گۇەنيىن «يوۋخولىندا پەرمان بىلەن يېزىلغانلار» دېگەن شېئىرىنى نەق مەيداندا يازغان.
    شېئىردا قىتانلارنىڭ جەڭلەردە زور غەلىبىلەرگە ئېرىشكەنلىكى ۋە ساددا، ساغلام ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن. بۇنىڭدىن خانىشنىڭ خېلىلا يۇقىرى بەدىئىي ئىقتىدارغا ئېگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شياۋ گۇەنيىننىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەسەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ دىرامىنىڭ كۆي-نەغمىلىرى ئۈچۈن بېيىتمۇ يازغان. ئۇنىڭ «كۆڭۈل ھويلىسىغا قايتىش» دېگەن ئون كۇبلىتلىق بېيىتى ۋە « ئۆتمۈشنى ئەسلەش»، «نامدىن جۇدا بولماق» قاتارلىق شېئىرلىرى ساقلىنىپ قالغان.
    شياۋ سېسې شياۋ گۇەنيىن جەمەتىدىن، يەنى رۇسىنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئۇمۇ قىتان خانلىقىغا خانىش بولغان، شۇنداقلا سىياسىي ئىشلارغا ئارىلىشىپ ئۆزىنىڭ بىر سىياسەتچىگە خاس ئىقتىدارىنى نامايان قىلغان.
    شياۋ سېسې قىتان خانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ياشىغان. ئۇنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان «ھەجۋىيات»، «تارىخنى كۆيلەش» دېگەن ئىككى پارچە شېئىرى بار. «ھەجۋىيات» دېگەن شېئىرىدا ئۇ ئېرى--قىتان خانى ياللۇغ يەنشى (1055-1101)نىڭ سىياسىي مەسىلىلەردىكى خاتالىقلىرىنى تەنقىد قىلغان. «تارىخنى كۆيلەش» دېگەن شېئىرىدا چىن سۇلالىسىنىڭ (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 221-206-يىللار) ئاخىرقى مەزگىلىدىكى چۈشكۈن سىياسىي ۋەزىيىتىنى سېلىشتۇرما قىلىپ ئەيىبلەش ۋە تەنقىد قىلىش ئارقىلىق ياللۇغ يەنشىنىڭ خاتالىقلىرىنى تۈگىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلغان ۋە ئۇنىڭ مەغلۇبىيەت يولىغا مېڭىپ، چىن سۇلالىسىنىڭ ئەھۋالىغا چۈشۈپ قالماسلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
    بۇ شېئىرلاردىن شائىرنىڭ ئادەتتىكى ئائىلە ئايالى، بەزمىخور خانىش ئەمەسلىكىنى، بەلكى تارىخ،سىياسىي ۋە ئەدەبىياتقا پىششىق، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان سىياسىي ئەرباب ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
    ____________________________________________
    ماتىرىيالدىن تورغا يوللىغۇچى: ياقۇت، خانتەڭرى كونا مۇنبىرى

    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.