ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-13

    ئۇيغۇرلار تارىختا ئىشلەتكەن يېزىقلار - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39313198.html




         قەدىمقى ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى ئۇزۇن يىللىق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە مىللەتلەرگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ پىكىر- مەقسەتلىرىنى، ئارزۇ- ئۈمىتلىرىنى بىرەر شەكىل ۋە بىرەر بەلگە بىلەن ئىپادىلەپ بېرىشكە ئىنتىلگەن. بۇ ئىنتىلىش ئۇلارنىڭ يېزىقىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن. 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ، بۈگۈنكى دەۋرگىچە بولغان ئارىلىقتا تېپىلغان يازما يادىكارلىقلار، ئابىدىلەر، مەڭگۈ تاشلار، پەن- مەدەنىيەتنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە ئائىت بولغان ھەر خىل ئىلمىي، ئەدەبىي، دىنىي، پەلسەپەۋىي ئەسەرلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمقى دەۋرلەردىن باشلاپ خېلىلا تەرەققى قىلغان پارلاق مەدەنىيەتكە، مۇكەممەل ئەدەبىي تىلغا ۋە بۇ تىلنى تولۇق، بىمالال ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئېلىپبەلىك ئىلغار يېزىققا ئىگە مەرىپەتپەرۋەر خەلق ئىكەنلىكىنى روشەن چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
         ئۆتكەن ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن تارتىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىكى تۈركولوگلار، ئۇيغۇرشۇناسلار دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن يازما يادىكارلىقلارنىڭ ماكان، زامان، تىل ۋە يېزىق خۇسۇسىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار مىلادى 4-ئەسىرلەردە رەسمىي يېزىققا ئىگە بولغان، دىگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. ئەمما يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بېرى، تۇرپان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تېپىلغان يازما ۋە ئويما يادىكارلىقلارنىڭ مەيدانغا كەلگەن دەۋرى، تىلى ۋە يېزىقلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت ئېلىپبەلىك يېزىقتىن پايدىلىنىش تارىخىلا ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا. ئۇيغۇرلاردا رەسىملىك يېزىق ۋە بوغۇملۇق يېزىق بولۇشتىن سىرت، تارىخىي مەلۇماتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، خوتەندىن تارتىپ كۇچار، ئاقسۇ ئەتىراپىغىچە توخار، تىبەت، سانىسكىرىت (ھىندى)، مانى يېزىقلىرىنى ئىشلەتكەن. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق مەدەنىيەت تارىخىي جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىلغار ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسى ۋە ئىسىل ئەخلاق- پەزىلەتلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، خوشنا مىللەتلەرنىڭ يېزىق مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىپ، باي ۋە گۈزەل مەدەنىيەت ياراتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
         يۇقۇرقىلاردىن باشقا، ئۇيغۇرلار ئۇزاق مەدەنىيەت تارىخىدا، ئاساسلىق قىلىپ «قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى»نى «ئورخۇن-يېنسەي يېزىقى»نى ۋە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئىجات قىلغان، ھازىرقى «ئۇيغۇر يېزىقى»نى ئىشلىتىپ، دۇنيا مەدەنىيەت غەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.


    (1) ئورخۇن-يېنسەي (تۈرك-رونىك) يېزىقى

         تارىخ 9-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىغا قەدەم قويغاندا، ئۇيغۇر خەلقى ئۆز يېزىقى بولغان «تۈرك-رونىك يېزىقى»نى «قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى»غا راۋاجلاندۇردى ۋە ئۇنى ئومۇمىي يۈزلۈك قوللىنىشقا باشلىدى. بۇ يېزىق تۈرك خانلىقى دەۋرىدە ئىجات قىلىنغىنى ئۈچۈن «تۈرك يېزىقى» دەپ ئاتالدى. بۇ يېزىق ئىسكاندىنوۋىيە يېرىم ئارىلىدىن تېپىلغان قەدىمقى نېمىسلار قوللانغان «رونىك يېزىقى»غا ئوخشاپ كەتكىنى ئۈچۈن، تۈركشۇناسلار ئۇنى «رونىك يېزىقى» دەپ ئاتىدى. ئەمەلىيەتتە تۈركىي خاندانلىقى زىمىنىدىكى بارلىق تۈركىي خەلقلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار بۇ يېزىقنى ئىشلەتكەن، بۇ يېزىق جەمئىي 40 ھەرپتىن تەشكىل تاپقان.
         ئورخۇن-يېنسەي (تۈرك-رونىك) يېزىقىنى ئۇيغۇرلار 5- ئەسىردىن 8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان 300 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت قوللانغان.
         بۇنىڭ بىلەن يېزىلغان يادىكارلىقلار ئورخۇن- يېنسەي ۋادىسىدىن كۆپرەك تېپىلغىنى ئۈچۈن «ئورخۇن- يېنسەي يېزىقى»دەپ ئاتىدى.
         بۇ يېزىق بىلەن يېزىلغان يادىكارلىقلار 18- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن 20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىغىچە، رۇس، فىن، شىۋىت، فرانسۇز، نېمىس، دانىيەلىك ۋە باشقا چەتئەللىك ئارخىئولوگلار، ئالىملار تەرىپىدىن سىبىرىيە، ئورخۇن- يېنسەي دەرياسى ۋادىلىرى، بايقال كۆلى ئەتىراپى، ئالتاي رايونى، شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىن تېپىلغان بولۇپ، بۇ يادىكارلىقلارنىڭ تىلىنى بىرىنچى قېتىم دانىيەلىك تومسىن، رۇسىيەلىك رادلوپ قاتارلىق ئالىملار ئوقۇپ چىققان ۋە بۇ يېزىقنىڭ تۈركىي خەلقلەر 5- ئەسىرلەردە ئىشلەتكەن يېزىق ئىكەنلىكىنى، تىلىنىڭ تۈركىي خەلقلەر تىلى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلار ئېلان قىلغان. بۇ يادىكارلىقلار 5- ئەسىردىن كېيىنكى دەۋرلەرگە مەنسۈپ بولغىنى ئۈچۈن ئالىملار بۇ يېزىقنى 5- ئەسىردىن كېيىن ئىشلەتكەن يېزىق بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا.
          بۇ يېزىق تۆت سوزۇق تاۋۇش ھەرپى، 36 ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئوڭدىن سولغا قاراپ يېزىلىدۇ. بۇ يېزىقتا يارىتىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى، تىل- يېزىقى، ئەدەبىيات- سەنئىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا غايەت زور قىممەتكە ئىگە.


    (2) قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى

         ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ «تۈرك- رونىك يېزىقى»نى خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىل قوللاندى. مىلادى 840- يىللىرى، قارا بالاساغۇننى مەركەز قىلغان ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى سىياسىي توقۇنۇشلار، تەبىئىي ئاپەت ۋە ئىچكى نىزا- ماجرا تۈپەيلىدىن يىمىرىلىشكە يۈزلىنىپ، غەربتىكى ئۆز قېرىنداشلىرى يېنىغا كۆچكەندىن كېيىن، تۈرك-رونىك يېزىقىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش مەقسىدىدە ئۆز تىلىنى بىرقەدەر مۇكەممەل ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان، تىخىمۇ ئىلغارراق بولغان قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىغا راۋاجلاندۇردى ۋە ئۇنى 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ كەڭ تۈردە قوللىنىشقا باشلىدى. 10- ئەسىردىكى جۇڭگونىڭ مەشھۇر سەيياھى ۋاڭ يەندى: «قارا قۇجۇدىكى ئۇيغۇر خانلىقىدا بالىلارنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن پادىشالىقتىن تەمىنلىنىدىغان مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلار بار ئىدى. ئۇيغۇرلار شېئىر-قوشاق يېزىشقا ناھايىتى ھەۋەسمەن كېلىدىكەن. ئۆز يېزىقلىرىنى ئەدەبىي ئەسەر يېزىشقا ئىشلەتكەندەك، كۈندىلىك ھاجەتلىرىگە ئىشلىتىدىكەن. راھىپلارنىڭ قولىدا ئۇيغۇرچە يېزىلغان كىتاپلار بەك كۆپ ئىكەن» دەپ يازغان.
          بۇ يېزىق شۇ چاغدا شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوللىنىلىپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدىمۇ ئومۇمىيۈزلۈك قوللىنىلغان. ھەتتا كېيىنكى دەۋرلەردە، مانجۇلار، موڭغۇللار، شىۋەلەرمۇ مۇشۇ يېزىق ئاساسىدا ئۆزلىرىنىڭ ھازىرغىچە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان يېزىقلىرىنى يارىتىۋالغان. ئەخمەت زەكى ۋەلىد توغان ئۆزىنىڭ «تۈرك- تاتار تارىخىي» دىگەن ئەسىرىدە ۋە نەجىپ ئاسىم ئۆزىنىڭ «تۈرك تارىخىي» دىگەن ئەسىرىدە، ئوخشاش مەزمۇندا: «بۇ يېزىق ئۇيغۇرلاردىن باشقا تۈركىي قەبىلىلەر ئارىسىدىمۇ ئومۇملاشقان. ئىسلامىيەت يېيىلىپ تاكى ھىجىرىيە 9-ئەسىرگىچە ئىشلىتىلىپ كېلىنگەن، ھەتتا تۆمۈرىلەر دەۋرىدە ئۇيغۇرچىغا تەخلىدەن دىۋان خېتى (ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ خەت-چېكى) دەپ ئاتالغان بىر خىل يېڭى يېزىقمۇ ئىشلىتىلگەن. ئۇيغۇر يېزىقى تۆمۈرىلەر دەۋرىدىن خېلى كېيىنمۇ قوللىنىلغان» دەپ يېزىشقان.
          ۋامبىرى تەرىپىدىن ئىستامبۇلدىن ئېلىپ كېتىلگەن «قۇتادغۇبىلىگ» نىڭ نۇسخىسى بىلەن ۋىنا كۈتۈپخانىسىدىكى يەنە بىر نەزمى ئەسەرنىڭمۇ ئەينەن ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن كۆچۈرۈپ يېزىلغانلىقى بۇنىڭ روشەن دەلىلىدۇر.
          ئۆزبېكىستان تۈركشۇناسلىرى ف. كامال «ھازىرقى زامان ئۆزبېك تىلىغا مۇقەددىمە» دىگەن ماقالىسىدا: «كونا ئۆزبېك ئەدەبىي تىلىغا ئائىت يازما يادىكارلىقلار ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدا ۋۇجۇتقا كەلگەن. ئەمما بۇنىڭغا قارىماستىن، ئۇيغۇر يېزىقىدا ئىش يۈرگۈزۈش 18-ئەسىرگىچە داۋام قىلغان. بەزىبىر تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئايرىم يازما يادىكارلىقلار 15-ئەسىردە ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدە يېزىلغان. مەسىلەن، «بەختىيارنامە»(1432- يىل)، «تەزكىرەئى ئەۋلىيا»(1436-يىل)، «مىراج نامە»(1439- يىل) ۋە باشقا يادىكارلىقلار ھىرات شەھرىدە ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدە كۆچۈرۈپ يېزىلغان ئىدى» دەپ يازىدۇ.
         بۇ ئەھۋال بۇ يېزىقنىڭ كېيىنكى دەۋرلەردە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش خەلقلەر ئارىسىدا، ئەرەپ يېزىقى ۋە ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن «چاغاتاي» يېزىقى بىلەن پاراللىل ھالدا 900 يىلغا يېقىن گۈللىنىپ كېلىنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
        قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى سوغدى يېزىقى ئاساسىدا ئىجات قىلىنغان ئېلىپبەلىك يېزىق بولۇپ، «ئىدىقۇت تېكىستلىرى» ۋە «ئىدىقۇت خەت-چەكلىرى»دە 18 ھەرپ ئىشلىتىلگەن. بۇ سولدىن ئوڭغا، يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە يېزىلىدىغان يېزىق بولۇپ، ھەر بىر سۆز بېشىدا، سۆز ئوتتۇرىسىدا ۋە سۆز ئاخىرىدا يېزىلىدىغان شەكىللەرگە ئىگە. بۇلاردىن 5 ھەرپ 8 سوزۇق تاۋۇشنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.
    قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى شۇ دەۋر ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە بىر قەدەر ئويغۇنلاشقان يېزىق بولۇپ، تىلنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىش جەھەتتە تۈرك- رونىك يېزىقىغا قارىغاندا ئۈنۈملۈكرەك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلاردىن باشقا قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدىمۇ كەڭ قوللىنىلغاندىن تاشقىرى، مىللىي ئەدەبىي تىلنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرگۈچى ئاكتىپ ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. نەتىجىدە، بۇ يېزىقنى قوللانغان ھەممە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلىنىڭ تەرەققىياتىنى بىر يېڭى باسقۇچقا كۆتۈردى. ئۇيغۇرلار بۇ ئىجادىي يېزىقنى قوللانغاندىن كېيىن، تۈرلۈك ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى ۋە دىنىي، پەلسەپەۋىي، پەن-تېخنىكا، تىببىي ساھەدىكى ئەسەرلەر، شۇنداقلا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما ئەدەبىياتنى ئاساس قىلىپ شەكىللەنگەن بەدىئىي ئەدەبىياتى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە راۋاجلاندى. نەتىجىدە ئەدەبىي تىل تەرەققىياتى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئۇيغۇر خەلقى بۇ يېزىق ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش ئېھتىياجىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپلا قالماي، بەلكى «ئالتۇن يارۇق»، «چاشتانى ئىلىك بىگ»، «شۇەنژاڭنىڭ تەرجىمەھالى»(«سامتىسو ئاچارىنىڭ تەرجىمەھالى»)، «ئىككى تېكىننىڭ ھىكايىسى»، «ئوغۇزنامە»، «ئىدىقۇت تېكىستلىرى» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى مۇشۇ يېزىق ئارقىلىق خاتىرىلەپ، كېيىنكى ئەۋلاتلارغا مىراس قالدۇردى. بۇ يېزىق ئارقىلىق يېزىلغان يادىكارلىقلارنىڭ پەقەت گېرمانىيەدە ساقلىنىۋاتقانلىرىنىڭ سانى 8000 پارچىدىن ئاشىدۇ. بۇ مىراسلار قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىنى، يېزىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۈگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
          ئومۇمەن ئالغاندا، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇر خەلقى مەدەنىيىتىنىڭ پارلاق سەمەرىسى بولۇپ، ئۇ خەلقىمىز تارىخىنىڭ ئۆچمەس نامايەندىسى ھىساپلىنىدۇ.


    (3) ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى

         ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت قوللانغان يېزىقى بولۇپ، ھازىرمۇ ئىشلىتىلمەكتە. بۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلار 10-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنىنىڭ تەسىر كۈچى بىلەن قوبۇل قىلغان. بۇ يېزىق قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى تەدرىجى ھالدا ئۆزىنىڭ ئورنىنى بۇ يېزىققا بوشىتىپ بەردى. ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ پۈتۈن قاراخانىلار زىمىنىدە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىشقا باشلاپ، 15-ئەسىرلەرگە كەلگەندە، پۈتۈن شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەممە يېرىدە كەڭرى ئىشلىتىلگەن بىردىن- بىر يېزىق بولۇپ قالدى.
         ئەرەب يېزىقى بويىچە ئەينەن قوبۇل قىلىنغان بۇ يېزىق 12-ئەسىرگىچە ھىچقانداق ئۆزگەرتىلمەي قوللىنىلدى. 12-ئەسىردىن ئېتىبارەن بۇ يېزىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىلىشكە باشلاپ، ئۇنىڭدىكى ئەرەب يېزىقىغا خاس بولغان شەرتلىك بەلگىلەر ئېلىپ تاشلاندى ۋە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسىگە ماسلاشتۇرۇلدى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن، ئەرەب تىلىدا بولمىغان «چ، پ، گ، ژ» قاتارلىق 4 ھەرپ پارىس يېزىقىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ئۇيغۇر يېزىقى ئېلىپبەسىگە كىرگۈزۈلدى. 13-ئەسىردىن كېيىن «چاغاتاي يېزىقى» نامى بىلەن ئاتالغان ئۇيغۇر يېزىقى جەمئىي 32 ھەرپتىن تەشكىل تاپتى. ئەينى دەۋردىكى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق يېزىقىغا ئايلانغان بۇ يېزىق ھەر بىر دەۋر ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەرەققى قىلدۇرۇلۇپ، تاكى ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.
         ئۇيغۇرلار ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئىجاد قىلغان بۇ ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقىنىغا مىڭ يىل بولدى. مۇشۇ جەرياندا بۇ يېزىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خۇسۇسىيەت ئالاھىدىلىكلىرىگە تەدرىجى ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ، تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش ئېھتىياجىدىن تولۇق چىقىپ كەلدى. ئاشۇ مىڭ يىل جەريانىدا خەلقىمىزنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئالىملىرى، ئەدىپلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن مول مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى ئەنە شۇ يېزىقتا يېزىپ قالدۇرغان. ئۇلۇغ ئالىم مەخمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»، بۈيۈك مۇتەپەككۈر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» داستانى قاتارلىق كىشى ئەقلىنى تاڭ قالدۇرىدىغان نامايەندىلەر بۇنىڭ جانلىق پاكىتى بولۇپ، ئۇلار قالدۇرغان بۇ يادىكارلىقلار خەلقىمىزنىڭ پۈتكۈل تارىخىدىكى مەدەنىي مىراسلار خەزىنىسىدە ۋە دۇنيا خەلقلىرى مەدەنىيەت خەزىنىسىدە نۇر چېچىپ چاقناپ تۇرىدۇ.

    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.