ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-13

    ئۇيغۇر مىللىتى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39313271.html


         ئۇيغۇر مىللىتى - شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ ،ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان. بۇنىڭ ئىچىدە %80 ى جەنۇبىي شىنجاڭدا ئولتۇراقلاشقان.
         ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 9 مىليون 414 مىڭ بولۇپ، شىنجاڭ ئاھالىسىنىڭ تەخمىنەن % 45.94 ىنى  ئىگىلەيدۇ (2006–يىلىدىكى نوپۇس ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغان سان).
         ئۇيغۇر تىلى - ئالتاي تىلى سىستېمىسىدىكى تۇركىي تىللار ئائىلىسىگە مەنسۇپ. ئۇيغۇرلار ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىدۇ.
          ئۇيغۇر مىللىتى جۇڭگودىكى قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى. مىلادىيە 7– ئەسىردە ئۇيغۇرلار ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان. ئىككى قېتىم لەشكەر تارتىپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ «ئۆڭلۈك –سۈيگۈن توپىلىڭى»نى تىنجىتىشقا ياردەملەشكەن. 9–ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى ئاساس قىلغان ھالدا ئىدىقۇت خانلىقى بىلەن قاراخانىيلار خانلىقىنى قۇرغان ۋە يۈكسەك مەدەنىيەت ياراتقان. 13–ئەسىردە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار يۈەن خاندانلىقىدا ئەمەل تۇتقان، بۇ چاغدا كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر سىياسىئونلار، ھەربىي ئالىملار، ئاسترونوم، تارىخشۇناس ۋە تەرجىمانلار يېتىشىپ چىققان،
         ئۇيغۇرلار 10–ئەسىردىن باشلاپ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىغان. 16–ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىدە ئىسلامىيەت ئوموملاشقان.
         ئۇيغۇر خەلقى 19–ئەسىردىن بۇيان جاھانگىرلىك ۋە فېئودالىزىمغا قارشى كۆپلىگەن كۈرەشلەرنى ئېلىپ بارغان. 1949–يىلى شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغاندىن كېيىن، 1955–يىلى 10–ئاينىڭ 1–كۇنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى.
          ئۇيغۇرلار بىر قەدەر يوقىرى بولغان ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتكە ئىگە خەلق. ئۇلارنىڭ مىجەزى ئوچۇق –يورۇق، چىقىشقاق، مېھماندوست، ناخشا–ئۇسسۇل ۋە كۈلكە–چاقچاققا، يۇمۇرلۇق تۇيغۇغا باي.
          ئۇيغۇرلارنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىسى - «ئون ئىككى مۇقام» ئۇزاق تارىخقا ۋە زور شۆھرەتكە ئىگە. ئۇيغۇر ئۇسسۇلى شوخ، لەرزان ۋە گۈزەللىكى بىلەن مەشھۇر.
          ئاممىۋى كۆڭۇل ئېچىش پائالىيەتلىرىدىن مەشرەپ - مىللىي ئەنئەنىۋى سەنئەت شەكلى سۈپىتىدە ناھايىتى كەڭ ئوموملاشقان. شەھەر ۋە يېزا–قىشلاقلاردا يەنە دارۋازلىق، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، چېلىشىش قاتارلىق تەنھەركەت پائالىيەتلىرىمۇ بولۇپ تۇرىدۇ.
          ئۇيغۇرلارنىڭ يىمەك–ئىچمەك مەدەنىيىتى مەملىكەت ئىچى–سىرتىغا تونۇلغان. ئۇلاردا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قۇرغاق مۇھىتىغا خاس بولغان كۆپلىگەن تاماق تۈرلىرى، جۇملىدىن ھەر خىل نانلار، پولو، مانتا، لەغمەن، كاۋاپ، چۆچۈرە، گۆشنان، ھالۋا، ياپما، ئۆپكە–ھېسىپ، سۇيۇقئاش، ئۈگرە، تۈگرە قاتارلىق 50 خىلدىن ئارتۇق تاماق تۇرلىرى بار.
          ئۇيغۇرلار ئۈژمە، ئۈزۈم، ئالما، نەشپۇت، ئۆرۈك، شاپتۇل، ئانار، ئەنجۇر، قوغۇن، تاۋۇز، ياڭاق، بادام، چىلان قاتارلىق ھۆل-قۇرۇق مېۋەلەرنى ياخشى كۆرىدۇ.
          ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاچقا، يېمەك –ئىچمەك جەھەتتە ئىسلام دىنىنىڭ قائىدە –نىزاملىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ.
          ئۇيغۇرلار ئەدەپ –ئەخلاققا ۋە جامائەتچىلىككە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۆزئارا ئۇچراشقاندا، ئوڭ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ سالام بېرىدۇ ۋە ئۆزئارا تىنچلىق–ئامانلىق سورىشىدۇ. ئۆيگە كەلگەن مېھماننى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ.
           ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ، توي –مەرىكە ئىشلىرى ئىسلام دىنى قائىدە–پىرىنسىپلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا، قويۇق مىللىي ئۆرپ–ئادەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈلىدۇ.
         ئۇيغۇرلاردا ئۆلۈم–يېتىم يۈز بەرسە مېيىتنى يۇيۇپ، كېپەنلەپ، نامىزىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن يەرلىككە قويىدۇ. مېيىتنى ئۆيدە ئادەتتە بىر كۈندىن ئارتۇق ساقلىمايدۇ. مېيىت دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن،7–، 40–كۇنلىرى ۋە بىر يىل توشقان كۇنى نەزىر قىلىنىدۇ. روزا ھېيىت ۋە قۇربان ھېيىتلاردا ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئۇرۇق–تۇققانلىرى قەبرە بېشىغا چىقىدۇ.
           ئۇيغۇرلاردا نەۋرۇز، روزا ھېيىت ۋە قۇربان ھېيىتلارنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھېيتتا ساڭزا ۋە باشقا تۈرلۈك تاتلىق–تۈرۈملەرنى تەييارلايدۇ. قۇربان ھېيتتا قوي سويۇپ قۇربانلىق قىلىدۇ. ھېيت كۈنلىرى ئۆزئارا ھېيتلىشىپ بىر–بىرىنى تەبرىكلىشىدۇ. ئۇرۇق–تۇققان، دوست –بۇرادەرلەر بىر –بىرىنى  يوقلىشىدۇ.
          ئۇيغۇرلاردا بالا تۇغۇلسا، ئاخۇنۇمنى چاقىرىپ ئىسىم قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. يەتتە كۈندىن كېيىن بالا بۆشۈككە سېلىنىدۇ. 40 كۈندىن كېيىن بۆشۈك تويى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئوغۇل بالا يەتتە ياشقا كىرگەندە خەتنە قىلدۇرۇلۇپ سۈننەت توي ئۆتكۈزۈلىدۇ. قىز بالىنىڭ قۇلىقى تېشىلىپ، قۇلىقىغا ھالقا ئېسىپ قويۇلىدۇ.
          ئۇيغۇرلاردا «قۇتادغۇبىلىگ»، «تۈركىي تىللار دىۋانى»قاتارلىق كۆپلىگەن مەشھۇر ئەدەبىي ۋە ئىلمىي مەزمۇنلۇق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بار. ئۇندىن باشقا، ئۆزىگە  خاس ئۇيغۇر تېبابەت ئەنئەنىسى تاكى بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ كەلمەكتە.

    سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلار


        تولۇقسىز مەلۇماتلارغا كۆرە ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئولتۇراقلىشىپ قالغان جوڭگۇ موھاجىرلىرى 150 مىڭدىن 180 مىڭغىچە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە %90 دىن ئارتۇقى ئۇيغۇرلار، ئۇلارنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 130 مىڭدىن 150 مىڭغىچە. بۇ ئۇيغۇرلار ئاساسەن پورت شەھرى جىددە، مەككە، مەدىنە قاتارلىق شەھەرلەرگە تارقالغان. تايىف، پايتەخت رىياد شەھرىدىمۇ مەلۇم ساندا ئۇيغۇرلار ياشايدۇ.
        سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسىمى بۇنىڭدىن 70-80 يىللار ئىلگىرى بۇ يەرگە كەلگەن بولۇپ، ھازىر 4-ئەۋلاد بولغان. ئۇلار سەئۇدى ئەرەبىستانغا يەر تىرىش، قۇرۇلۇش، يىمەك-ئىچمەك، تۆمۈرچىلىك، ياغاچچىلىق، موزدۇزلۇق تېخنىكىلىرىنى ئىلىپ كەلگەچكە، ئەينى ۋاقىتتا سەئۇدىلىقلارنىڭ قارشى ئىلىشىغا ئىرىشكەن ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تۆھپە قوشقان. بۇ يەرگە كەلگەن ئۇيغۇرلار ھەج قىلىش سەۋەبى بىلەن ياكى سودا ئىشلىرى بىلەن كىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار بولۇپ، كۆپ قىسىمى سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. ئاز بىر قىسىملارنىڭ قولىدا «تەيۋەن» پاسپورتى بار.
        سەئۇدىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى باياشات تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، 2-، 3، 4-ئەۋلات ئۇيغۇر موھاجىرلارنىڭ كۆپ قىسىمى سەئۇدى ئەرەبىستان ياكى ياۋروپا، ئامرىكىلاردا ئالىي مائارىپ تەربىيسى ئالغان بولۇپ، مەدەنيەت سەۋىيەسى ناھايىتى يۇقىرى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئىگىلىكىگە ۋارىسلىق قىلىپ خەلقئارا سودا، ئۆي-مۆلۈك، يەر-زىمىن، يىمەك-ئىچمەك ۋە ساياھەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بەزىلىرى ھۆكۈمەت، مائارىپ، پۇل-موئامىلە، بانكا، سەھىيە، ئۆي-مۆلۈك، يەر-زىمىن، خەۋەرلىشىش، ئاۋىئاتسىيە، قاتناش قاتارلىق ئورۇنلاردا ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ. يەنە بەزىلىرى سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئىسلام كىڭىشى، ب د ت قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلاردا يۇقۇرى ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.
    سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلاردىن يەنە داڭلىق يازغۇچى، ئۇنۋىرىستىت مودىرى، بانكا باشلىقى، ژۇرنال موھەررىرى قاتارلىق ئىقتىساسلىق خادىملار چىققان.
        سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇر موھاجىرلىرى يەنە دىيارىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا بەكلا كۆڭۈل بۆلىدۇ، كۆپلىگەن موھاجىرلار دىيارىمىزنىڭ يول-كۆۋرۈك، مائارىپ ئىشلىرىغا خالىس ياردەملەرنى كۆرسەتكەن.
    سەئۇدى ئەرەبىستاندا «ئاياغ پادىشاھى» دەپ تەرىپلىنىدىغان ئەمىن ئابدۇغوپۇر سەئۇدى ئەرەبىستان-جوڭگۇ سودا موناسىۋەتلىرىنى ئاچقۇچى ۋە بەرپا قىلغۇچى بولۇپ، كۆپ قىتىم سەئۇدى ئەرەبىستان سودا ئۆمىكى تەركىۋىدە گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى ۋە ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتناشقان. سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە جوڭگۇ-سەئۇدى ئەرەبىستان سودىسىنىڭ ئاساسلىق قوشۇنى بولۇپ قالدى.
    جىددە شەھەرلىك تاكسى شىركىتىنىڭ خوجايىنى مىجىت دوكتۇر (ئەسلى ئاتۇشتىن) ئۇيغۇر تىلىنى ھازىرمۇ شۇنداق ياخشى سۆزلەيدىغان بولۇپ، كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى ئۈگەتكەن. خوددى بۇ دوكتۇرغا ئوخشاش نورغۇن ئۇيغۇرلار ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ قالمىغان. ئۇنى سۆزلەشنى پەخىرلىك ئىش دەپ قاراپ كەلگەن.
    ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار


    ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە خېلى كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار ياشايدۇ. گەرچە، ئوتتۇرا ئاسىيا ھۆكۈمەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەققىدە تۈرلۈك كېمەيتىلگەن رەسمىي مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇلارنى قوبۇل قىلغىنى يوق.
    ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ھەر تۈرلۈك بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە پەقەت قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدىلا ئۇيغۇرلار رەسمىي بىر مىللىي مەدەنىيەت توپلۇقى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى، تىياتىر سەنئىتى، نەشىرىيات-ئاخباراتچىلىق ئەنئەنىسى ھەم باشقىلارنى ساقلىغان ۋە راۋاجلاندۇرغان ھالدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرماقتا.
    ئۇنىڭدىن قالسا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى خېلى ياخشى ساقلىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ جۇمھۇرىيەتتە ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەر بولماسلىقى تۈپەيلىدىن مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ تەربىيىسىنى رۇس تىلىدا، قىسمەنلىرى قىرغىز تىلىدا ئېلىشقا مەجبۇر بولغان.
    تۈركمەنىستان بىلەن تاجىكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى باشقىچە بولۇپ، بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتتىكى ئۇيغۇرلار سان جەھەتتىن ئەڭ ئاز ھېسابلىنىدۇ.
    ئۇنداقتا ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى قانداق؟
    ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق مەسىلىلىرى مەۋجۇد؟
    بۇ سوئاللارغا تاشكەنتلىك ئانالىزچى ئەزىز كامىلوفنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى مەۋجۇدمۇ؟» ماۋزۇلۇق ماقالىسى جاۋاب بېرىدۇ.
    ئەزىز كامىلوف ئالدى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا دۆلەت چېگرىلىرى شەكىللەنگەندىن كېيىن، ئۆزلىرى جايلاشقان دۆلەت تەۋەلىكى بويىچە بىر-بىرىدىن پەرقلىق تەرەپلەرنىڭ شەكىللىنىشكە باشلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.


    ئۆزبېكىستاندا زادى قانچىلىك ئۇيغۇر بار؟

    ئەزىز كامىلوفنىڭ پىكىرلىرىگە تايانغاندا، ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى مەسىلىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن ئېتىبارەن مۇرەككەپ مەسىلە بولۇپ، ئەزەلدىنلا ھۆكۈمەت ئېنىق سانلىق مەلۇمات بەرمىگەن.
    ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا قەشقەر بىلەن تۇتىشىدىغان پەرغانە ۋادىسىغا كېلىپ يەرلەشكەن بولۇپ، 30-يىللاردا ئەنجاندا ئۇيغۇر تىياتىرى بولغان، تاشكەنتتە قەرەللىك ژۇرناللار، كۆپ مىقداردا كىتابلار ۋە دەرسلىك ماتېرىياللىرى نەشىر قىلىنغان ھەمدە ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن مەكتەپلەر تەسىس قىلىنغان، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى مۇتەخەسسىسلىرىنى تەربىيىلىگەن.
    ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 –يىللىرىدا ئۆزبېكىستاندا 500 مىڭ ئۇيغۇر ياشىغان بولۇپ، ئۆزبېكىستان دەسلەپتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى بولغان بولسا، كېيىنچە بۇ مەركەز ئالمۇتىغا كۆچۈرۈلگەن. بىراق، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار 1959-يىلى ئاران 19 مىڭ دەپ ئېلان قىلىنغان بولسا، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى يېقىنقى ۋاقىتلاردا بۇ جۇمھۇرىيەتتە 35 مىڭ ئۇيغۇر بارلىقىدىن مەلۇمات بەردى.

    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.