25-ئىيۇن مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2013- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە زەھەرلىك چېكىملىك دېلوسىدىن 2047 سى پاش قىلىنغان. ھازىرغا قەدەر، 54 مىڭدىن ئارتۇق زەھەر چەككۈچى تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن. شىنجاڭدا ئىنتېرنېت تورى، ئوبوروت كەسپى زەھەر ئەتكەسچىلىكىدىكى يېڭى يولغا ئايلىنىپ، شىنجاڭ زەھەرلىك بۇيۇملارنى چېگرىدىن ئۆتكۈزىدىغان جايدىن تەرەققىي قىلىپ زەھەرلىك بۇيۇمنى چېگرىدىن ئۆتكۈزىدىغان ۋە ئىستېمال قىلىدىغان جايغا ئايلانغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، توردىكى زەھەرگە چېتىشلىق كىشلەر توپى مۇنبەر، QQتوپى ، بەيدۇ ئىزدەش تورى، ئۈندىدار قاتارلىق ئىنتېرنېت سۇپىلىرى ئارقىلىق زەھەرگە چېتىشلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشىپ، تاۋباۋ تورى قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى پايدىلىنىپ، توردا چاي ، سۈت پاراشوكى ، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى قاتارلىق بۇيۇملارنىڭ نامىدا سودىنى تاماملايدىكەن. ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان سودا نەشە ۋە مۇزسىمان زەھەرنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق قانۇنسىز سېتىۋېلىنغان چۇمادو دېلولىرىمۇ ناھايىتى كۆپ ئىكەن. زەھەرگە چېتىشلىق كىشىلەر پوچتا تېز يوللانمىسى، ئاۋىياتسىيە تېز يوللانمىسى ، ھاۋالىلىك توشۇش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق زەھەر ساتىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، 2013 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە تېز يوللانما ئارقىلىق زەھەر يەتكۈزۈش دېلوسىدىن 39 ى پاش قىلىنغان.