ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

ۋاقتى : 2014-06-27  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى بىرلىكتە قۇرۇش، تەڭ بەھرىلىنىش، تەڭ مەنپەئەتلىنىش، بىرلىكتە شەرەپ قۇچۇش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى 26-ئىيۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سەي مىڭجاۋ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. جاڭ چۈنشيەن سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋەتكەن ئالدىنقى ئىستىھكامى بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن ۋە رولغا ئىگە. شىنجاڭ ياۋروپا ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىي بولۇشتەك جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكى، تۆت چوڭ مەدەنىيەت ئۇچراشقانلىقىدەك مەدەنىيەت ئەۋزەللىكى، مول بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئالتۇن مەزگىلىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كۆپ تەرەپلىك ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىدۇ؛ شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ رايون خاراكتېرلىق قاتناش تۈگىنى مەركىزى، سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزى، پۇل مۇئامىلە مەركىزى، مەدەنىيەت پەن تېخنىكا مائارىپ مەركىزى ۋە داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى شۇنداقلا دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى نېفىت تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش ،زاپاس ساقلاش بازىسى، چوڭ تىپتىكى كۆمۈر، ئېلېكتر كۆمۈرى خىمىيە سانائەت بازىسى، چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتر بازىسى ۋە دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى چوڭ يولى ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ئاساسىي كۈچكە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ.

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ قارالمىسى يىپەك يولىنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كېلەچىكى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى بىرلىكتە قۇرۇپ، ئۆز ئارا مەنپەئەتلىنىدىغان مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلاندۇرۇش. جۇڭگو ، رۇسىيە ، ھىندىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئافغانىستان، موڭغۇلىيە، تۈركىيە، ئامېرىكا قاتارلىق 23 دۆلەتتىن كەلگەن يۈزدىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس، ئالىم، تاراتقۇلار ۋەكىلى يۇقىرىقى قارالمىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر مۇھاكىمە ۋە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى.
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا