ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

شائىر ئىمىن ئەھمىدى ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ۋاقتى : 2014-06-27  مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

 

پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
        ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى ، فوتوسى: 24-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ، قەشقەر شەھىرى ۋە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى ئەدىبلەر قەشقەر شەھىرىدىكى ‹ ‹يامبۇ ›› رېستورانىغا جەم بولۇپ ، ئاتاقلىق مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ، شائىر ئىمىن ئەھمىدى ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيىتى ئۆتكۈزدى .
    پائالىيەتتە قەشقەر شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، شەھەر باشلىقى ئەنۋەر تۇرسۇن قاتناشتى ، ھەمدە قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى ، شۇنداقلا قەشقەر شەھىرىدىكى 700 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا ۋاكالىتەن ئىمىن ئەھمىدىنىڭ قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت ، تارىخ ، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرى ۋە ‹‹ قەشقەر مەدەنىيىتى ›› ژۇرنىلىنىڭ نەشر قىلىنىش ، تارقىتىلىشىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى . شەھەر باشلىقى ئەنۋەر تۇرسۇن شائىر ئىمىن ئەھمىدىگە ھۆرمەت تونى كىيدۈردى . پائالىيەتكە قەشقەر شەھىرى ۋە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى 40 تىن ئارتۇق مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ، ئەدىب ، يازغۇچى-شائىر ، ژۇرنالىست ، ئاخباراتچى قاتناشتى . پائالىيەتكە ‹‹قەشقەر›› ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەرىرى ئەنۋەر ئىبراھىم رىياسەتچىلىك قىلدى .
    پائالىيەتتە ئەنۋەر ئىبراھىم ، تاھىر تالىپ ، ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ، ئابدۇرېھىم سابىت قاراخان ، ئابلەت ئىسمائىل ئوغلان ، توختىھاجى تۇرسۇن ، مەمتىمىن ھېيت ، مەمتىمىن ئوبۇل ، قۇربان ئەمەت ، ئابلاجان بوۋاقى قاتارلىق مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئەدىب ، يازغۇچى-شائىر ، ژۇرنالىست ، ئاخباراتچى خادىملار ئىمىن ئەھمىدىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىنى ئەسلەپ ئۆتتى ، ھەمدە ئىمىن ئەھمىدىنىڭ نادىر شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى ، ئىمىن ئەھمىدىگە ئاتاپ يازغان شېئىرلىرىنى ئوقۇدى . شائىرغا تون كىيدۈرۈپ ، كۆڭۈللىرىنى ئىزھار قىلىشتى.
 
 قەشقەر شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، شەھەر باشلىقى ئەنۋەر تۇرسۇن (ئوڭدا) شائىر ئىمىن ئەھمىدىگە تون كەيدۈردى.
     شائىر ئىمىن ئەھمىدى سۆز قىلماقتا.
    ئەدىبلەر شائىر ئىمىن ئەھمىدى بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكتە.
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا