ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

شىنجاڭدا يەتتە زوراۋانلىق تېررورلۇق دېلوسىغا چېتىشلىق 13 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى

ۋاقتى : 2014-06-17  مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، تۈنۈگۈن شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ، تۇرپان، خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش، قاتنىشىش جىنايىتى، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى، ئوت قويۇش جىنايىتى، قانۇنسىز پارتلاتقۇچ ياساش، ساقلاش، توشۇش جىنايىتى، ئوغرىلىق جىنايىتى  ئۆتكۈزگەن ئەخمەتنىياز سىدىق، ئابدۇجېلىل مەتناسىر قاتارلىق يەتتە دېلوغا چېتىشلىق 13 كىشىگە قانۇن بويىچە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلدى.

يەتتە دېلودا 13 جىنايەتچى ئايرىم ئايرىم تېررورلۇق تەشكىلاتىنى تەشكىللىگەن، رەھبەرلىك قىلغان، قاتناشقان، تېررورلۇق زوراۋانلىق ھۇجۇمىنى پىلانلىغان ۋە سادىر قىلغان، خەلق ساقچىلىرى، كادىر ۋە بىگۇناھ پۇقرالارنى قەبىھلەرچە ئۆلتۈرگەن، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى مال مۈلكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلغان.

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېغىر زوراۋانلىق تېررورلۇق جىنايەتچىلىرىگە قانۇن بويىچە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ساداسى، جىنايى ئۇنسۇرلارنى ۋەھىمىگە سېلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋان تېررورچى ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىش قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ سوت قىلىش ئورگانلىرى سوت قىلىش فۇنكىتىسىيىسىنى داۋاملىق تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن قورالىدىن پايدىلىنىپ زوراۋان تېررورچىلارنى قاتتىق جازالاپ، قانۇننىڭ ئىناۋىتىنى قوغداپ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
 

 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا