ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

ئاسىيادا ھەر ئۈچ كۈندە بىر مىلياردېر بارلىققا كېلىدۇ: يېرىمدىن كۆپرەكى جۇڭگولۇق

ۋاقتى : 2016-10-14  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئابدۇللا  

رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، شۋېتسارىيە بانكىسى ۋە PricewaterhouseCoopersنىڭ 13-ئۆكتەبىر بىرلىكە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا جەمەتلەر ئارا كاپىتالنىڭ يۆتكىلىشى، غول تاۋارلار باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى ئېشىشى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، 2015-يىلى دۇنيادىكى مىلياردېرلار بايلىقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئازىيىپ، 5 تىرىليون 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا تۆۋەنلىگەن. ئوتتۇرىچە بايلىق 4 مىلياردتىن 3 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا تۆۋەنلىگەن، لېكىن ئاسىيادا ھەر ئۈچ كۈندە دېگۈدەك بىر مىلياردېر بارلىققا كېلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يېرىمدىن كۆپرەكى جۇڭگولۇق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى. 
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى دۇنيادا 210 مىلياردېر يېڭىدىن كۆپەيگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەشى ئامېرىكىلىق ئىكەن، ئاسىيادىكى يېڭىدىن كۆپەيگىنى 113 بولۇپ، ھەر ئۈچ كۈندە دېگۈدەك بىر مىلياردېر كۆپەيگەن، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئۆتكەن يىلى 80 مىلياردېر يېڭىدىن كۆپەيگەن.

شۋېتسارىيە بانكىسىنىڭ دۇنيا ئادەتتىن تاشقىرى ساپ قىممەت باشقۇرغۇچىسى جوسىف ستەدلېر (Josef Stadler): «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاستىلاپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن غايەت زور بايلىقنىڭ ئاشقانلىقىيارقىن نۇقتا، پەن-تېخنىكا كەسپىنىڭ يېتەكچىلىكىدە جۇڭگودا 2015-يىلى يېڭىدىن 80 مىلياردېر بارلىققا كەلدى» دېدى.
جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى يېڭىدىن مىلياردېر بولغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 53 ياش، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يېرىمغا يېقىنى پەن-تېخنىكا، ئىستېمال، پارچە سېتىش ۋە ئۆي-مۈلۈك ساھەلىرىدىن كەلگەن. شياڭگاڭ ۋە ھىندىستاننىڭ ھەر قايسىسىدا 11دىن مىلياردېر كۆپەيگەن.
ئۆتكەن 20 يىلدا دۇنيادىكى مىلياردېرلارنىڭ بايلىقى 7 ھەسسە كۆپەيگەن. لېكىن بۇ يېڭى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيادىكى مىلياردېرلارنىڭ ئۈچتىن بىرى 70 ياشتىن ئاشقان، ئۇلارنىڭ بايلىقىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا ئومۇمىي بايلىقنىڭ %40نى ئىگىلەيدىكەن.
دوكلاتتا: «كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك بايلىقنىڭ يۆتكىلىشىگە گۇۋاھچى بولۇش ئالدىدا تۇرۇپتىمىز، ئاسىيادىكى %81 مىلياردېر بىرىنچى ئەۋلاد بايلارغا تەۋە بولغاچقا، بۇ ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىم بايلىق ئۆتكۈزۈشى بولۇپ قالىدۇ» دېيىلدى.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 18999939240-13999939240 (نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2017 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备15003405号

شىنجاڭ ئانا تۇپراق تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا