فىرانسىيە گۈللىنىش بانكىسىنىڭ تەھلىلچىسى ياسون داۋ (Jason Daw) بىلەن ئولىۋىئېر كوربېر (Olivier Korber) ئېلخەت دوكلاتىدا بىلدۈرۈشىچە، مەبلەغ سالغۇچىلار مەبلەغ گۇرۇپپىسىدا ترامپ سايلانغاندىكى خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشنى ئويلىشىپ قويۇشى كېرەك ئىكەن:
«يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلارنىڭ تاشقى پېرېۋوت "تىرامپ زەربە كۆرسەتكۈچى"دە مېكسىكا، تۈركىيە، كورېيە ۋە تەيۋەن پۇللىرى ئەڭ ئاسان زەربىگە ئۇچرايدىغانلىقى كۆرسىتىلدى»، «ئاسان زەربىگە ئۇچرايدىغان ساھەلەردىن بەشى بار: سودا، دۆلەت ۋە رايون بىخەتەرلىكى، يەرلىك ئىنكاس، ئىشەنچ ۋە ئامېرىكا ئۆسۈم نىسبىتى».
«ئەگەر شۇنداق بولسا بۇ پۇللارنىڭ تەۋەككۈل پايدىسى يۇقىرى بولمايدۇ، شۇڭا، ھىلارى سايلانسا بۇ پۇللار بەك كۆپ ئۆسمەسلىكى مۇمكىن، بۇ پۇللاردىكى تەۋرىنىشمۇ كۆپ نىسبەتتە تۆۋەنلىمەيدۇ، لېكىن ترامپ سايلانسا تەسىرگە ئۇچرىمىغان يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلار پۇللىرىنىڭ تەۋەككۈل پايدىسى مېكسىكىنىڭ پېسوسىدىن ئېنىقلا چوڭ بولىدۇ»