دۇنيا ئىقتسادىنى قارىماققا قارا بۇلۇتلار قاپلاپ كەتكەندەك قىلىدۇ. لېكىن بىر قىسىم ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ھاياجانلىنىشقا ئاساسى بار.
بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۆتكەن نەچچە پەسىللىك پايدىسىنىڭ ئازلاپ كېتىشىدىكى مۇھىم سەۋەب چەتئەلدىكى كەسپىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ قالدى. ئەمما، باشقا دۆلەتكە ساياھەتكە بارغان ساياھەتچىگە ئوخشاش، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ھالقىغان شىركەتلىرىنىڭ چەتئەلدىكى سەرگۈزەشتلىرى ئېھتىمال شۇ يەرلىك شىركەتلەر دۇچ كەلگەن ئەھۋالدىن كۆپ ياخشى بولۇشى مۇمكىن. بۇ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا بولغان مۆلچەردىكى مۇجمەللىكنىڭ تەسىرىنى تولۇقلىدى.
ئالدىنقى ھەپتە، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ئۈمىدسىزلىككە تولغان مۆلچەرنى ئېلان قىلدى، كېلەر يىلى دۇنيا ئىقتىسادى پەقەت %3.4 ئاشىدىغانلىقىنى، 2016-يىلى پەقەت %3.1 ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. گەرچە سەل ئاشىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆتكەن 10 يىلدا ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %3.7 ئىدى، بۇنىڭدا دۇنيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ ئىقتىسادقا كەلتۈرگەن ئېغىر تەسىرىمۇ ھېسابلانغان. تېخىمۇ چاتاق بولغىنى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى يىللىق ئېشىش نىسبىتىنى ھەمىشە يۇقىرى مۆلچەرلەپ قويىدۇ.
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتى ئوخشىغان دۆلەتلەردىكى ئوخشىمىغان نەرسىنىڭ تەننەرخى ھەمدە پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىتا پېرېۋوت نىسبىتىنى تەڭشىگەن. مەزكۇر ئورگاننىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ھېسابلىنىدىغان دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ نامدىكى ئېشىشىغا (پۇل پاخاللىقى تەڭشىشى يوق) قارىتا چىقارغان پەرىزى زور دەرىجىدە ئوخشىمايدۇ. بۇ ھېسابلاشقا ئاساسلانغاندا، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى دۇنيا ئىقتىسادى %5.7 ئاشىدىغانلىقىنى، لېكىن بۇ يىل پەقەت %2.2 ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.
بۇنىڭدىن سىرت، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ئامېرىكىنىڭ سىرتىدىكى رايوندا ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ھېسابلىنىدىغان نامدىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %6.2، ئامېرىكىدا %4.4 بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. بۇ بۇ يىللىق ئەھۋال بىلەن دەل ئەكسىچە، بۇ يىل ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى گەرچە ئاستىلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئېشىش سۈرئىتى دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىغا قارىغاندا يۇقىرى. بۇلتۇر بىلەنمۇ ئوخشىمايدۇ، ھالسىزلانغان ئىقتىساد، پېرېۋوت نىسبىتى ۋە غول تاۋار باھاسىنىڭ ئۇنىۋېرسال تەسىرىگە ئۇچراپ، ئامېرىكا دوللىرى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئامېرىكىنىڭ سىرتىدىكى رايونلاردا بۇلتۇر دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلدى.
ئامېرىكىنىڭ پېيى بازارغا سېلىنغان كۆپلىگەن چوڭ تىپتىكى شىركەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېخىمۇ ياخشى چەتئەل بازىرى كېلەچىكى ئىنتايىن مۇھىم بولۇشى مۇمكىن. ئالما شىركىتىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىم كىرىمى چەتئەلدىن كىرىدۇ. گۇگولنىڭ ئانا شىركىتى Alphabetنىڭ يېرىمدىن ئارتۇق كىرىمى چەتئەلدىن كىرىدۇ.
ئەلۋەتتە، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ پەرىزىدە خاتالىق چىقىشى مۇمكىن. خام ئەشيا باھاسى يەنە چۈشۈپ كېتىپ، خام ئەشيا ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەرگە يېڭى زەربە بېرىشى مۇمكىن. يېڭى خەتەر يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار ئىقتىسادىي گەۋدىلىرىگە يامرىشى مۇمكىن.
بۇنىڭدىن سىرت ھەم پېرېۋوت خەتىرى بار. پېرېۋوت نىسبىتىنى مۆلچەرلەش مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى پەقەت پېرېۋوت نىسبىتى مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ دەپ پەرەز قىلدى. ئەمما ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەركىزىي بانكىلىرى سىياسەتنى زور دەرىجىنى قويۇپ بېرىۋاتقان پەيتتە ئۆسۈم قوشۇش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋال، پايدا نىسبىتىنى قوغلىشىدىغان دۇنياۋى مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ. ئەلۋەتتە، فوندستېرلىڭنىڭ بىر يىل ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تەخمىنەن %20 چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئەنگلىيەگە زور خەتىرى بار شىركەتلەر پۇلدىن قىسىلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.
ئەمما، ئىشلار خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى تەسەۋۋۇر قىلغىنىدەك تەرەققىي قىلمىسىمۇ، ئامېرىكىدىن باشقا دۆلەتلەرمۇ كېلەر يىل ئامېرىكا دوللىرىدا ھېسابلىنىدىغان نامدىكى ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ بۇ يىلدىكىدىن ياخشى بولىدىغانلىقىنى كۆرەلىشى مۇمكىن. ئامېرىكا شىركەتلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا چەتئەلنىڭ بازار مۇھىتى تېخىمۇ دوستانە.