ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

«ياۋرودىن ئاجرىغان» مەزگىلىدە ھىندىستاننىڭ ئەنگلىيەگە مەبلەغ سېلىش قەدىمى ئاستىلىدى

ۋاقتى : 2016-07-10  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئابدۇللا  

 رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى (The Federation of Indian Chambers of Commerce and Industry) ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيە «ياۋرودىن ئاجرىغان» ئۆتكۈنچى مەزگىلىدە، ھىندىستاننىڭ ئەنگلىيە مەبلەغ سېلىش قەدىمى ئاستىلىغان بولۇپ، ھىندىستانلىق مەبلەغ سالغۇچىلار تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇپ كەتكەن. لېكىن ھىندىستاننىڭ مۆلچەرىچە، ئۇلار تىزلا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرىدىكەن، بۇلار ئەنگىلىيىدىن كەلگەن مەبلەغ سالغۇچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
مائارىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى، بالون، دورا ياسىمىچىلىق، پولات ۋە پولات ماتېرىيال مەھسۇلاتلىرى، ئاپتوموبىل، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك ۋە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى 45 شىركەتكە قارىتا يۈرگۈزۈلگەن تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، كەلگۈسى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، % 51 زىيارەت قىلىنغۇچى ئەنگلىيەگە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئازايتىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. % 43 زىيارەت قىلىنغۇچى ھىندىستاننىڭ ھەر قايسى شىركەتلەرنىڭ ئەنگلىيەگە يۆتكىلىدىغان ئىچكى قىسمىدىكى كەسپىي خادىملارنىڭ سانىنىڭ ئازىيىشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن. يەنە % 43 زىيارەت قىلىنغۇچى ئەنگلىيەگە كۆچمەن بولۇپ بارىدىغان ھىندىستانلىقلارنىڭ سانى ئەمدە ئازلايدۇ دەپ قارايدىكەن.
. ھىندىستاننىڭ ئەنگلىيەگە سالغان مەبلىغى ياۋروپادىكى باشقا مەملىكەتلەر سالغان ئومۇمى مەبلەغنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدۇ. ھىندىستان ئەنگلىيەنىڭ ئۈچىنچى چوڭ چەت ئەل مەبلىغى مەنبە دۆلىتى. شۇنداقلا ئەنگىلىيەمۇ ھىندىستاننىڭ ئۈچىنچى چوڭ چەت ئەل مەبلىغى مەنبە دۆلىتى بولۇپ، چەت ئەل بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش سالمىقىدا %8 نى ئىگىلەيدۇ.
ئەنگلىيەنىڭ «ياۋرودىن ئاجرىغان» دىن كېيىنكى ھىندىستانغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىسىدا ھىندىستاننىڭ كەسپى ساھەدىكى ۋەكىللىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئۇزۇن مەزگىلدىن قارىغاندا، ئىككى تەرەپنىڭ سودا ۋەزىيىتى چوقۇم ھىندىستان ئۈچۈن پايدىلىق. ئۇلار ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى كۆزدە تۇتقاندا، ھىندىستان ۋە ئەنگلىيە بەلكىم مەھسۇلات، مۇلازىمەت ۋە مەبلەغ سېلىش ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاشنى ئويلىشىدۇ دەپ قارايدىكەن. بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قارىغاندا، دۇنيا سودا ساھەسىدىكى رەھبەرلەر ئەنگلىيەنىڭ ھازىرقى مەيدانى ئۇنچە قاتمال ئەمەس، بەلكىم تېخىمۇ كەڭ بولغان ئىككى تەرەپلىك سودا كېلىشىمى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان.
ھىندىستان سودا ساھەسىدىكى رەھبەرلەر بولسا : ئەنگلىيەگە بېرىپ مائارىپ تەربىيەسى ئېلىش تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىشىدىن ئۈمىد بار. شۇڭا ئەنگلىيە بەلكىم تېخىمۇ كۆپ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلىش جەھەتتە رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرى قوللىنىشى مۇمكىن دەپ قارىغان. ئەنگلىيەدە ئوقۇۋاتقان ھىندىستانلىق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەنگلىيە «ياۋرودىن ئاجرىغان» دىن كىيىن ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئادىل رىقابەت مۇھىتىدا باشقا ياۋروپالىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە خىزمەت ئىزدىشىگە پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. ھىندىستاندا ئىنگلىز تىلىغا پۇختا ۋە پىشقان ئەمگەكچىلەر كۆپ، بۇ جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 18999939240 (نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2017 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备15003405号

شىنجاڭ ئانا تۇپراق تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا