ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

ئۆي-مۈلۈك بازىرىدا قىسقا مۇددەتلىك تەڭشەش بولۇشى مۇمكىن

ۋاقتى : 2016-07-09  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئابدۇللا  

جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مالىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقاتخانىسى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەھەر ۋە رىقابەت كۈچى تەتقىقات مەركىزى 6-ئىيۇل «جۇڭگو تۇرالغۇ تەرەققىياتى 2016-يىللىق ئوتتۇرا مەزگىللىك دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. « دوكلات»تا مۆلچەرلىنىشىچە، 2016-يىلى دۆلىتىمىزدىكى تاۋار ئۆي سودىسىدا تارىختىكى يېڭى سەۋىيە يارىتىلىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن؛ بازارنىڭ «ئاز ساندىكى شەھەرلەر ئاۋات، كۆپ ساندىكى شەھەر كاسات» بولۇشتەك ۋەزىيەتتىن ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشكە قاراپ مېڭىشى مۇمكىن.
 «دوكلات» تا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ ئۆي-زېمىن بازىرى ئومۇمىي جەھەتتىن تېز ئەۋج ئېلىۋاتقان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تاۋار ئۆي ئوتتۇرىچە باھاسى ئېشىش نىسبىتى 3-ئايدا ئەڭ يۇقىرى بولغان. تاۋار ئۆي زاپىسى 2016 ـ يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 2015-يىلىدىكىدىن تەخمىنەن 50 مىليون كىۋادرات مېتىر ئازايغان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئۆي-زېمىن سېلىنمىسى GDP نىڭ ئېشىشىغا %0.37 تۆھپە قوشقان.
«دوكلات» تا، 2016-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 2017-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىغا قەدەر ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ بىر قىسقا مۇددەتلىك تەڭشەش مەزگىلىنى كۈتۈۋېلىشى مۇمكىن ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، ئومۇمىي ئىقتىسادىي يۈزلىنىشتە زور ئۆزگىرىش بولماسلىق ۋە مۇھىم سىياسەت يول-يورۇقى يوق شەرتى ئاستىدا، ئۆي باھاسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش كۆرۈلۈشى؛ ئۆي-زېمىن مەبلىغىنىڭ ئېشىش دەرىجىسىمۇ ئاستىلاپ 2017-يىلقى بازاردا داۋالغۇش پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
 «دوكلات»تا يەنە ئېلىمىزنىڭ ئۆي-زېمىن بازىرىدىكى بۆلۈنۈشنىڭ «ئاز ساندىكى شەھەر ئاۋات، كۆپ ساندىكى شەھەر كاسات» بولۇشتىن ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشكە قاراپ كۈچىيىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى. شەرقىي قىسمىدىكى شەھەرلەر ۋە بىرىنچى، ئىككىنچى لىنىيەدىكى شەھەرلەردە شۇنداقلا ئىقتىساد، قاتناش ۋە مۇھىتى ياخشى بولغان چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەر ۋە ئۈچىنچى لىنىيەدىكى مەركىزى شەھەرلەردە ئاۋات، باشقا ئۈچىنچى تۆتىنچى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك شەھەرلەردە بىر قەدەر سۇس بازار بولىدىكەن.
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مالىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنى باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى، « جۇڭگو تۇرالغۇ تەرەققىيات دوكلاتى» نىڭ باش مۇھەررىرى نى پېڭفېي مۇنداق دەپ قارىدى : شەھەر راۋاجلاندۇرۇش فاڭجېنىنى تەڭشەپ، چوڭ شەھەرلەرنىڭ چەكلىمىسىنى ئېلىۋېتىش؛ چوڭ مەركىزى شەھەرلەرنىڭ مەركىزى رايونىدىكى نوپۇس ئەڭ مۇۋاپىق زىچلىقتىن ئارتىپ كەتكەندە، كۆپ مەركەز بەرپا قىلىپ ھەل قىلىش؛ شەھەر كېسەللىرىنى تىزگىنلەش؛ چوڭ، كىچىك شەھەرلەر ۋە بازارلارنى ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شەھەرلەر توپىنى ئاساسىي شەكىل قىلىپ بىرلەشتۈرۈش؛ شەھەرلەر توپى ئىچىدىكى كىچىك شەھەرلەر ۋە شەھەر-بازارلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 18999939240 (نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2017 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备15003405号

شىنجاڭ ئانا تۇپراق تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا