ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

ئۆزبېكىستان بانكىسى تاشقى پېرېۋوت نەق پۇلى ئېلىشقا چەكلىمە قويدى

ۋاقتى : 2016-07-05  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

ئۆزبېكىستان بانكىسى بۇ يىل 7-ئايدىن باشلاپ تاشقى پېرېۋوت نەق پۇل كەسپىگە ۋاقتىلىق چەكلىمە قويدى. ئۆزبېكىستاندىكى مالىيە-ئىقتىساد ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر ھەر بىر خېرىدار ھەر ئايدا بانكىدىن پەقەت 300 ئامېرىكا دوللىرى ئالالايدىكەن. ھەر كۈنى ئالالايدىغان نەق پۇل سوممىسى ئۆزگەرمىگەن بولۇپ، يەنىلا 100 ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن.
بانكىسى سىستېمىسىدىكى خادىم تاشقى پېرېۋوت كەسپىدە بىر قىسىم چەكلىمە قويۇش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغانلىق ئۇچۇرىنى دەلىللىدى، ئەمما بۇنىڭغا باھا بېرىشنى رەت قىلدى. ئوخشاش خىلدىكى چەكلىمە قويۇش تەدبىرى 2016-يىلى 1-ئايدىمۇ يولغا قويۇلغان ئىدى، ئەينى چاغدا مېدىيالار خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزبېكىستان دائىرلىرىنىڭ بۇ تەدبىرى پۇل يۇيۇش جىنايىتى ۋە قانۇنسىز بايلىققا زەربە بېرىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىكەن.
ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، 2016-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىغان بۇ تەدبىر تاشقى پېرېۋوت ئوبوروتىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىكەن. ئۆزبېكىستان مەمۇرىي دائىرلىرى تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنى بانكا ھېساباتىدا قالدۇرۇپ قېلىشقا بارلىق كۈچى بىلەن تىرىشماقتا، چۈنكى ئۆزبېكىستان بانكىسىنىڭ بانكا سىستېمىسىنىڭ ئايلىنىشچانلىقىنى قوللايدىغان پۇلى يوق. ئۆزبېكىستان پۇل-مۇئامىلە باشقۇرۇش تارماقلىرى تاشقى پېرېۋوت بايلىقىنى بانكا ئىچىدە تۇتۇپ قېلىپ، كاپىتالنىڭ چەتئەلگە قېچىش خەتىرىنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈردى.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 18999939240 (نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2017 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备15003405号

شىنجاڭ ئانا تۇپراق تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا