مېنىڭ تېمام «دۇنيا ئىقتىسادى ئۇزاق مەزگىللىك توختاشقا قەدەم قويدى»، بىرىنچى بولۇپ دەيدىغىنىم، چېكىنىش يەنە داۋاملىشىۋاتىدۇ، 2007-يىلدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، چېكىنىش سەككىز يىل داۋاملاشتى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش دىرېكتورى كىرىستىنا لاگاردې (Christine Lagarde) مۇنداق يىغىنچاقلاپ، بەش ئالاھىدىلىك بار دېگەن: خارابلىشىپ ئەسلىگە كېلىش،تۆۋەنلەپ ئېشىش، پۇل قىس بولۇش، يۇقىرى دەرىجىدە ئىشسىزلىق، يۇقىرى قەرز.
6-ئايدا دۇنيا بانكىسى يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات دوكلاتىنى ئېلان قىلدى: 2016-يىلى يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتى بىرىنچى ئايدىكى 2.9 دىن 2.4 كە تۆۋەنلىدى، تۆۋەنلەش نىسبىتى بەك چوڭ، 2017-يىلى 3.1 دىن 2.8 گە تۆۋەنلەيدۇ، بۇمۇ بەك چوڭ، دېدى. بۇ دوكلاتتىمۇ يەر شارى ئىقتىسادىغا بىر قەدەر پاسسىپ قىياس بار.
مەركىزىي بانكا يېقىندا چېكىنىش ئەھۋالىغا قارىتا ئەمەلىي پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويدى، 16-چېسلا ئامېرىكا زاپاس پۇل كومېتىتى 6-ئايلىق پۇل سىياسىتى قەرەللىك يىغىنى ئۆتكۈزدى، بۇرۇن نۇرغۇن تاراتقۇلار، نۇرغۇن تەھلىلچىلەر ئۆسۈم قوشۇش كېرەك دەپ قارىغانىدى، لېكىن ئۇ يەنىلا ئۆسۈم قوشمىدى. يەر شارى پۇل-مۇئامىلىسى ئېلىپ كېلىدىغان خەتەرگە نىسبەتەن ئامېرىكا زاپاس پۇل كومېتىتى ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك دەپ قارىدى، شۇڭا ئاساسىي ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكنى قارار قىلدى ھەم ئامېرىكا ئىقتىسادىي قىياسىنى تۆۋەنلەتتى. 16-چېسلا،ئامېرىكا زاپاس پۇل كومېتىتى، ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسى ۋە شىۋېيتسارىيە مەركىزىي بانكىسى ئوخشاش بىر كۈندە يېڭى پۇل سىياسىتى بەلگىلىدى، بۇ بەلگىلىمە ھەممىمىزگە ئوخشاش بىر كۆرۈنۈشنى كۆرسەتتى-ئىقتىساد يەنە تۆۋەنلەۋاتىدۇ.
يەر شارى ئىقتىسادى ئەسلىگە كېلىشى بۇنچە قىيىن، كەلگۈسىنى كۆرەلمەيۋاتقانلىقىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەب تۆت جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ:
تەمىنلەش جەھەتتە ئۈچ ئامىل بىر قەدەر مۇھىم. بىرىنچى ئامىل، تېخنىكىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئاستا. يەر شارى ئىقتىسادى بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇزاق دەۋرى تېخنىكىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تايىنىدۇ. لېكىن تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ھازىر تېخى يەر شارىنى بۇنداق چوڭقۇر كىرىزىستىن تارتىپ چىققۇدەك دەرىجىگە يەتمىدى، پۈتۈن دۇنيا بىر قېتىملىق تېخنىكا ئىنقىلابىنى كۈتمەكتە.
ئىككىنچى ئامىل، نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ يامانلىشىشى. ئەمەلىيەتتە نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ يامانلىشىشى تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەردە بۇرۇنلا بار ئىدى. ھازىر جۇڭگودەك دۆلەتلەرگە قاراپ يامراۋاتىدۇ. ياپونىيەدىكى كۈمۈشرەڭ دولقۇن (نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىنى كۆرسىتىدۇ)، ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر نوپۇسىنىڭ ساپ ئېشىش نىسبىتىنىڭ مەنپىي بولۇشىنى ئامېرىكا ماشىنىلاشقان كۆچمەنلەر ئارقىلىق ھەل قىلالايدۇ، دەپ قارىغانىكەنمىز. لېكىن ھازىر ئامېرىكىمۇ نوپۇس قۇرۇلمىسى يامانلىشىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەندەك قىلىدۇ. نۆۋەتتە ياۋروپادىكى كۆچمەنلەر مەسىلىسىنىڭ كەينىدىكى تېخىمۇ چوڭقۇر سەۋەب ئەمەلىيەتتە نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ يامانلىشىشى. جۇڭگودا تېخى مەنپىي ئەمەس، لېكىن نوپۇس قۇرۇلمىسى يامانلاشقا قوشۇنغا قوشۇلدى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئوخشاش باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەر مۇشۇ خىل ئەھۋالدا. ھازىر نوپۇس قۇرۇلمىسى ئەڭ ياخشى بولغىنى ئافرىقا. شۇڭا بەزىلەر ئافرىقىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشى دەيدۇ، بۇ ئەسىرنى بولۇپمۇ كېيىنكى يېرىم ئەسىرنى ئافرىقىنىڭ ئەسرى دەيدۇ، چۈنكى باشقا يەرلەردە ئادەم يوق بولىدۇ.
ئۈچىنچى ئامىل، ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتى سەۋىيەسى. بۇ ئەمەلىيەتتە يەنىلا سىياسەت ئۆسۈم نىسبىتى. ئۇ ئېكسپورت بىلەن مەبلەغنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەيدۇ. شۇڭا ھازىر بەزىلەر بولۇپمۇ غەربتىكى بەزى داڭلىق كىشىلەر پۈتۈن دۇنيانىڭ ھازىرقى مەسىلىسى زاپاس بەك كۆپ، پۈتۈن دۇنيا مەبلىغىمۇ ئۇنى سۈمۈرۈپ بولالمايدۇ، دېگىنىنى ئاڭلايمىز. چۈنكى ساقلاش كاپىتالنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشى بىلەن ماس كېلىدۇ. لېكىن مېنىڭ مەبلەغ يېتىشمەيدۇ، دېگۈم بار. بۇنىڭ ئەكس ئەتتۈرىدىغىنى مەبلەغ سېلىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ، پايدا ئالغىلى بولغۇدەك مەبلەغ قالمىدى. چۈنكى ھازىر كۆپچىلىك مەبلەغ سالىدىغانغا پايدا ئالغىلى بولىدىغان تۈر يوق، مەبلەغ سېلىش بولمىسا نەدە ئېشىش بولىدۇ، مەبلەغ سېلىش بولمىسا نەدە قۇرۇلمىنىڭ ئۆزگىرىشى بولىدۇ، مۇشۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە ئەكس ئېتىدۇ.
تۆتىنچى مەسىلە، كىرىم تەقسىماتىنىڭ يامانلىشىشى. كىرىم تەقسىماتى ئاساسىي ئىقتىسادشۇناسلىقىنىڭ تالاش-تارتىش دائىرىسىدىكى ئىش ئەمەسلىكىنى بىلىمىز، تارماق ئىقتىسادشۇناسلىق مۇنداقلا تالاش-تارتىش قىلىپ قويىدۇ. كىرىم تەقسىماتىغا بولغان تەتقىقاتىمىزنى ئاساسىي ئېشىش نەزەرىيەسىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۇنىڭدىن چاتاق چىقتى. ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى ماركس يۈز نەچچە يىل بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويغان، كېيىن نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇنىڭغا سەل قارىدى. كاپىتالىزم تۈزۈمىلا ئۈزۈكسىز كىرىم قىلىدۇ، تەقسىملەشنىڭ يامانلىشىشى بايلىقىنىڭ ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ قولىغا مەركەزلىشىپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بۇنداق قۇرۇلمىدا قارىماققا ئاشقاندەك قىلسىمۇ، لېكىن تەقسىملەش ئادىل بولمىغاچقا، نۇرغۇن كىشى سىزنىڭ ياخشى گېپىڭىزنى قىلمايدۇ. يېقىنقى 10~20 يىلدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە چىققان مەسىلىلەرگە قارىساق، ئاساسەن دېگۈدەك كىرىم قوغدالمىغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى نېمىشقا سەن مەندىن ياخشى يەيسەن؟ بۇ مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشى كاپىتال باشتىن ئاخىر كۈچلۈك ئورۇندا تۇرغان، بۇنداق ئەھۋال پايدىسىز.
ئاپتورى: لى ياڭ (李扬)، دۆلەت پۇل-مۇئامىلە ۋە تەرەققىيات ئىشخانىسىنىڭ كېڭەش باشلىقى