ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىمپورت دۆلىتىگە ئايلىنىشى مۇمكىن

ۋاقتى : 2016-07-02  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

نېفىت باھاسىنىڭ 12 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەسىنى تىرەپ تۇرغان قاڭقىش تۈۋرۈكنىڭ بىرى غۇلاپ چۈشۈشى مۇمكىن.

بلۇمبېرگ (Bloomberg) ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مورگان چېيس (JPMorgan) شىركىتىنىڭ ئانالىزچىسى ۋاڭ يى (王颖) قاتارلىقلار 6-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا جۇڭگونىڭ نېفىت زاپىسى تولدۇرۇش ئىستراتېگىيە مۇساپىسى ئاخىرلىشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن؛ نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ بۇ يىللىق زاپاس ساقلاش مەقسىتىدىكى نېفىت سېتىۋېلىش مىقدارى بىر ھەسسە ئاشقان، ئىستراتېگىيەلىك غەملەش نىشانىدىكى ئىمپورت قىلىش بۇ دۆلەتنىڭ نېفىت ئىمپورت مىقدارىنى تەخمىنەن %15 ئازايتىدىكەن.

جۇڭگونىڭ خام نېفىت ئىمپورت مىقدارى بۇ يىل %16 ئېشىپ، ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت سېتىۋالغۇچى دېگەن نامنى ئالدى. بۇنداق كۈچلۈك ئېھتىياجغا كانادا بىلەن نىگېرىيەنىڭ تەمىنلەشنى ئۈزۈپ قويغىنى قوشۇلۇپ، نېفىت باھاسىنىڭ 1-ئايدىن بۇيان %80 ئەتراپىدا ئۆرلىشىگە ياردەم قىلدى.

«جۇڭگو 2015-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ نېفىت باھاسى تۆۋەنلىگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، نېفىتنى ئىستراتېگىيەلىك غەملەشنى تېزلەتتى» دېيىلدى مورگان چېيسنىڭ دوكلاتىدا. «بىزنىڭچە، بۇ مىقدار ئاللىقاچان ئامبارنىڭ سىغدۇرۇش چېكىگە يېقىنلاشتى. يەرلىك كىچىك تىپتىكى چەككىلەش زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى يوشۇرۇن تۆۋەنلىشى ۋە جۇڭگونىڭ ئېھتىياجى كۆزلىگەندىكىدىن ئاجىز بولۇشى قوشۇلۇپ، يەر شارى نېفىت باھاسىنىڭ قىسقا ۋاقىتلىق خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن».

جۇڭگونىڭ ئىمپورتى 2-ئايدا ئۆرلىگەندىن باشلاپ رېكورت ياراتقۇچە ھەر كۈنى 8 مىليون 40 مىڭ تۇڭ بولغان. جۇڭگو خەلقئارا نېفىت خىمىيە سانائىتى بىرلەشمىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى جوڭ فۇلياڭ (钟富良) جۇڭگونىڭ بۇ يىلقى كۈندىلىك نېفىت ئىمپورت مىقدارى 8 مىليون 500 مىڭ تۇڭغا يېتىپ، ئامېرىكىدىن ئېشىپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىمپورت دۆلىتىگە ئايلىنىشى مۇمكىن، دەپ بىلدۈردى.

ئىككىنچى باسقۇچ
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگو 2009 -يىلى تۆت جايدا نېفىتنى ئىستراتېگىيەلىك غەملەشنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش خىزمىتىنى تاماملىغان، جەمئىي سىغىمى 91 مىليون تۇڭ بولغان. ئۈچىنچى ئايدا ئاشكارىلانغان ئەڭ يېڭى يىللىق پىلاندا ئىككىنچى باسقۇچ 2020-يىلدىن بۇرۇن تاماملىنىدىكەن.

جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك غەملەش مىقدارى ياكى ساقلاش ئىقتىدارىنى قەرەللىك ئاشكارىلىمايدۇ. مورگان چيېس ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىغا ساپ ئىمپورتنى قوشۇپ، چەككىلەنگەن يېقىلغۇ ماينى ياكى ساقلاش سىستېمىسىغا توشۇلغان خام نېفىت مىقدارىنى ئېلىۋېتىپ، نېفىتنى ئىستراتېگىيەلىك غەملەش ئىسكىلاتىدىكى ئەسلىدىكى نېفىت مىقدارىنى مۆلچەرلىگەن. بۇ يىل بۇ مىقدار ھەركۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1 مىليون 200 مىڭ تۇڭ بولۇپ، ئۆتكەن يىلقى 491 مىڭ تۇڭدىن كۆپ ئارتۇق بولغان، ئومۇمىي ساقلاش مىقدارى 400 مىليون تۇڭغا يەتكەن.

ھۆكۈمەت تەرەپ تاراتقۇسى ئېلان قىلغان ھۆكۈمەت پىلانىغا ئاساسلانغاندا، بۇ تاراتقۇ نېفىتنى ئىستراتېگىيەلىك غەملەش ئىسكىلاتىنىڭ سىغىمىنى 500 مىليون 110 مىڭ تۇڭ دەپ پەرەز قىلغان. ھازىرقى ساقلاش سۈرئىتى بويىچە ئىستراتېگىيەلىك غەملەش ئىسكىلاتى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا توشۇپ، 9-ئايدىكى ئىمپورت تۆۋەنلىشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ تاراتقۇ « ئەگەر ئىسكىلاتنىڭ ساقلاش سىغىمى ئاخىرقى چەككە يەتسە، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئېھتىياجى ھالسىزلىنىپ، دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تۆۋەنلىسىمۇ، لېكىن بىز بۇ يىل ھازىرغىچە بولغان %16لىك ئىمپورتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمىز» دېدى.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 18999939240 (نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2017 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备15003405号

شىنجاڭ ئانا تۇپراق تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا