ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئاجايىباتلار

ھىندىستاندىكى بالدۇر قېرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالا

ۋاقتى : 2013-08-28  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئابدۇللا  

01.jpg

 

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» 26-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ھىندىستاندىكى بۇ يىل ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن ئالى ئىسىملىك بىر ئوغۇل بالا ئاز ئۇچرايدىغان ئىرسىيەت كېسەللىكى بالدۇر قېرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، بەدىنى 110 ياشلىق بوۋاينىڭكىدەك قېرىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئىككى ئاكسى ۋە ئۈچ ئاچىسىمۇ مۇشۇ كېسەل بىلەن تۈگەپ كەتكەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا ھازىر پۈتۈن دۇنيادىكى 80 كىشى بالدۇر قېرىش كېسىلى سەۋەبىدىن ئازاب تارتىۋېتىپتۇ.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بالدۇر قېرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ قېرىش سۈرئىتى باشقىلارنىڭ سەككىز ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن، تېز سۈرئەتتىكى قېرىش ئۇلاردا ئاسانلا بوغۇم ياللۇغى، كۆز كېسەللىكى، يۈرەك كېسىلى ۋە تاقىرباشلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، ئادەتتە بۇ كېسەللگە گىرىپتار بولغانلار ئارانلا 14 يىل ئۆمۈر كۆرەلەيدىكەن. بۇ خىل ئاز ئۇچرايدىغان ئىرسىيەت كېسەللىككە قارىتا دوختۇرلارمۇ ئامالسىز ئىكەن. ھازىر ئالى ئۆيدىكى بىردىنبىر ھايات قالغان بالدۇر قېرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالا بولۇپ، ئۇ بۇ كېسەلدىن ساقىيىش ئۈمىدىدىن ئەسلا ۋاز كېچىپ باقمىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھايات تۇرۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن، نورمال كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆگىنىش قىلىپ ئوينىسامكەن دەيمەن. مەن بۇ كېسەللىكنى ساقايتقىلى بولىدىغان دورىنىڭ بالدۇر دۇنياغا كېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن، مېنىڭ ئەمدى ئاتا-ئانامنى ئەنسىرەتكۈم يوق».
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئالىنىڭ ئاتا-ئانىسى نەۋەرە تۇغقانلاردىن بولۇپ، توي قىلغىنىغا 32 يىل بولغان. بۇ جەرياندا ئىككىيلەن جەمئىي سەككىز پەرزەنتلىك بولغان بولسىمۇ، ئۇلار ئارىسىدىكى ئىككى قىزلا ساغلام چىققان، قالغان ئالتەيلەننىڭ ھەممىسى بالدۇر قېرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، بەش بالا قازا قىلغان. ھازىر ئالىنىڭ ئاتا-ئانىسى شۇ يەرلىك خەير -ساخاۋەت ئورگانلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن، SB Devi تەشكىلاتى ئالىنىڭ بارلىق داۋالىنىش چىقىمىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

 

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا