ئىلگىرى سۇلياۋ پلاستېردا ئادەم يۈزىنى ئوراپ تارتقان بىر يۈرۈش سۈرەتلىرى بىلەن تورداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن فوتوگراف سەنئەتكار Wes Naman بۇدا يەنە يېڭى بىر يۈرۈش فوتو-سۈرەتلەرنى ئېلىپ كەپتۇ. بۇ قېتىمقىسى، ئادەمنىڭ يۈزى پۈتۈنلەي رېزىنگە بوغقۇچ بىلەن مەھكەم ئورىۋېتىلگەن بولۇپ، چىراينىڭ تارتىشىپ سەتلىشىپ كەتكەنلىگىنى دېمىسەممۇ كۆردۈڭلار ھەقىچان…
تۆۋەندىكىسى، دەل ئاشۇ بىر يۈرۈش سۈرەتلەر، قارىماققا ئازراق سەنئەتنىڭ پۇرىقى كېلىپ تۇرسىمۇ، ئەمما قىينىلىپ كەتكەنلىگى چىقىپمۇ تۇرىدۇ، بىراق، فوتوگراف Naman بۇ ئەسەرلىرىنىڭمۇ ئوخشاشلا تورداشلار تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.