غايىۋى ناخشىچى مايكول جېكسون 2009-يىلى كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتۈپ پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى.2012-يىلى 8- ئاينىڭ 29- كۈنى «مودا ناخشا شاھى» دەپ ئاتالغان مايكول جېكسوننىڭ 54 ياشقا كىرگەن خاتىرە كۈنى ئۆتكۈزۈلدى.مەستانىلىرى يىغىلىپ ئۇنىڭدەك ياسىنىپ، جېكسونغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈشتى.
گەرچە ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ جېكسون يەنىلا مودا ناخشا شاھى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇر،نۇرغۇن سەنئەتكارلار ئۇنى دورايدۇ.جېكسوننىڭ تەسىر كۈچى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئاشىدۇكى ھەرگىز كېمەيمەيدۇ.ئۇ مۇزىكا ساھەسىدىكى تالانت ئىگىسى دەپ ئاتالغان. بىراق شەخسى تۇرمۇشى قىلچىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، نۇرغۇنلىغان سۆز-چۆچەكلەر ئۇنى يوشۇرۇن ياشاشقا مەجبۇر قىلغان.ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن مىراس داۋاسىمۇ ئىنتايىن ئەۋجىگە چىقتى.
2002-يىلى11-ئايدا بېرلىن مېھمانخانىسىنىڭ بالكونىدا جېكسون بالىنىڭ بېشىنى لۆڭگىدە ئوراپ، بەدىنىنى رىشاتكىنىڭ سىرتىغا ساڭگىلاتقان كۆرۈنۈشىنى باشقىلار سۈرەتكە تارتىۋالغان.بۇ قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغانىدى. كىشىلەر ئۇنى تەنقىدلەپ «بالىنىڭ ھاياتى بىلەن ئويناشتى»، «بېرلىن ساقچىلىرى بۇ قارام دادىنى قولغا ئېلىشى كېرەك» دېيىشتى..... كېيىن مايكول جېكسون بۇنى چۈشەندۈرۈپ بۇ ئىنتايىن زور بىر ئۇقۇشماسلىق دېگەن.
1993-يىلى مايكول جېكسون 13 ياشلىق جوردان چەندلېرغا جىنسى پاراكەندىچىلىك سالغان دەپ قولغا ئېلىنغان. شۇنىڭ بىلەن دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان ئەزىر قىلىنغان بۇ دىلو پۈتۈن دۇنيانى قوزغىتىۋەتكەن.بىراق بۇ بىر مەيدان دولقۇن بەكمۇ تېز ئاخىرلاشقان.1994-يىلى1-ئايدا «بالىلارغا پەسكەشلىق قىلغان مايكول جېكسون» ئاخىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى جوردان چەندلېرغا 26 مىليون تۆلەم تۆلەش ئارقىلىق مەسىلىنى قانۇن سىرتىدا ھەل قىلغان.جېكسون ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن 29 ياشلىق چەندلېر ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا يالغان سۆزلىگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان.جېكسوننىڭ ئاشۇ ئەنزىسى پۈتۈن دۇنياغا بىر سۇئال بەلگىسى قالدۇرۇپ قويغانىدى. بىراق ئۇ بۇنىڭ جاۋابىنى بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى.
مايكول جېكسوننىڭ 1983-يىلىدىكى تۇنجى قېتىم ئېچىلغان ناخشا كېچىلىكى «ئاي قەدىمى» پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرۇپ،ئۇنى ئۇسۇل سەھنىسىدىكى پادىشاھلىقىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقۇزغانىدى.ئۇ شۇ ۋاقىتتا بۇ داڭلىق ئۇسۇلىنى ئوينىغاندا ئاق رەڭلىك خرۇستال پەلەي كىيگەن،شۇندىن بۇيان بۇ جېكسوننىڭ بىر بەلگىسى بولۇپ قالغانىدى. كىشىلەرنىڭ جېكسوننىڭ بەلگىسى بولغان ئاق پەلەينى ئۇنتۇپ قېلىشى ھەقىقەتەن بىر ئەخمەقلىقتۇر.
بالىلارغا جىنسى پاراكەندىچىلىك سېلىشتىن باشقا نۇرغۇنلىغان سۆز-چۆچەكلەر جېكسوننىڭ بېشىدىن ئايلىنىپ كېتەلمىدى. جېكسون چىرايىنى ئون قېتىمدىن ئارتۇق تۈزەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئالتە قېتىم بۇرنىنى، ئۈچ قېتىم ئېڭىكىنى،ئىككى قېتىم لېۋىنى ۋە بىر قېتىم مەڭزىنى تۈزەتكەن.ئۆزىدىكى قارا تەنلىكلەرگە ئائىت خاسلىقىنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئۇ يۈزى ۋە بەدىنىگە قاتتىق ئىشلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوكۇل قويغان ۋە كۆچۈرۈش ئېلىپ بارغان، شۇنىڭ بىلەن قارا رەڭلىك تېرىسىنى ئاق رەڭگە ئۆزگەرتكەن. مايكول جېكسوننى يەرلىكىگە قويغان ۋاقتىدا ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سۆز-چۆچەكلەر يەنە جاھاننى بىر ئالغان، ئەنگلىيە «قۇياش گېزىتى» دە ئەينى ۋاقىتتا «شەيتانچاق» فىلىمى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان مەكەۋلى كۈلكىننىڭ ئۆز ئاتىسى مايكول جېكسون دەپ خەۋەر بەرگەن.
مودا ناخشا شاھى مايكول جېكسون ئالەمدىن ئۆتۈپ ئۇزاق ئۆتمەي كۆپچىلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قىزىق نۇقتىنى، ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئىگىدارچىلىق قىلغان The Beatlesمۇزىكا ئەترىتىنىڭ نەشرى ھوقۇقى زادى كىمنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولىدۇ دېگەن مۇنازىرە ئۈستىگە قاراتتى،بۇرۇن مايكول جېكسون بىلەن مىسكارزى ئىنتايىن ياخشى دوستلاردىن ئىدى. 1985-يىلى مايكول جېكسون مىسكارزى ۋە باشقا رىقابەتچىلىرىدىنمۇ ئۈستۈن باھا بىلەن The Beatlesمۇزىكا ئەترىتى ناخشا نەشرى ھوقۇقىنى سېتىۋالغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن مىسكارزى ئۆزىنىڭ ناخشا نەشرى ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولدى.ھەر قېتىم ئۆزىنىڭ ناخشىلىرىنى ئوقۇغاندا مايكولغا ھەق تۆلەيدىغان مىسكارزى ئاخباراتچىلارغا شۇنداق دېگەن: «بۇرۇن ئاخباراتچى ۋاسىتىلىرى دائىم مايكول جېكسوننىڭ The Beatlesمۇزىكا ئەترىتى ناخشا نەشرىنى ماڭا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەر بېرىشەتتى. بىراق مەن بۇ خەۋەرلەرنى ئاڭلىغاندا بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلەتتى».
جېكسون ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن جېكسوننىڭ ئەڭ زور مەستانىلەر تور بېكىتىنىڭ باشلىقى گەرى تەيلور مۇنداق دېگەن. ئۇنىڭ بىلىشىچە جېكسون ئۆلگەندىن كىيىن پۈتۈن دۇنيادا 12 نەپەر ناخشا مەستانىسى ئازابلىنىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئۇيەنە «ئەھۋال بەكمۇ ئېغىر،بىراق جېكسون بۇنداق بولۇشىنى پەقەت خالىمايتتى،ئۇ ناخشا مەستانىلىرىنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۈمىد قىلاتتى» دېگەن.