(بىزگە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بېلىتى كېرەك دېگەن ئېلاننى چاپلىۋالغان بىلەت ھايانكىشى)
ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئەنگلىيە ساقچى دائىرىلىرى لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بېلىتىنى ھاينىغا ساتقان كۆپلىگەن ھايانكەشلەرنى تۇتتى ھەمدە ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ بېلىتىنى ساتقان گېرمانىيەلىك بىر ئەر بىلەن سىلوۋاكىيەلىك بىر ئايال ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى.
ئەمەلىيەتتە چوڭ تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە دائىم خەلقئارالىق بىلەت ھايانكەشلىرىنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇلار تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن مۇھىم مۇسابىقىلەرنىڭ بېلىتىنى قولغا چۈشۈرگەندىن كىيىن، بۇنى يۇقىرى باھادا سېتىش ئارقىلىق زور پايدىغا ئېرىشمەكتە. ئۇنداقتا ئۇلار زادى قانچىلىك پۇل تاپىدۇ؟ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جەريانىدا بىر چەتئەللىك بىلەت ھايانكىشى مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ 70مىڭ ياۋرو تاپقانلىقىنى كۆز-كۆز قىلغان. قېنى تۆۋەندە خەلقئارالىق بىلەت ھايانكەشلىرىنىڭ ئاتالمىش بۇ خىل كارامىتىگە قاراپ باقايلى:
بۇ يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە، پولشا ۋە ئۇكرائىنىيەگە نۇرغۇن خەلقئارالىق بىلەت ھايانكەشلىرى توپلاشتى، ئەمما بۇ يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدا ئۇلار كۆپ پۇرسەتكە ئېرىشەلمىدى. چۈنكى بۇ يىللىق بىلەت باھاسىنى بېكىتكەندە، ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ تەشكىللەش كومىتېتى ئىككى دۆلەت ئاھالىسىنىڭ كىرىم ئەھۋالىنىڭ ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەردىن خىلىلا تۆۋەن ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، باھانى بىر قەدەر تۆۋەن بېكىتكەن. گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ بىلەن باھاسى پەقەت 30ياۋرو بولغان، ھەتتا بىر قىسىم مۇسابىقىلەرنىڭ بىلەت باھاسى 15ياۋرۇغىمۇ بارمىغان.
ئەلۋەتتە بىلەت ھايانكەشلىرىنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا ئۇسۇلى بار، ئۇلار 45ياۋرۇدىن 75ياۋرۇغىچە سېتىۋالغان بىلەتنى 200ياۋروغا ساتقان، بۇنى ئۇلارنىڭ گېپى بىلەن ئېيتقاندا، بۇ باھا بىر قەدەر مۇۋاپىق بولغان شۇنداقلا ئۇلار پۇتبول ھەۋەسكارلىرىغا ئازراق يۈز-خاتىرە قىلغان.
ئۇلار ئادەتتە مۇسابىقە مەيدانى ئەتراپىدا «ماڭا مۇسابىقە بېلىتى كېرەك» دېگەندەك لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالىدۇ، ھەتتا بىر قىسمى بىلەتنى قولىغا ئېلىۋېلىپ باشقىلارنى قىزىقتۇرىدۇ. بۇ يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە گەرچە ئۇلار كۆپ پۇل تاپالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بىر قىسىم بىلەت ھايانكەشلىرىمۇ پۇتبول مەستانىسى بولغانلىقتىن، بەكمۇ ئەپسۇسلىنىپ كەتمىگەن.
ئەمەلىيەتتە، تەنتەربىيە مۇسابىقىلەردىن باشقا پويىز بېلىتى، ناخشا كېچىلىكى شۇنداقلا داڭلىق فىلىملەرنىڭ بىلىتىمۇ خەلقئارالىق بىلەت ھايانكەشلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئەمما يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ خەلقئارادا ئالما ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالىدىغان ھايانكەشلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بەكرەك تارتماقتا. مەسىلەن، ئۆتكەن يىلى 15-ئۆكتەبىر ئەتتىگەن، نيۇ يورك 5-كوچىسىدىكى ئالما پارچە سېتىش دۇكىنىڭ ئالدىغا iphone4s يانفونىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كىشىلەر ئۇزۇن سەپكە تىزىلغان، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى جۇڭگولۇق بولۇپ، بەزىلىرى ھەتتا پۈتۈن ئائىلىسى بويىچە كەلگەن، iphone4s يانفونى جۇڭگودا كېچىكىپ بازارغا سىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار چەتئەلدە سېتىۋالغان يانفۇننى جۇڭگو بازىرىغا ئاپىرىپ، خىلى كۆپ پايدىغا ساتالايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا بېيجىڭ جۇڭگۈەنسۈن بازىرىدا iphone4s يانفۇنىنىڭ باھاسى بىر مەھەل 10مىڭ يۈەنگە يەتكەن.
دۆلىتىمىزدىكى بىلەت ھايانكەشلىرى تىلغا ئېلىنغاندا، چوقۇم چاغانلىق تىرانسپورت مەزگىلىدىكى پويىز بېلىتى ھايانكەشلىرىنى تىلغا ئالمىساق بولمايدۇ، ئۇلار ھەر يىللىق چاغانلىق تىرانسپورت مەزگىلىدە نۇرغۇن بىلەتنى قولىغا ئېلىۋېلىپ، ئۆيىگە قايتقۇسى بار كىشىلەرنىڭ پۇلىنى تاپىدۇ، ئالاقىدار ئورۇنلار گەرچە ھەر يىلى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئۇلارغا زەربە بېرىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ بىلەت ھايانكەشلىرىنى يەنىلا پۈتۈنلەي توسۇپ قالغىلى بولمايۋاتىدۇ. گەرچە چەتئەللەردە چاغانلىق تىرانسپورت مەۋجۇت بولمىسىمۇ، لېكىن مۇشۇ خىل بىلەت ھايانكەشلىرىگە قارىتا ناھايىتى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش تەدبىرلىرى بار.
مەسىلەن ھىندىستاندا بىلەت ھايانكىشى ئاساسىي جەھەتتىن يوق، ھىندىستان تۆمۈر يولى دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىراش تۆمۈر يول لىنىيەسى، ئەگەر ئامېرىكىنىڭ چاق ئۈستىدىكى دۆلەت دەپ ئاتىساق، ئۇنداقتا ھىندىستاننى پويىز چاقى ئۈستىدىكى دۆلەت دەپ ئاتاشقا توغرا كېلىدۇ . گەرچە ھىندىستاندا پويىز ناھايىتى قىستاڭ بولسىمۇ، لېكىن ئۆز ئىسمى بويىچە بىلەت ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاچقا، بىلەت باھاسىنى ئۆرە قىلىۋالىدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، يەنە كېلىپ ھىندىستاندا ساقچى، ئوقۇغۇچى قاتارلىق ئالاھىدە كەسىپتىكىلەر بىلەت سېتىۋالسا ئەرزان ياكى ھەقسىز ئالالايدۇ، يەنە كېلىپ نۇرغۇن ھىندىستانلىقلار پويىزنىڭ ئۈستى ھەتتا تېشىغا ئېسىلىۋېلىپ نىشانىغا بارىدىغان بولغاچقا، بىلەت ھايانكەشلىرىگە قىلچە پۇرسەت قالمىغان.
تايلاندتا بولسا، بىلەت تەكشۈرگۈچىلەر توختىماي بىلەت تەكشۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ساختا ياكى باشقىلارنىڭ نامىدا بىلەت سىتىۋالغانلار ئاسانغا بايقىلىپ قىلىپ، بىكار ئاۋارە بولىدۇ، شۇڭلاشقا ئۆز كەسپىنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان بۇنداق بىلەت تەكشۈرگىچىلەرمۇ بىلەت ھايانكەشلىرىگە زەربە بېرىشتىكى ياخشى ئۇسۇل.
كورىيەدە توردا بىلەت سېتىۋېلىش ئومۇملاشقان. يەنى كىشىلەر توردا بىلەت سېتىۋالغاندىن كىيىن، كومپىيۇرتۇردا ئۇرۇپ چىقارغان بىلەت ئارقىلىقلار پويىزغا چىقالايدۇ. ئالاقىدار ئورۇنلارمۇ كىشىلەر سەپەرگە چىقىدىغان يۇقىرى دولقۇنلاردا ئالاقىدار ئاممىۋىي قاتناش لىنىيەلىرىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، كىشىلەرگە قولايلىق يارىتىدۇ.
گېرمانىيەدە بولسا قىسقا ئۇچۇرنى بىلەت ئورنىدا ئىشلىتەلەيسىز، گېرمانىيە ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئۆز ئىسمى ئارقىلىق بىلەت سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى يولغا قويغان، شۇڭلاشقا بىلەت ھايانكىشىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ، كىشىلەرنىڭ بىلەت سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، گېرمانىيەدە يانفون ئارقىلىق بىلەت سېتىۋېلىش ئۇسۇلى يولغا قويۇلغان، يەنى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىقلا پويىزغا چىقالايسىز، بۇ ۋاقىتتا بىلەت تەكشۈرگۈچىگە يانفۇنىڭىزنى چىقىرىپ قىسقا ئۇچۇرنى كۆرسەتسىڭىزلا بولىدۇ.
رۇسىيەدە بىلەت سېتىۋېلىش ئۈچۈن چوقۇم كىملىكىڭىزنى كۆرسىتىشىڭىز كېرەك، يەنى كېلىپ رۇسىيىدە پويىز بىلىتىنىمۇ ئايروپىلان بىلىتىگە ئوخشاش قولىڭىزدا ئىلىپ يۈرۈشىڭىز كېرەك، چۈنكى پويىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تەكشۈرگۈچى خادىملار ھەرۋاقىت كىملىكىڭىز بىلەن بىلىتىڭىزنىڭ ئۈستىدىكى ئۇچۇرلارنى سېلىشتۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، بىلەت ھايانكەشلىرىگىمۇ كۆپ پۇرسەت قالمايدۇ.
بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن تەكشۈرتۈشنى كۈچەيتكەن دۆلەتتىن يەنە ئامېرىكا بار، 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ۋەتەننى سۆيۈش قانۇن»نى ماقۇللىدى، بۇنىڭ بىلەن ئاممىۋىي قاتناش تىرانسپورتىنىڭ بىخەتەرلىكى دۆلەت مۇداپىيەسى ئۈستۈنلۈكىگە كۆتۈرۈلدى، ئامېرىكىدا ئايروپىلان، پويىز شۇنداقلا ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغاندا ئوخشاشلا ئۆز ئىسمىڭىز بىلەن سىتىۋىلىشىڭىز كېرەك، يەنە كېلىپ بىلەت تەكشۈرگۈچى خادىملار ۋە ساقچىلار يولۇچىلار ئارىسىدا گۇمانلىق كىشىلەرنى بايقىغاندا، بىلەت تەكشۈرۈش ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىدۇ، ئەگەر بىلەت ھايانكەشلىرىنىڭ قولىدىن بىلەت سېتىۋالغان بولسىڭىز چوقۇم ئاۋارىچىلىققا ئۇچرايسىز.