ئامېرىكا «خەۋەر ژۇرنىلى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۆرۈپ-ئادىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ گۈزەللىك قارىشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.بىر دۆلەتتە گۈزەللىكى ئۆلچىمى قىلىنغانلار يەنە بىر دۆلەتتە ئەڭ كۆرۈمسىز ، ئەڭ غەلىتىلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دۇنيانىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا يەنە ئاجايىپ غەلىتە گۈزەللىك ئۆلچەملىرى بار بولۇپ، ئۇلارنى كۆرۈپ ھەيران قالىسىز.
1.ئىران : دۇنيادىكى« بۇرۇن گۈزەللەشتۈرۈش ئورنى»
ئىران دۇنيادىكى «بۇرۇن گۈزەللەشتۈرۈش ئورنى»بولۇپ، بۇ يەردىكى ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ھەممىسى بۇرۇن گۈزەللىكىنى گۈزەللىكنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆلچىمى قىلىۋالغان.ئىرانلىقلار بۇرۇن گۈزەللىكىگە ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ 2006-يىلى 30مىڭدىن ئارتۇق ئىران ياشلىرى بۇرۇن گۈزەللەشتۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنى قوبۇل قىلغان.
2.شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيالىقلار ئاپئاق تېرىسى بولۇشنى ياقتۇرىدۇ.
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيالىقلار تېرىسىنىڭ ئاپئاق بولۇشىنى گۈزەللىك ئۆلچىمى قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاپئاق تېرىسى جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە بايلىقىنىڭ سىمۋولى بولالايدىكەن. ئالدىنقى 10يىلدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا تېرىسىنى ئاقارتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن. بولۇپمۇ تايلاندتا ئاقارتىش ماددىسى قوشۇلمىغان گىرىم بۇيۇملىرىنى تېپىش ئىنتايىن تەس بولۇپ قالغان. جۇڭگو، مالايشىيا، فىلىپپىن، كورىيە قاتارلىق جايلاردىكى قىزلار ئاقارتىش ماددىسى قوشۇلغان گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەن.
3.غەربى ئافرىقىدا سېمىزلىك گۈزەللىك ئۆلچىمى قىلىنغان.
غەربىي ئافرىقىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا يەنىلا ئەنئەنىۋى گۈزەللىك قارىشى مەۋجۇت بولۇپ، سېمىزلىك گۈزەللىك ئۆلچىمى قىلىنغان.
4.كورىيە قىزلىرى« قاپاق كەستۈرۈش»نى گۈزەللىك ئۆلچىمى قىلغان.
كورىيە قىزلىرى قاپاق كەستۈرۈشكە «ئاشىق »بولۇپ، ئۇلار مۇشۇ خىل ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تېخىمۇ يوغان گۈزەل كۆزگە ئېرىشكىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئالدىنقى بىر قانچە يىلدا ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيىسى ئاسىيا قىتئەسىدە ھەدەپ ئەۋج ئالغان بولۇپ، كورىيە ئۇنىڭ تىپىك مىسالى. مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتچىلار كورىيىدىكى 10\1 قىسىم ئادەمنىڭ ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ چىققان.
5.ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر تەبىئىي گۈزەللىكنى ئۆلچەم قىلغان.
ياۋروپادىكى فرانسىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەر تەبىئىي گۈزەللىكنى قەدىرلەيدۇ.
6.يېڭى زېلاندىيىلىكلەر بەدەن چېكىشنى گۈزەللىك ئۆلچىمى قىلغان.
يېڭى زېللاندىيىدە نۇرغۇن ئەر ۋە ئاياللار moko تىپىدىكى بەدەن چەكتۈرۈشنى گۈزەللىك ئۆلچىمى قىلغان.
7.جۇڭگودىكى بەزى كىشىلەر ئۇزۇن پۇت بولۇشنى گۈزەللىك ئۆلچىمى قىلغان.
جۇڭگودىكى نۇرغۇن ياشلار قاتتىق ئاغرىقلارغا بەرداشلىق بېرىپ پۇت ئۇزارتىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرىدۇ، ئۇلار ئۇزۇن پۇت بولۇشنى گۈزەللىكنىڭ ئۆلچىمى دەپ قارايدۇ.
8.بىرمىدىكى ئاياللار ئۇزۇن بويۇن بولۇشنى گۈزەللىك ئۆلچىمى قىلغان.
بىرمىدىكى بىر قىسىم ئاياللار ئۇزۇن بويۇن بولۇشنى گۈزەللىك ئۆلچىمى دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا مىس چەمبىرەكنى بوينىغا سېلىۋالىدۇ. يېشى قانچە چوڭ بولغانچە بوينىغا سېلىنىدىغان مىس چەمبىرىكىمۇ كۆپىيىدۇ.