ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئاجايىباتلار

ئەنگلىيە فىزىكا ئالىمى ئىنسانلار يۈز يىل ئىچىدە تاشقى پلانېت ئادىمى بىلەن ئۇچرىشىدۇ دېدى

ۋاقتى : 2012-07-17  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

ئەنگلىيە ڧىزىكا ئالىمى ئىنسانلار يۈز يىل ئىچىدە تاشقى پلانېت ئادىمى بىلەن ئۇچرىشىدۇ دېدى

     چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئاساسلانغاندا ،بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا پەن-تېخنىكا ئېچىۋېتىلگەن مۇنبىرىدە ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق ڧىزىكا ئالىمى جوسىلىن بېل بېرنېل ( Jocelyn Bell Burnel )  مۇنداق دېدى:"مېنىڭچە يۈز يىل ئىچىدە بىز تاشقى پلانېتدىن كەلگەن سىگنالنى قوبۇل قىلالايمىز،مېنىڭچە بۇ سىگنال ئەقلىي ئىقتىدارلىق جانلىقلاردىن كېلىشى مۇمكىن."  بېرنېل يۈز يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تاشقى پلانېت ئادەملىرى بىلەن ئۇچرىشىشىمىز مۇمكىن،ھۆكۈمەت ھازىردىن باشلاپ تەييارلىق كۆرۈشى كېرەك دەپ قارىدى.

   بېرنىل مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:"بىز تاشقى پلانېت ئادەملىرىنىڭ مەۋجۇتلۇق بېشارەتلىرىنى بايقىيالىساقمۇ،سىمسىز توك ياكى لازېر نۇر ئارقىلىق ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىشىكە نەچچە ئون يىل كېتىدۇ." بۇنىڭدىن بۇرۇنقى بىر تەتقىقاتتا يېرىمغا يېقىن ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ تاشقى پلانېت ئادىمى بارلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقى بايقالغان. بۇ تەتقىقات ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ ،2000 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان.نەتىجىدە %44 ئەنگلىيەلىكنىڭ تاشقى پلانېت جانلىقلىرى بارلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقى،%40 كە يېقىن ئادەمنىڭ بىز ئاكتىپلىق بىلەن تاشقى پلانېت ئادىمىنى ئىزدەپ ئۇلار بىلەن ئالاقە باغلىشىمىز  كېرەك دەپ قارايدىغانلىقى مەلۇم بولدى.

     ئاتاقلىق ڧىزىكا ئالىمى ستىۋىن خوكىڭ (Stephen  Hawking) تاشقى پلانېت ئادىمى يەر شارىغا تەبىئىي بايلىق مەنبەسىنى بۇلىغىلى كېلىشى مۇمكىن دەپ ئەسكەرتكەن. ئۇ ئىنسانلار بارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق  تاشقى پلانېت ئادەملىرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىشى كېرەك دەپ قارىدى.خوكىڭ يەنە مۇنداق دېدى:"تاشقى پلانېت ئادەملىرى ئىنسانلاردىنمۇ ئىلغار بولۇشى مۇمكىن ،شۇڭا بىز ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىشنى خالىمايمىز ،ئەگەر تاشقى پلانېت ئادەملىرى يەر شارىغا كەلسە،بىز خۇددى كىرىستوڧ كولۇمبىيا ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىغا قەدەم باسقاندا يەرلىك ئاھالە كۈلپەتكە ئۇچرىغانغا ئوخشاش ئېغىر كۈلپەتكە قالىمىز."

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا