ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئاجايىباتلار

2011-يىلى ئېلان قىلىنىپ غۇلغۇلا قوزغىغان 10 چوڭ خەۋەر

ۋاقتى : 2012-07-15  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

1. غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقىنىڭ ۋەزىيىتىدە زور داۋالغۇش بولدى؛ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ كەلگۈسىنى مۆلچەرلەش تەس.
         تۇنىسلىق يىگىت 2011-يىلىنىڭ بېشىدا كوچىدا ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋېلىش سەۋەبىدىن«ئەرەب باھارى»دولقۇنى تۇيۇقسىزلا غەربىي ئاسىيا بىلەن شىمالىي ئافرىقىنى قاپلىدى؛ نۇرغۇن دۆلەتتە ئاز كۆرۈلىدىغان كەسكىن سىياسىي داۋالغۇش يۈز بېرىپ، ئەئەنىۋى قاتتىق قول ئەرباپلاردىن تۇنىسنىڭ زوڭتۇڭى بىن ئەلى، مىسىر زۇڭتۇڭى مۇبارەك، لىۋىيە رەھبىرى كازافى ۋە يەمەن زۇڭتۇڭى سالىھ ئارقا -ئارقىدىن تەختتىن غۇلاپ چۈشتى. سۇرىيە زۇڭتۇڭى بەشىر ئاسادنىڭ تەقدىرى قانداق بولىدىغانلىقى نامەلۇم. لېكىن بۇ دۆلەتلەردە ھاكىمىيەت ئالماشقان بولسىمۇ،جەمىئەتتە يەنىلا داۋالغۇش ئۈزۈلمىدى؛ ئىسلام كۈچلىرى نۇرغۇن دۆلەتتە باش كۆتۈرمەكتە. ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدىكى زور ئىسلاھات مۇساپىسى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئاخىرقى ئەھمىيىتى، تەسىر دائىرىسى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ۋاقىت جەدۋىلى تېخى ئېنىق ئەمەس.
         2 . ياپونىيەدىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەش دېڭىز تاشقىنى پەيدا قىلدى
                 يادرونىڭ ئېقىپ كېتىشى دۇنيانى چۆچۈتتى
          ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمال دېڭىز تەۋەسىدە 2011-يىلى 11-مارت توققۇز بال يەر تەۋرەپ، دېڭىز تاشقىنى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن كىشى قازا قىلدى ھەم مال-مۈلۈكلەر زىيانغا ئۇچرىدى. بۇ، 140 يىلدىن بۇيان ياپونىيەدە يۈز بەرگەن ئەڭ كۈچلۈك يەر تەۋرەش ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنىدا ياپونىيەدىكى فۇكۇشىما 1-يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىدىكى نەچچە گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىدىن رادىيوئاكتىپ ماددا ئېقىپ كەتكەنلىكتىن، 7-دەرىجىلىك ئېغىر ۋەقە دەپ بېكىتىلدى. يەر تەۋرەش، دېڭىز تاشقىنى ۋە يادرو ئېقىپ كېتىشتىن ئىبارەت ئۈچ زور ئاپەت ياپونىيەنى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر خىرىسقا دۇچار قىلىپلا قالماستىن، يەنە دۇنيانى، بولۇپمۇ ياپونىيەنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنى چۆچۈتۈپ،دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە سىياسىتىگە قايتا قاراپ چىقىشى ھەم يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىگە تۈرتكە بولدى.
            3. ياۋروپا-ئامېرىكا قەرز كىرىزىسى بارغانسېرى ئېغىرلاشتى
          دۇنيا ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ
    «ئۆلچەم پۇر»شىركىتى 2011-يىل 27-ئىيۇل گىرېتسىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ئىناۋەت دەرىجىسىنى«CC»گە چۈشۈرگەندىن كېيىن، ياۋروپادىدىكى دۆلەتلەردە ئىگىلىك ھوقۇق قەزر كىرىزىسى بارغانسېرى ئېغىرلاشقانلىقتىن، ياۋروپادىكى دۆلەتلەرگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى. گىرېتسىيە،ئىرېلاندىيە،پورتۇگالىيە، ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى كەينى-كەينىدىن يەڭگۈشلەندى. ئەنگلىيە بىلەن ياۋرو رايونىدىكى دۆلەتلەر بارغانسېرى يىراقلىشىپ، ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسى ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلدى. 5-ئاۋغۇست،«ئۆلچەم پۇر»شىركىتى ئامېرىكىنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنى« AAA»دىن« AA +»قا چۈشۈردى. بۇ، ئامېرىكىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ئىناۋەت دەرىجىسىنىڭ تۇنجى قېتىم چۈشۈرۈلۈشى بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن دۇنيادا ئامېرىكىنىڭ زور قەرزگە بەرداشلىق بېرەلىشى ۋە ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا نىسبەتەن گۇمان پەيدا قىلغانلىقتىن، دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرىدا كۈچلۈك داۋالغۇش پەيدا قىلدى. شۇڭا ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق قەرز كىرىزىسى دۇنيا ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋەزىيىتى كەسكىنلەشتى.
                   4. ئامېرىكا بىن لادېننى ئېتىۋەتتى
                  تېررورلۇققا قارشى جەڭ تېخى ئاخىرلاشمىدى
      ئامېرىكا«دېڭىز يىلپىزى» زەربىدار ئەترىتى 2011-يىل 1-ماي پاكىستاندىكى كىچىك بازار-ئەببوتئابادتىكى بىر تۇرالغۇغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، بۇ يەرگە يۇشۇرۇنغان«بازا»تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى بىن لادېننى ئېتىۋەتتى. «11-سېنتەبىر»ۋەقەسىگە ئون يىل بولغاندا،بىن لادېن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئوقىدا ئۆلۈپ، بىر مەزگىل دەۋران سۈرگەن بۇ تېررورچى ئاخىرى تارىخ سەھنىسىدىن مەڭگۈ يوقالدى. ئەمما خەلقئارا جامائەتچىلىك: لادېننىڭ ئۆلۈمى«بازا»تەشكىلاتىنىڭ يوقالغانلىقى ۋە تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ،دېدى.
         5. «ۋال كوچىسىنى ئىگىلەش» ھەرىكىتى ھەم توپىلاڭلارئۈزۈلمىدى
        ياۋروپا-ئامېرىكىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر كىرىزىس پەيدا قىلدى
   نورۋېگىيەدە 2011-يىل 22-ئىيۇل دۇنيانى زىل -زىلىگە سالغان تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى. ئوڭ قانات ئۇنسۇر برېۋىك دەسلەپتە ئاپتوموبىلبومبا پارتلاتقاندىن كېيىن،يەنە يتتىر ئارىلىدا بىگۇناھ پۇقرالارنى ئوققا تۇتۇپ، 93 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. 6-ئاۋغۇست ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە چوڭ كۆلەملىك زوراۋانلىق توپىلاڭى يۈز بېرىپ، ناھايىتى تېزلا ئەنگىلىيەدىكى باشقا چوڭ شەھەرلەرگە يامرىدى.17-سېنتەبىر ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە «ۋال كوچىسىنى ئىگىلەش»نامايىشى پارتلاپ، نامايىشچىلار پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ ئاچكۆزلۈكى ۋە چىرىكلەشكەنلىكى ھەم جەمئىيەتتىكى ئادالەتسىزلىككە ئېتىراز بىلدۈردى. ئارقىدىنلا بۇ ھەرىكەت ئامېرىدىكى 50 نەچچە چوڭ شەھەرگە كېڭەيدى ھەم غەربتىكى باشقا دۆلەتلەردە بۇنى قوللاش سادالىرى پەيدا بولۇپ، بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقۇچىلار بارغانسېرى كۆپەيدى. بىر يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئېتىراز بىلدۈرۈش، ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرى كەينى كەينىدىن يۈزبېرىپ، زوراۋانلىق  ۋەقەلىرى ئۈزۈلمىدى. جەمئىيەتتە قالايمىقانچىلىق ھادىسىلىرىنىڭ ئۈزۈلمەيۋاتقانلىقى ئىقتىساد داۋاملىق كاساتلىشىۋاتقان ئەھۋالدا،غەربتىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىكى ئىچكى زىددىيەت كەسكىنلىشىپ،ئىجتىمائىي كىرىزىسنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.
     6.ش ئا ئە ت لىۋىيەگە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، كازافىنى ئاغدۇرۇشقا ياردەملەشتى
            غەرب ھەربىي مۇداخىلە يۈرگۈزۈشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى ئاچتى
      فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا 2011-يىل 19-مارت لىۋىيەدە ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون تەسىس قىلىش نامى بىلەن لىۋىيەگە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، كۆپ دۆلەت لىۋىيە ۋەزىيىتىگە ھەربىي مۇداخىلە قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. ش ئا ئە ت 31-مارت ئامېرىكىنىڭ قولىدىن لىۋىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتكە قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى. ش ئا ئە ت نىڭ ھاۋا ھۇجۇمى لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن  ئۆكتىچى قوراللىقلار ئارىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇشنى توسىيالمىغانلىقتىن، ئۆكتىچىلەر ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ «ھېمايىسىدە» ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قوزغىدى. 22-ئاۋغۇست ئۆكتىچى قوراللىقلار لىۋىيە پايتەختى ترىپولىنى كونترول قىلىپ، لىۋىيەگە 42 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان كازافى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. 20-ئۆكتەبىر لىۋىيە «ئۆتكۈنچى كومىتېتى»نىڭ قوراللىقلىرى كازافىنى يۇرتى سورتتا تۇتۇۋېلىپ ئېتىۋەتتى. كازافى ئۆلگەندىن كېيىن،لىۋىيەدە نەچچە ئاي داۋاملاشقان ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشتى. بەزى تەھلىلچىلەر: ش ئا ئە ت نىڭ لىۋىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى ئۇسۇلى ئارقىلىق ئارىلىشىشى غەرب دۆلەتلىرى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىدىغان يېڭى ئەندىزە ئېچىپ بەردى،دەپ قارىدى.
                7.چاۋشيەن رەھبىرى كىم جوڭئىل ۋاپات بولدى
           دۇنيا يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا دىققەت قىلىۋاتىدۇ
    چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئىل 2011-يىل 17-دېكابىر كېسەل سەۋەبى بىلەن 69 يېشىدا ۋاپات بولدى. چاۋشيەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ خەۋەرنى 19-دېكابىر ئېلان قىلدى. چاۋشيەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،كىم جوڭئىلنىڭ ئوغلى كىم جوڭئۇن چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى بولغان. كىم جوڭئىلنىڭ ۋاپات بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر رايون ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسەتتى. ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر چاۋشيەننىڭ ھوقۇقنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىش-بېرەلمەسلىكى ھەم چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ.جۇڭگونىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى چاۋشيەننىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىخانىسىغا بېرىپ، كىم جوڭئىلغا تەزىيە بىلدۈردى. ئامېرىكا، ياپونىيە،كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇنىڭغا ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇپ:چاۋشيەننىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ،دەپ قارىدى.
      8. ئامېرىكا«ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا قايتىپ كېلىدىغانلىقى»نى جاكارلىدى
       ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ۋەزىيىتىنى قايتىدىن تەڭشەشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ
    ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 2011-يىل نويابىردا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا زىيارەتتە بولۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە ئىستىراتېگىيە مەركىزىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا يۆتكەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ مەزگىلدە، ئامېرىكا  ئاسىيا-تىنچ ئوكياندىكى دۆلەتلەر بىلەن مۇداپىئە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتتى ھەم 2012-يىلدىن باشلاپ، ئاۋستىرالىيەنىڭ شىمالىي قىسىمىغا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىللە،كۆپ دۆلەت بىلەن «تىنچ ئوكياندىن ھالقىيدىغان ئىستىراتېگىيەلىك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق كېلىشىمى(TPP)»نى ئىمزالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا قايتىش» نامى بىلەن ئۆزىنىڭ ئاسىيادىكى مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىپ، ئىستىراتېگىيەلىك مۇھىم نوقتىسىنى ئاسىياغا يۆتكەيدىغانلىقىنى نامايان قىلىۋاتقان بولۇپ،ئۇنىڭ  ئىستىراتېگىيەلىك مەقسىتى ۋە كەلگۈسى نىشانى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.  
            9.پۇتىن يەنە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىمەن،دەپ مەيدانغا چىقتى
                ھوقۇقنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە قايتا چىقىشتا يول راۋان ئەمەس
    رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ 2011-يىل 24-سېنتەبىر زۇڭلى پۇتىننى 2012-يىلىدىكى  زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەنلىكىنى جاكارلىدى. پۇتىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن كېيىن، مېدۋېدېۋنى زۇڭلىلىققا تەيىنلەيدۇ .7-دېكابىر پۇتىن زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشقا ئۆزىنى رەسمىي تىزىملاتتى. جامائەتچىلىك: پۇتىن سايلامدا غەلىبە قىلىپ، تۆت يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە زۇڭتۇڭ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ ئۇدا ئىككى قېتىم ئالتە يىل ۋەزىپە ئۆتىسە، 2024-يىلىغىچە زۇڭتۇڭ بولىدۇ، دەپ قارىماقتا.بەزى تەھلىللەردە:پۇتىننىڭ زۇڭتۇڭلۇق تەختىگە قايتىدىن چىقىشى ئانچە ئوڭۇشلۇق بولماسلىقى مۇمكىن،دەپ قارالدى.   
           10. «ئالما»شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جوبس ئالەمدىن ئۆتتى
                 ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتى يېڭى دەۋر ئاچتى
      «ئالما» شىركىتىنى بىرلىشىپ قۇرغان ستېۋ جوبس2011-يىل 5-ئۆكتەبىر كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىك خەۋىرى سىكۇنتىغا 10 مىڭ مىكروبلوگلىق تېزلىك بىلەن تارقالدى. ھەرقايسى ساھەدىكى زادلار ۋە دۇنيادىكى«ئالما مەستانىلىرى»ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا ماتەم تۇتتى. جوبس كومپىيۇتېر كەسپىنىڭ پېشىۋاسى بولۇپ، ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك مەھسۇلاتلىرى«iPod، iPhone » ۋە« iPad»قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مەھسۇلاتلار شەخسىي كومپىيۇتېر،ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار ۋە سىفىرلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كەسپلىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ،«ئالما»شىركىتىنى مودا مەدەنىيەتنىڭ مەبۇدىسىغا ئايلاندۇردى. 21-دېكابىر جوبس مۇزىكا ساھەسىگە كۆرسەتكەن يۈكسەك تەسىرى بىلەن «گراممىي»مۇپاكاتىغا ئېرىشتى.

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا