گالاپاگوس ئارىلىدىكى ئەڭ ئاخىرقى گىگانت قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى ئۆلدى
رېيتېرس ئاگېنتلىقى، تەبىئەت جۇغراپىيىسى تور بېتى 25-ئىيۇن خەۋىرى: ئېكۋادور گالاپاگوس ئارىلى گالاپاگوس ئارىلى تاشپاقىسى تەبىئى قوغداش رايونىدىن كەلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، تەبىئەتنىڭ بۇ يىگانە ئەزاسى، دۇنيادىكى ئەڭ يوغان، ئوخشىشى يوق تاشپاقا بولغان گالاپاگوس تاشپاقىسى گىورگى بۈگۈن كېچە ئۆلۈپ قالغان بولۇپ بۇنىڭ بىلەن يەر شارىدىكى مۇشۇ خىل بىر تۈر بىر تاشپاقا ئائىلىسىنىڭ بىرمۇ تىرىك ئەزاسى قالمىدى. تەبىئەت جۇغراپىيىسى تور بېتى بۈگۈن بىر سائەت رەڭسىزقىلىنىپ تەزىيە بىلدۈردى.
ئاخىرقى تاشپاقا گىئورگىنىڭ ئېغىرلىقى 317كىلوگىرام، قاپ دىئامېتىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 143سانتىمېتىر كېلىدىغان بولۇپ تەخمىنەن 100ياشتىن ئاشقان. گالاپاگوس تاشپاقىسى ئۆمۈلۈگۈچىلەر تىپى تاشپاقا ئائىلىسىنىڭ يەككە گالاپاگوس تاشپاقىسى تۈرىدىكى ئاخىرقى تاشپاقا. بۇ ئەمدى ئىنسانلارنىڭ گالاپاگوس ئارىلى تاشپاقىسى بار بولغان دەۋر بىلەن خوشلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. تەبىئەتنىڭ بۇ تۈردىكى ئەزاسىدىن ئىنسانلارنىڭ قولىدا 200دىن ئارتۇق ئۆلۈك تاشپاقا ۋە 1107 دانە غاز تۇخۇمى چوڭلۇقىدىكى گالاپاگوس ئارىلى تاشپاقىسىدىن باشقا ھىچنىمە قالمىدى.
گالاپاگوس ئارىلى تاشپاقىسىنىڭ 18-ئەسىردىكى سانى تەخمىنەن 350مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئۆسۈملۈك ۋە دېڭىز مۇخىنى يىمەكلىك قىلىدىغان، ئۆپكە بىلەن نەپەسلىنىدىغان قۇرۇقلۇق ھايۋىنى. ھەركىتى ئاستا بولغاچقا ئەتراپتىكى ئىنسانلارنىڭ داۋاملىق تۇتۇپ يىيىشى ۋە ياشاش بوشلۇقى تارىيىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى سانى 2000گە چۈشۈپ قېلىپ خەلقارا قىزىل سىزىق ئاگاھلاندۇرۇشى چىقارغان. خەلقارا ھايۋانلارنى قوغداش جەمىيىتى مەخسۇس فوند ئاجرىتىپ گالاپاگوس ئارىلى تاشپاقىسىنى قوغدىغان. ئەمما قوغداش خىزمىتى بەكمۇ كېچىككەن بولۇپ تاشپاقىلار جەمەت سىرتىدىن نورمال جۈپ ئىزدىگۈدەك توپ سانىنى يوقاتقاچقا تاشپاقا سانى ئازىيىۋەرگەن.
2006-يىلى پراگا باغچىسىدىكى 170 ياشلىق يەنە بىر گالاپاگوس تاشپاقىسى ئۆلۈپ قالغاندىن كېيىن گالاپاگوس تاشپاقىسى مۇشۇ تۈر بويىچە ئەڭ ئاخىرقى بىردىنبىر تاشپاقا بولۇپ قالغان ئىدى.