ئۇيغۇر تىل - يېزىقلىرى

 ئۇيغۇر تىل - يېزىقلىرى

 

   1. ئۇيغۇر تىلى قايسى تىل تۈركۈمى ۋە قايسى تىل تارمىقىغا كىرىدۇ  ؟

جاۋاب: ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىللىرى سېستىمسىنىڭ تۈركى تىللار تۈركۈمى ، شەرقى تۈرك تىلى تارمىقىغا كىرىدىغان ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمى تىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . ئۇيغۇرلار ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ئەزەلدىن ئۇيغۇر تىلىنى ئۆزىىنىڭ ئالاقە قورالى قىلىپ كەلدى . ئۇيغۇر تىلى بۇ ئۇزۇن تارىخى دەۋىرلەردىن بۇيان فونتىكا ، لېكسكا ۋە گىراماتىكا جەھەتلەردىن ئۆزىنىڭ ئىچى قانۇنىيىتى بويىچە تەرەققى قىلىپ ، ھەرجەھەتتىن بېيىتىپ ،تاكاموللىشىپ ،ئىلمىلىشىپ بۈگۈنكى دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلدى.
2.تىل قانداق تەركىبىي قىسىملارغا بۆلۈنىدۇ؟ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق؟

   جاۋاب:تىل فونېتىكا، لېكسىكا ۋە گرامماتىكىدىن ئىبارەت تەركىبىي قىسىملارغا بۆلۈنىدۇ. ئۇلار ئۆزئارا زىچ باغلىنىشلىق، لېكسىكا (سۆزلۈك ) فونېتىكا (تاۋۇش) تىن تۈزۈلىدۇ. ئۇلار بىر – بىرىدىن ئايرىلغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. كىشىلەر ئوي-پىكرىنى ئىپادىلەشتە ئاساسەن جۈملىلەر ئارقىلىق ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنى ئىپادىلەيدۇ.

3.ئۇيغۇر خەلقى ئۆز تارىخىدا قانداق يېزىقلارنى قوللانغان، ئۇلار قايسىلار؟

جاۋاب:ئۇيغۇر خەلقى  ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى ئەڭ ئۇزۇن تارىختا، يۈكسەك يېزىق مەدەنىيتىگە ئىگە خەلىقلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ ، قەدىمدىن تارتىپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جۇڭگۇ مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشتا ئۆزىنىڭ زور تۆھپىسىنى قۇشۇپ كەلگەن خەلىقتۇر . ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىىنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تارىخى دەۋىرلەردە ھەرخىل سېستىمىدىكى يېزىقلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىىنڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى دەۋرمۇ – دەۋىر كىيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ كەلدى . ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشىغان ھەربىر تارىخى دەۋىردە ئۆز تىلىنى تۇلۇق ۋە توغرا ئەكىس ئەتتۈرۈش مەقسىتىدە ئۆز زامانىسىدا خېلى ئىلغار ھېسابلىنىدىغان ئېلىپبەلىك يېزىقىلاردىن پايدىلىنپ كەلدى .

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىختىن بۇيانقى ماددى ۋە مەنىۋى ھاياتىدا قوللانغان يېزىقلىرى ۋە تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلاردا ئىشلتىلگەن يېزىقلار ھەققىدە ھازىر قولىمىزدا بار تەتقىق قىلىۋاتقان ئارخىلوگىيلىك مەلۇماتلاردىن قارىغاندا سۇغدى يېزىقى ، قاروشتى يېزىقى ،مانى يېزىقى ،بىراھىمى يېزىقى ، ئورقۇن يېنسەي يېزىقى ، توخور يېزىقى ، ساك يېزىقى ،تۈبۈت (تىببەت يېزىقى) ،قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ، ئەرەب ھەرىبلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى ، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى ، لاتىن ھەرپىلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى قاتالىق ئون نەچچە خىل يېزىق قوللىنلغان . بۇلاردىن مەلۇم تارىخى شارائىتتا  مەلۇم قەۋم ئارىسىدا مەلۇم ۋاقىت ، مەلۇم دائىردە ئىشلىتلگەن يېزىقلارمۇ ئۇچرايدۇ . شۇنىڭدەك قوللىنىش دائىرىسى خېلى كەڭ ، قوللىنىلغان ۋاقتى خېلى ئۇزۇن پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئاراسىدا ، جۈملىدىن تۈركى خەلىقلەر ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغان يېزىقلارمۇ ئۇچرايدۇ .

4. سۇغدى يېزىقىدا يېزىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى قەيەردىن تېپىلغان ؟ ئۇيغۇرلار بۇ يېزىقنى قاچان قوللانغا ؟

جاۋاب : شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ، جۈملىدىن تۇرپان ناھىيسىنىڭ يالقۇنتاغ يېزىسى قاراغوجا (قارا قوجۇ) مەھەللىسىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قانچە قەدىمكى قەبرىدىن جەسەت بىلەن بىللە تېپىلغان . مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدە تارتىشىغا قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا سوغدى يېزىقى بىلەن پۈتۈلگەن خاتىرلەر تېپىلغان . ئارخىلوگىيە ئىلمى ۋە تارىخى ماتىرىياللارنىڭ دەلىلىشىگە ئاساسلانغاندا بۇ يېزىقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى           ئەسىرلەردە قوللانغان .

5.ئۇرقۇن يېسەي يېزىقى نىمە ئۈچۈن شۇنداق ئاتىلىدۇ ؟ ئۇنىڭدىن باشقا قانداق تىللار بىلەن ئاتالغان ؟ نىمە ئۈچۈن؟

جاۋاب : جۇڭگۇ ۋە چەتئەل ئالىملىرى بۇ يېزىق بىلەن يېزىلغان مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى مۇڭغۇلىيەدىكى ئۇرقۇن دەرياسى ۋادىلىرىدىن ھەم سىبىريەدىكى يىنسەي دەريا بويلىرىدىن تېپىلغاچقا ، تېپىلغان ئورنىغا قاراپ ئورقۇن يېنسەي يېزىقى دەپ ئاتىغان . شۇ ۋاقىتتا بۇ يېزىقىنى ئىشلەتكەن ئاساسى خەلقنىڭ نامىغا قاراپ قەدىمكى تۈرك يېزىقى ، كۆك تۈرك يېزىقى دىگەن ناملار بىلەن ئاتىغان . بۇ يېزىق يەنە شەكىل جەھەتتىن شىمالى ياۋروپادىن تېپىلغان قەدىمكى گېرمانلار ئىشلەتكەن . رونىك يېزىقىغا ئوخشاپ قالغانلىقى ئۈچۈن قەدىمكى تۈرك – رونىك يېزىقى دەپمۇ  ئاتالغان. شۇنداقلا تۈركى خەلقلەر بۇ يېزىقنى ئىسلام دىننى قۇبۇل قىلشتىن بۇرۇن ئىشلەتكەن يېزىق بولغاچقا ، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى يېزىق دېگەنگە ئوخشاش ناملار بىلەنمۇ ئاتىغان . بۇ ناملار پەقەت يېزىقشۇناسلار ۋە تەتقىقاتچىلار تەرپىدىن قويۇلغان ناملار ئىدى . بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە بۇ يېزىقنىڭ ئەسلى دولبارچىن يېزىقى دەيدىغان نامنىڭ بارلىقى ھەققىدىكى مەلۇمات بىزگە كىيىنرەك مەلۇم بولدى .

6. ئورقۇن- يېنىسەي يېزىقىدا قانچە ھەرپ بار ؟ ئۇلار قانداق يېزىلىدۇ ؟ ئۇ قانداق يېزىق ؟

ج : ئورقۇن – يېنىسەي يېزىقىدا 39 ھەرپ ، بىر ئايرىش بەلگىسى بۇلۇپ ، بۇ يېزىق ئېلىپبەلىك يېزىق بىرلەن بوغۇملۇق يېزىقىنىڭ ئارلاشمىسىدۇر . ئورقۇن – يېنىسەي يېزىقى ئومۇمەن ، ئوڭدىن سولغا قاراپ توغرىسىغا يېزىلىدۇ . لىكىن ، يېنىسەي مەڭگۈ تاشلىرىدا سولدىن ئوڭغا يېزىلغان ، ئايرىم مەڭگۈ تاشلاردا بىر قۇرى ئوڭدىن سولغا ، يەنە بىر قۇرى سولدىن ئوڭغا زەنجىرسىمان ئۇلاپ يېزىلغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ . بۇ يېزىقتا تۆت ھەرپ سەككىز سوزۇق تاۋۇشنى ، 31 ھەرپ 18 ئۈزۈك تاۋۇشنى ، بەش ھەرپ قوش ھەرپلىك بوغۇملارنى ئىپادىلەيدۇ . سۆزلەر بىر – بىرىدىن قوش چېكىت (:) ئارقىلىق ئايرىپ يېزىلىدۇ . بەزى سۆز بىرىكمىلىرى بىر سۆز قىلىپ قوشۇپ يېزىلىدۇ . ئايرىم ئورۇنلاردا «~ » سۆز ئايرىش بەلگىسى ئورنىدا قوللىنىلىدۇ .

7. ئورقۇن – يېنىسەي يېزىقىنى ئۇيغۇرلار قاچان قوللانغان ؟ بۇ يېزىقتا يېزىلغان مەڭگۈ تاشلارنىڭ ئىسمىنى بىلەمسىز ، ئۇلار قايسىلار ؟

ج : ئورقۇن – يېنىسەي يېزىقىنىڭ مەنبەسى ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ بۇ يېزىقنى قايسى دەۋردىن باشلاپ قوللانغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئالىملارنىڭ كۆز قارشى بىردەك ئەمەس . بەزى تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا بۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلار 5- ئەسىردىن 7- ئەسىرگىچە ، يەنى غەرپكە كۆچۈشتىن ئىلگىركى مەزگىللەردە قوللانغان .

ئورقۇن – يېنسەي يېزىقىدا يېزىلغان يادىكارلىقلارنىڭ ئاساسلىقى خاقانلار ، قەبىلە باشلىقلىرى ، لەشكەر باشلىقلىرىنىڭ قەھرىمانلىق ھاياتى ، باتۇرلۇقى تەسۋىرلەنگەن مەدھىيىلەر ۋە ئۇلار ئۆلگەندىن كىيىن ھاياتلىقىدىكى تۆھپىلىرى خاتىرلەنگەن مەڭگۈ تاشلار بۇلۇپ ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت :

1. چورېن مەڭگۈ تېشى 2. تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى 3. كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشى 4. بىلگە خاقان مەڭگۈ تېشى 5. كۇلچۇر مەڭگۈ تېشى 6. مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى 7. توققۇز ئوغۇز قاغانى مەڭگۈ تېشى 8. سۇجى مەڭگۈ تېشى 9. تېرخىن مەڭگۈ تېشى 10. تەس مەڭگۈ تېشى ۋە باشقىلار .

8. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى قانداق يېزىق ؟ ئۇيغۇرلار بۇ يېزىقنى قاچاندىن قاچانغىچە قوللانغان ؟

ج : قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى قەدىمكى ئارامى يېزىقى ئاساسىدىكى كونا سوغدى يېزىقىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئېلىپبەلىك يېزىق بۇلۇپ ، يېزىق تارىخمىزدىكى يېڭى بىر دەۋر ھېسابلىنىدۇ . بۇ يېزىق ئورقۇن – يېنسەي يېزىقىغا قارىغاندا شۇ دەۋر ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە ئۇيغۇنلاشقان بىرقەدەر ئىلمىي يېزىق بولغاچقا ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى تولۇق ئىپادىلەپ بىرەلەيدۇ .

بۇ يېزىق ئۇيغۇرلار غەرپكە كۆچكەندىن كىيىن ئىدىقۇت خانلىقى ۋە قاراخانىلار سۇلالىسىدە كەڭ قوللىنىلغان ، جۈملىدىن شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى كۆپلىگەن تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئورتاق يېزىقى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان .

ئۇيغۇرلار قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى 7- ئەسىردىن باشلاپ قوللانغان بۇلۇپ ، تۈركىي خەلقلەر جۈملىدىن ، ئۇيغۇر بۇ يېزىقنى خېلى ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە ئىلگىركى ئورقۇن- يېنىسەي يېزىقى بىلەن قاتار قوللىنىپ كەلگەن . قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تۈركى قەبىلىلەر ئىسلام دىننى قوبۇل قىلىشتىن خېلى ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنمۇ شىنجاڭ زېمىندا ياشىغان ئۇيغۇر قەبىلىلەر كەڭ قوللىنىلىپ، جەنۇنىي شىنجاڭدا           ئەسىرلەرگىچە ، تۇرپان ، قۇمۇللاردا            ئەسىرلەرگىچە ، خۇراسان ۋە ئالتۇن ئوردىدا      ئەسىرگىچە ، گەنسۇدا ياشىغۇچى يۇغۇر (سېرىق ئۇيغۇر)لار ئارسىدا بولسا ،           ئەسىرگىچە قوللىنىلغان.

9.قەدىقكى ئۇيغۇر يېزىقىدا قانچە ھەرپ بار؟ ئۇلارقانداق يېزىلىدۇ؟

جاۋاپ:قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ياكى سولدىن ئوڭغايېزىلىدۇ. بۇ يېزىقتا جەمىئى23ھەرپ بولۇپ، بەش ھەرپ سەككىز سوزۇق تاۋۇشنى ، 18ھەرپ 21ئۈزۈك تاۋۇشنى ئىپادىلەيدۇ . يەنى سوزۇق تاۋۇشلاردىن ‹‹ئى ، ئە ››بىر ھەرپ بىلەن ، ‹‹ظو،ظذ››بىر ھەرپ بىلەن،‹‹ظأ،ظى››بىر ھەرپ بىلەن ئىپادىلىنىدۇ . ئۈزۈك تاۋۇشلاردىن «بص» بىر ھەرپ بىلەن «كض» بىر ھەرپ بىلەن «د ت » بىر ھەرپ بىلەن ئىپادىلىنىدۇ . قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ھەربىر ھەرىپى باشتا ، ئوتتۇرىدا ، ئاخىرىدا كىلدىغان ئۈچ خىل شەكىلگە ئىگە .

10. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان يادىكارلىقلاردىن قايسىلىرىنى بىلىسىلەر ؟

جاۋاب :قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ھەرخىل دىننى مەزمۇنلاردىكى يادىكارلىقلار ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر ناھايىتى نۇرغۇن بۇلۇپ ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ۋەكىل خاراكىتىرىگە ئىگىلىرىدىن تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ :

1.    ئالتۇن يارۇق 2. شۇنجۇڭخۇانىڭ تەرجىمھالى 3. مايتىېر سىمىت درامىسى 4.چوڭ ھەجمىلىك بۇددا ھېكايىلىرى توپلىمى – داشاكوما بۇددا ئاۋات 5. خوۋاسىېت نەھۇفت (يۇشۇرۇن تىلەك ) 6.قۇتاغۇبىلىك (ۋېنا نۇسخىسى ) 7. ئەتەبۇتۇل ھەقايىق (Aنۇسخا)

8.ئىزوف نەسەللىرى 9. بەختىيارنامە 10. ئوغۇزنامە 11. قەدىمكى تۇرپان خەلق قوشاقلىرى 12. ئىدىقۇت قوجۇ خاننىڭ ھاياتىدىكى تۆھپىلرى يېزىلغان خاتىرە ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان دىننى ،ئىجتىمائى ، ئىقتسادى ۋەسىقىلەر ، كالىندارلار ، ئىككى تىللىق سېلىشتۇرما لۇغەت قاتارلىقلار .

11.ئەرب ھەرىپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى قاچاندىن قاچانغىچە قوللانغان ؟ ئۇنىڭدا قانچە ھەرپ بار ، ئۇقانداق يېزىق ؟

جاۋاب : ئىسلام دىننىڭ قارا خانيىللار تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنىپ ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىلشقا ئەگىشىپ ،ئىسلام دىننىڭ ۋاستىسى بىلەن ئەرب يېزىقى قۇبۇل قىلىنىپ  پەيدىنپەي قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئورنىنى ئىگەللىدى . شۇنىڭ بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تەدرىجى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا باشلىدى .Xئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ، ئەرەب يېزىقى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ،جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ، بويىچە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىشقا باشلىدى .

ئەرەب يېزىقى دەسلەپتە مۇقەددەس يېزىق دەپ قارىلىپ يەنىXئەسىردىن IIIXئەسىرگىچە  ھىچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمەي ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرىنىڭ ئۈستىگە -    (زەبەر) . -  (پەش)  ،    - (ساكىن) ، - (تەشدىد) ،ئاستىغا – (زىر ) ؛ ئاستى – ئۈستىگە -  ( قوش زىر) ، -   ( قوش زەپەر) ،  -   ( قوش پەش)  قاتارلىق شەرتلىك بەلگىلەر ئەرەب تۈلۈدۈن كىرگەن سۆزلەرنىلا يېزىشتا ئىشلىتىلمەي ھاتتا ئۇيغۇر تىلغا خاس سۆزلەرنى يېزىشتىمۇ ئىشلىتىلگەن .

ئەرەب يېزىقى ئومۇمەن ئۈزۈك تاۋۇشلارنى ئاساس قىلغان يېزىق بولغاچقا ،ئۇيغۇرتىلىنىڭ خۇسۇسىيىتگە ئۇيغۇن كەلمەيتتى . شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يېزىق        ئەسىرنىڭ ئاخىرى      ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قىسمەن ئىسلاھ قىلىنىپ ، ئەرەب تىلغا خاس شەرتلىك بەلگىلەر ئېلىپ تاشلىنىپ ، قەدەممۇ قەدەم ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىگە يېقىنلاشتۇرۇلدى . ئەرەب ھەرىپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى ئوتتۇز ھەرىپ ۋە بىر قانچە شەرتىلىك بەلگىلەردىن ئىبارەت بۇلۇپ ھەرپلەر باش ، ئوتتۇرا ، ئاخىرقى شەكىل ھەم ئايرىم شەكىل قاتارلىق بىر قانچە خىل شەكىلگە ئىگە .

12. ئەرەب ھەرىپلىرى ئەسىلدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان يادىكارلىقلارنىڭ قايسىلرىنى بىلىسىلەر ؟ «تۈركى تىللار دىۋانى» قانداق ئەسەر ، ئۇنىڭدا نىمىلەر بايان قىلىنغان ؟

جاۋاب: ئۇيغۇربۇ يېزىقىنى قوللانغان مەزگىللەردە يېزىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خېلى كۆپ بۇلۇپ ، بۇلارنىڭ ۋەكىلىلىك خاراكتىرىگە ئىگىللىرى تۆۋەندىكىچە :

1.«دىۋانوۋ لۇغەتتىن تۈرك» (تۈركى تىللار دىۋانى)  2. «قۇتادغۇبىلىك » (پەرغانە،قاھىرە نۇسخىلىرى) . 3. قۇرئان تەپسىرى 4. «قەسەسسۇل ئەنبىيا»

5. «ئەتەبەتۇل ھەققايىق » (cنۇسخا) 6.«ھېكىمەت» (يەسەۋنىڭ) 7. ئىدىقۇت مەھكىمىسى پۈتۈكلىرى.

ئۇيغۇر ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنى «تۈركى تىللار دىۋانى» ناملىق بۇ ئەسىرى ئۇيغۇر تىلىنى ئەربلەرگە تۇنۇشتۇرىدىغان سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق لۇغىتى بۇلۇپ ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ قائىدە – قانۇنىيەتلىرى ، سۆزلەر ۋە سۆز مەنىلىرى ، گراماتىكىلىك قائىدىلىرى سېستىمىلىق تۇنۇشتۇرۇلغان بۇلۇپ بۇ ئەسىر ئەرب ھەرىپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان .

13.چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى قاچاندىن قاچانغىچە قوللىنىلغان ؟ بۇ يېزىق بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەردىن قايسىلىرىنى بىلىسىلەر ؟

جاۋاب: چاغاتاي يېزىقى     ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن     ئەسىرنىڭ 30 يىللىرىغىچە قوللىنىلغان . بۇ دەۋىرنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئالىمىلىرى ، ئەدىبلىرى . شائىرلىرى ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ئەسىرلىرىنى مۇشۇ يېزىق بىلەن يېزىپ كىينكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇدى . ئالەمشۇمۇل شائىر ئەلىشر ناۋايى «چاھاردىۋان» ،«مۇھاكىمە تۇل لۇغەتەيىن » «خەمسىن ناۋايى» ناملىق مەشھۇ ئەسەرلىرىنى چاغانتاي ئۇيغۇر يېزىقىدا يازغان . بۇ يېزىقىنىڭ قوللىنغان دەۋرى ئۇزۇن ، يازغان ئەدەبى ، تارىخى تىببى ئەسەرلەر ھەم ھەرخىل ژانىردىكى ئەسەرلەرناھايىتى كۆپ ، بۇلاردىن ھازىرقى دەۋىرمىزگە يىتىپ كەلگەن ، ۋەكىل خاراكتىرىگە ئىگىلىردىن «تارىخى رەشىدى» (مىرازا مۇھەممەت ھەيدەر ) ،«مۇھەببەتنامە ۋە ھېكىمەت كام » «شەھنامە ئى تۈركى » ، «دىۋان زەللى » «دىۋان نۆبىتى» «تەزكىرەئى ئەزئىزان» (مۇھەممەت سىدىق كاشغەر) «پەرھات – شىرىن » ۋە «لەيلى – مەجنۇن» ( ئۆمەر باقى) ، «يۈسۈپ – زۈلەيخا» ، «كىتاپ غەربى» ،«نەسھەتنامە» ،«دۇر رىلنىجاد» (ئابدىرىھىم نىزىرائى ) ،«ئادالەتپەرۋەرلىك توغرىسىدا » ، «سەددى ئىسكەندەر» ،«پەندى نامە » ،«زەپەرنامە شاھ باھادىر خان» ،«تارىخى مۇسقەيۇن » «زەپەرنامە»، «غەرىبى» ،«ئىماملار تەزكىرىسى »،« غازات دەر مۈلۈكى چىن » ،«غەليات» «مەھىزۇنىلۋاھىدىن»

(زىيائى) ، «بەرقى تەجەللى» ۋە «سەبىق مۇجەللى » ،«تارىخى ئەمىنيە» ( مۇسسا سايرامى) ،«غېرىب- سەنەم» (مۇھەممەت يۈسۈپ) « نۇرۇزنامە» ، «نۇزۇگۇم »،«چاغاتاي لۇغىتى» مانجۇ خانلىقى دەۋردە يېزىلغان «بەش تىللىق لۇغەت» ... قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ .

14. ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىنڭ پەرقى قايسىلار ؟ چۈشەنچەڭلارنى سۆزلەپ بېقىڭلار ؟

جاۋاب : گەرچە چاغاتاي يېزىقى ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولسىمۇ ،ئەمما كىينچە بۇ يېزىق ئىسلاھ قىلىش ئاساسىدا ،تۆۋەندىكىدەك پەرق ھاسىل قىلىنغان . ئەرب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى قىسمەن ئىسلاھ قىلىنىپ ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيىتىگە مەلۇم دەرىجىدە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، يەنىلا ئەرەپ تىلىنىڭ خۇسۇسيىتى، فونېما سىستېمىسى ئاساسىدا لايىھىلەنگەن يېزىق بولغاچقا، ئۇ  ئۇيغۇرتىلىنىڭ فونېتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى ، فونېماسىستېمىسىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۇرۇپ بېرەلمىدى. شۇڭا      ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ شۇدەۋرنىڭ ئەدىپلىرى ، تىلشۇنسلىرىتەرىپىدىن بۇيېزىق داۋاملىق ئسىلاھ قىلىنىپ ، تولۇقلىنىپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ خوسۇسىيەتلىرىنى بىرقەدەر توغرا ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ، ئۆگىنىشكە ، يېزىشقائەپلىك ھالەتكە كەلتۈرۈلدى. كونكىرېت ئېيتقاندا، پارس تىلىدىن قوبۇل قىىلىنغان سۆزلەرنى ، ئاساسلىقى ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى توغرا ئىپادىلەشكە ئەرەپ يېزىقىدىكى ھەرپلەر يېتىشمىدى. شۇمۇناسۋەت بىلەن پارس يېزىقىدىن ‹‹پ، چ،گ،آ›› قاتارلىق ھەرپلەر چاغاتاي ئۇيغۇر ئېلىپبەسىگە قوبۇل قىلىنىدى. شۇنداقلا بۇ يېزىقتىكى ھەرپلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئېنىق ئايرىلدى. مەسىلەن،‹‹            ›› ھەرپلىرى پەقەتلا ئەرەپ تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنى خاتىرىلەشتە ئىشلىتىلىدىغان ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خاس سۆزلەر بولسا،قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملا ئەنئەنىسى بويىچە يېزىلىدىغان بولدى. مۇشۇنداق بىرقاتار ئسلاھاتلاردىن كىيىن        ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ چاغاتاي تىلى ئوتتۇرا ئاسىيارايونىدىكى تۈركىي خەلىقلەرنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلىغا، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى بۇ رايوندا ئورتاق قوللىنىدىغان يېزىققا ئايلاندى.

15.لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى قانداق يېزىق؟ قاچاندىن قاچانغىچە قوللىنىلغان؟ ئۇنىڭ شەكلى قانداق ، قانداق يېزىلىدۇ؟

جاۋاپ:لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇريېڭى يېزىقى خەنزۇتىلىنىڭ پىنيىن لايھىسى ئاساسىدىكى يېزىققا ئاساسەن قىسمەن تۇلۇقلاش ئارقىلىق قوبۇل قىلىنغان يېزىق بولۇپ ، بۇيېزىق 1965-يىلى 1-ئايدىن 1982-يىلنىڭ ئاخىرىغىچەرەسمىي ئۇيغۇر يېزىقى سۈپىتدە قوللىنىلندى. بۇيېزىقتا37ھەرپ بولۇپ، ھەرپلەرچوڭ ، كىچىك ، باسما ۋەيازماشەكىل قاتارلىق تۆت خىل شەكىلگەئىگە بولۇپ، سۆزلەرسولدىن ئوڭغايېزىلىدۇ.

16.ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى قانداق يېزىق؟ بۇ ھەقتە نېمىلەرنى بىلىسىلەر؟ چۈشەنچەڭلارنى سۆزلەپ بېقىڭلار .

  ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى كەڭ مەنىدە چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىن كىينكى يېزىقنى ، يەنى ئازادلىقتىن كىيىن قوللىنىلغان يېزىقنى ،تار مەنىدە لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقنى قوللىنىشتىن توختاپ قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ھەمدە بىر ئاز تۇلۇقلاپ ئىسلاھ قىلىنغان ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى كۆرسىتىدۇ . ،ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى 1000يىللار مابەينىدە خەلقىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ، ئېلىم- پەن ، مەدەنىيەت مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم روللارنى ئويناپ كەلمەكتە . مۇشۇنداق ئۇزۇن تارىخى جەريانىدا مۇھىم ئېھتىياجلار تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆلىمى ئوخشاش بولمىغان ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلدى . يەنى         ئەسىردە ؛ 20-ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدا ؛ 1950- 1954- يىللىرى ، 1983- يىللىرى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرۈلۈپ،ھازىرقى ھالەتكە كەلتۈرۈلدى .

    0.0
    نومۇر

    • ساقلىۋىلىڭ
    • خاتالىق باركەن
    • بىسىپ چىقىرىش
    • باش بەت
    • ئىككىلىك كود
    
    数据统计中,请稍等!

    سىز بەلكىم بۇلارنىمۇ ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن

    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ
    二维码