يېزىق ۋە تىل نورمىلىرى
يېزىق ۋە تىل نورمىلىرى
1. ھەرپ ۋە ئېلىپبە
ھەربىر فونىمىنى خاتىرىلەش ئژچژن ئىشىلتىلگەن بەلگە ھەرپ دەپ ئاتىلىدۇ .
ھەرپ ئېلىپبەلىك يېزىقتىكى ئەڭ كىچىك يازما بىرلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
ھەرپ بىلەن فونىما ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش يوق . شۇڭا ھەرخىل يېزىقلار بولغان
.
ئادەتتە « ئېلىپبە » ۋە «ئېلىپبە جەدىۋىلى» ئوخشاش بىر ئۇقۇمنى كۆرسىتىدۇ .
ئېلىپبەلىك يېزىقتا بەلگىلەنگەن ھەرپلەر ۋە بۇ ھەرپلەرنىڭ تىزىلىش رەت
تەرتىپى ، نامى ھەم ئومۇمىي شەكلى كۆرسىتىلگەن جەدىۋەل ئېلىپبە ياكى
ئېلىپبە جەدىۋىلى دېيىلىدۇ .
2 . ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قوللانغان يېزىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى
ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا تۆۋەندىكى يېزىقلارنى قوللانغان . يەنى
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قوللانغان يېزىقلىرى خېلى كۆپ . ئەمما مۇھىملىرى
تۆۋەندىكىلەر :
1)سوغدى يېزىقى
2)ئۇرخۇن-يىنسەي يېزىقى
3 )قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى
4)ئەرەب يېزىقى
5)چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر يېزىقى
6)لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى
7)ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى
3 . ئىملا قائىدىسى ۋە ئۇنى تۈزۈش پېرىنسىپى
تىلنىڭ يېزىق سىستېمىسىدا شۇ كونكېرت تىلنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بىر تۇتاش
تۈزۈپ چىقىلغان ، شۇ يېزىقنى قوللانغۇچىلار بىردەك ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك
بولغان ئۇسۇل ۋە قائىدىلەر –ئىملا قائىدىسى دەپ ئاتىلىدۇ .
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىنى تۈزۈشتە ئەمەل قىلىنغان
پىرىنسىپلار – فونىتىكىلىق پىرىنسىپ ، مورفولوگىيىلىك پىرىنسىپ ، تارىخى
پىرىنسىپ ۋە ئايرىش پىرىنسىپىدىن ئىبارەت . ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ يېڭى
ئىملا قائىدىسىنى تۈزۈشتە مورفولوگىيىلىك پىرىنسىپ قىلىنغان ۋە باشقا
پىرىنسىپلارغىمۇ يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلگەن .