تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى

تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى


تىنىش بەلگىلىرى يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلىمەكچى بولغان ئوي – پىكىرنىڭ چۈشىنىشلىك، توغرا ۋە راۋان ئىپادىلىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايلا قالماي، بەلكى سۆز – جۈملىلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى، مەزمۇنىنى توغرا ئىپادىلەشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا يېزىقى مەلۇم دەرىجىدە قېلىپلاشقان مىللەتلەر ئۆزىنىڭ يېزىق تىلىدا تىنىش بەلگىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەتبۇئاتلاردا قوللىنىش لازىم. ھەربىر شەخسمۇ ئۆز يېزىقىدا تىنىش بەلگىلىرىنى قوللىنىش قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشى، ئۇنى توغرا ئىشلىتىشى لازىم. بۇ شۇكىشىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە، يېزىق بىلىملىرىنى پۇختا ئىگىلىگەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن تىلنىڭ فونېتىكا، لېكسىكا ۋە گرامماتىكا قائىدىلىرىنى تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش قانداق زۆرۈر بولسا، تىنىش بەلگىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە تەتقىق قىلىشمۇ شۇنداق مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئومۇمەن ئاغزاكى تىلنى يېزىق ئارقىلىق توغرا، چۈشىنىشلىك ئىپادە قىلىشتا تىنىش بەلگىلىرى تۆۋەندىكىدەك مۇھىم روللارنى ئوينايدۇ.
1) تىنىش بەلگىرى يازما نۇتۇقنى توغرا، ئېنىق، راۋان ئىپادىلەشكە ياردەم بېرىدۇ.
2) يازما نۇتۇقتىكى سۆز – جۈملىلەرنى قانداق ئاھاڭدا ئوقۇش، قانداق سۈرئەتتە ئوقۇش، توختاش، تىنىش رېتىملىرىنى ئىپادىلەيدۇ.
3) جۈملە ۋە جۈملە بۆلەكلىرىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى، باغلىنىشىنى ھەم ئالاھىدىلىكلىرىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.
4) مۇرەككەپ جۈملىلەرنى ئوقۇپ، چۈشىنىشنى ئوڭايلاشتۇرىدۇ.

    0.0
    نومۇر

    • ساقلىۋىلىڭ
    • خاتالىق باركەن
    • بىسىپ چىقىرىش
    • باش بەت
    • ئىككىلىك كود
    
    数据统计中,请稍等!

    سىز بەلكىم بۇلارنىمۇ ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن

    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ
    二维码