ئۇيغۇر تىلى - ئابدۇرېھىم زۇنۇن


ئۇيغۇر تىلى


ئابدۇرېھىم زۇنۇن


بىل شۇنى، ئۇيغۇر ئۈچۈن پۈتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى،
مەڭگۈ پاتماس زەر قۇياش، نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى،
بىپايان تىل كۆكىدە، چولپان، ئۇكەر ئۇيغۇر تىلى،
مەنىلەرگە باي، تېرەندۇر شۇقەدەر ئۇيغۇر تىلى،
بولدى تارىختىن بېرى بىزگە پەدەر ئۇيغۇر تىلى.

ئانا تىل ھەر دەم قوۋم-مىللەت ئۈچۈن روھ تۈۋرۈكى،
ئانا تىل پەن-مەرىپەت ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆۋرۈكى،
ئانا تىل چوڭۇ كىچىكنىڭ يۈرىكى، تاغ-يۆلىكى،
ئانا تىل ۋاسىتە-قورال ئالاقىدە، قەلب ئەينىكى،
بىزنى قۇچتۇرغان جىمى ئىشتا زەپەر ئۇيغۇر تىلى.

پەنگە ئاشىق-بىقارار قىلدى مېنى دىلبەر تىلىم،
تارتتى رايىمنى ئۆزىگە ھەرقاچان ئەمبەر تىلىم،
ئەلگە دىل رىشتىمنى چاتتى بال-شېكەر، كەۋسەر تىلىم،
بولدى ئەل دۈشمەنلىرىگە تىغ-تەبەر، نەشتەر تىلىم،
ھەممىمىزنى قىلدى دائىم بەھرىۋەر ئۇيغۇر تىلى.

«ئا» بىلەن كىردى ئېغىزغا، تىل-زۇۋانغا مەڭگۈ تەم،
قىلدى تىل ئاقىل، نادانلارغا بېرىپ ئىدراكۇ پەم،
تىل چېچىلغاننى يىغىپ قىلدى ھامان بىر يەرگە جەم،
تىل بىمار، ئاجىز-ئورۇققا ئەم- داۋا، ئاچلارغا يەم،
خاسىيەتلىك تىلتۇمار، قالقان ـــ سىپەر ئۇيغۇر تىلى.

يۈرىكىمگە كەلدى سۆزلەپ مۇشۇ تىلدا جان بوۋام،
مەن ئىجاد ئەتتىم مۇشۇ تىلدا، قىلىپ پەرۋاز داۋام،
مۇشۇ تىلدا سايرىدى بۇلبۇل كەبى ھەقدار بالام،
مۇشۇ تىل بەردى چىدام، مەردلىك، ۋاپادارلىق مۇدام،
قان قېرىنداشلارغا رىشتە، جانجىگەر ئۇيغۇر تىلى.

سۇ بېرىپ ياشناتتى بىزنى ئانا تىل ـــ ئالتۇن بۇلاق،
ئۇ ـــ چىراغ، پەرۋانە بىز، ھەرگىزمۇ كەتمەيمىز يىراق،
ئانا تىل ـــ يىلتىز، ئوزۇق ئالغۇچى بىز ـــ نوتا-ئۇلاق،
ئانا تىلدا دەرس ئېلىپ، تاپتۇق ئەقىل، سەمرىپ قۇلاق،
بىزگە پۈتمەس كان، خەزىنە شام-سەھەر ئۇيغۇر تىلى.

قويدى تاڭ دۇنيانى شۇ تىلدا قىلىپ بۇلبۇل ناۋا،
تاپتى شۇ تىلدا پۈتۈلگەن كۈي-غەزەل يۈكسەك باھا،
ھەر تەرەپتىن ياغدى ئالقىش، «مىڭ ياشا!»دېگەن سادا،
مۇشۇ تىل شۆھرەتكە نائىل ئەيلىدى، سالدۇق ساما،
ئىپتىخارغا پۈركىدى ئۇيغۇرنى زەر ئۇيغۇر تىلى.

شاھ مۇقامنى مۇشۇ تىلدا ئاڭلىدى ئەھلى جاھان،
مۇشۇ تىل دىللارنى دىلغا ئۇلىغان رىشتە ھامان،
مۇشۇ تىل بىرلە يۈسۈپ، ھەزرەت نەۋايى تاپتى شان،
مۇشۇ تىلغا جان بېرىپ مەھمۇد بوۋام تۈزدى دىۋان،
مەڭگۈ ئەڭگۈشتەر، يېزىشتا شاھ ئەسەر ئۇيغۇر تىلى.

مۇشۇ تىل بىزگە جاھاندا تەڭدىشى يوق، بىباھا،
مۇشۇ تىل بىرلە بىلىپ يەتتۇق نېمە توغرا، خاتا،
مۇشۇ تىل مەڭگۈ قەدىردان، مېھرى ئاتەش جان ئانا،
مۇشۇ تىلنىڭ شۆھرىتىنى قىل ھىمات، جاننى ئاتا،
پىر بولۇپ بىزگە ئۆگەتتى كەسىپ – ھۈنەر ئۇيغۇر تىلى.

ئانا تىل قالغان ئانامنىڭ ئانىسىدىن يادىكار،
ئانا تىلغا يۇغۇرۇلغان چىن غۇرۇر ۋە ئىپتىخار،
ئانا تىلنى ئاڭلىسام جۇتنى سېزەرمەن گۈلباھار،
ئانا تىل بار ـــ ئەلمۇ بار، ھېكمەت، مۇھەببەت… ھەممە بار،
بىزگە ئاش-ناندەك زۆرۈردۇر، ھەمسەپەر ئۇيغۇر تىلى.

بولغۇسى قەدرىم پاخال-خەس، بولمىسا گەر ئۆز تىلىم،
ئۆز تىلىم بار، ئاي، قۇياشتەك تۇرىدۇ پارلاپ دىلىم،
بارمۇ مەندەك باي جاھاندا، ئۆتتى شاد ھەر ئاي، يىلىم،
ئۆز تىلىمدا بۇ ھايات دەرياسىدىن سۈزدۈم بىلىم،
ماڭا ئۇستاز، رەھنەما چىن ئىچ كۆيەر، ئۇيغۇر تىلى.

خىسلىتى يازغانغا پۈتمەس، تىل ھايات، بىزمۇ ھايات،
مۇشۇ تىل بەركاتىدىن تاپتۇق روناق، ئەل-يۇرت ئاۋات،
كۈنسېرى ئۆرلەشكە بولدى مۇشۇ تىل تالماس قانات،
مەن ئاڭا دىل بەرگىنىمچۈن، ئارمىنىم بىخ ياردى شاد،
ئۇتتى مەيلىمنى، بېرىپ دىل، ھۆددىگەر ئۇيغۇر تىلى.

تىزگىنىن چىڭ تۇت ۋاقىت تۇلپارىنىڭ، باش قاشلىما،
بولسا بىل كۆپ تىل، ئەقىل، كۈچ تاپ ھامان، يانپاشلىما،
بۇ قورالدىن پايدىلان ياخشى، كېيىن كۆز ياشلىما،
شاھ بولۇپ كەتسەڭمۇ، ئەمما ئۆز تىلىڭنى تاشلىما،
قىلغىنى بىزنى مۇزەپپەر، مۆتىۋەر ئۇيغۇر تىلى.

ھەر كىشى كۆپ زوق ئالار سۆز سۆزلىسە ئۆز تىلىدا،
مەن ئانا تىل ـــ  ئۆز تىلىمغا قىلىمەن مىڭ جان پىدا؛
ئۆز تىلىم يوق بولسا شۇئان  بولىمەن جاندىن جۇدا،
چىن يۈرەكتىن ئەيلىدى ئابدۇرېھىم مۇنداق نىدا:
سۇلىرىدا ئاق، ئوتىدا كۆي! گۆھەر ئۇيغۇر تىلى!…


مەنبە: («جۇڭگو مىللەتلىرى» 2006-يىللىق 4-سان مۇقاۋىدا ئېلان قىلىنغان)
    0.0
    نومۇر

    • ساقلىۋىلىڭ
    • خاتالىق باركەن
    • بىسىپ چىقىرىش
    • باش بەت
    • ئىككىلىك كود
    
    数据统计中,请稍等!

    سىز بەلكىم بۇلارنىمۇ ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن

    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ
    二维码