ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى


بۈگۈنكى كۈندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۇيغۇر تىلىنى ئالاقىلىشىش ۋاسىتىسى قىلغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، بىر – بىرىنى چۈشىنىش ۋە ئالاقە باغلاشتىكى ئەڭ مۇھىم ئالاقە قورالى — ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي تىلى بولغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنى ئىلمىي ئاساستا ئۆگىتىدىغان، تەتقىق قىلىدىغان پەنمۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت جەھەتتىن ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى، تۈركىي تىللار ئا'ئىلىسى، غەربىي ھون تىل تارمىقى ئىچىدىكى ئۇيغۇر – قارلۇق تىللىرى گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ تىل بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر خەلقىگە ئوخشاشلا ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئۇيغۇر يېزىق تىل تارىخىنى ئۆزىنىڭ ئومۇمىي تارىخىي تەرەققىيات جەريانىغا ئاساسەن ئەڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى (مىلادىيىنىڭ ئالدى - كەينىدىن 9 - ئەسىرگىچە قوللانغان تىلنى كۆرسىتىدۇ )، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى (9 – ئەسىردىن 13 – 14 - ئەسىرلەرگىچە قوللانغان تىلنى كۆرسىتىدۇ)، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى ياكى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى (13 - ئەسىردىن 20 - ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىغىچە قوللانغان تىلنى كۆرسىتىدۇ) ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى (20 - ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىدىن باشلاپ شەكىللەنگەن تىلدۇر) دېگەن تۆت چوڭ دەۋرگە بۆلۈش مۇمكىن.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى — پۈتكۈل ئۇيغۇر تىلى تەرەققىياتىنىڭ مۇشۇ زامانىمىزدىكى ھاسىلاتى. شۇنداقلا، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. ئۇ مەركىزىي دىئالېكت ئاساسىدا ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ تۇرغان ئۈرۈمچى تەلەپپۇزىنى ئۆلچەم قىلغان ھالدا يېزىق شەكلى ۋە جانلىق تىل شەكلى جەھەتتىن خېلى قېلىپلاشتۇرۇلغان ئەدەبىي تىلدۇر. ئۇ دەۋرىمىزدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئورتاق ئالاقە قورالى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى نۇقتىسىدىن ئالغاندا ئورتاق مىللىي تىلدۇر.


    0.0
    نومۇر

    • ساقلىۋىلىڭ
    • خاتالىق باركەن
    • بىسىپ چىقىرىش
    • باش بەت
    • ئىككىلىك كود
    
    数据统计中,请稍等!

    سىز بەلكىم بۇلارنىمۇ ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن

    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ
    二维码