‏ئۇيغۇرچە يىل، ئاي، كۈن ناملىرىنىڭ تولۇق چۈشەندۈرۈلۈشى


‏ئۇيغۇرچە يىل، ئاي، كۈن ناملىرىنىڭ تولۇق چۈشەندۈرۈلۈشى

  ● ئەسىر [esir] — 
كالېندار ھېسابىدىكى 100 يىلنى بىر بىرلىك قىلغان ۋاقىت بىرلىكى، بىر ئەسىر 100 يىلغا تەڭ. قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر ئەسىر 30 يىلنى كۆرسىتەتتى. چاغاتاي دەۋرىدىكى تۈركى خەلقلەر 32 يىلنى بىر ئەسىر ھېسابلايتتى
    ● قەرنە [qerne]— 
مىلادىيە ھېسابىدا مەلۇم بىر پەسىلنىڭ مەلۇم بىر مەزگىلى، ھىجرىيە ھېسابىدا مەلۇم بىر ئايغا توغرا كېلىپ، ئارىدىن بىرنەچچە 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە ھىجرىيەنىڭ شۇ ئېيى مىلادى يىلىنىڭ شۇ پەسلىنىڭ شۇ مەزگىلىگە ئاساسەن توغرا كەلسە بۇ چاغدا بىر «قەرنە» ۋاقىت ئۆتكەن بولىدۇ. يەنى مىلادىيەنىڭ 33-يىلى ھىجرىيەنىڭ 34-يىلى بىر قەرنە ھېسابلىنىدۇ
    مۈچەل يىل ھېسابىدا 12 مۈچەلنىڭ ئۈچ قېتىم تەكرارلىنىشى، يەنى 36 يىل بىر قەرنە بولىدۇ
    دېھقانلار كالېندارى ھېسابىدا دەۋرىيلىك مۈچەلنىڭ بەش قېتىم تەكرارلىنىشىدىن ھاسىل بولغان 60 يىل بىر قەرنە بولىدۇ

    ● قەرن [qern]—
قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى ئارىسىدا قوللىنىلغان ۋاقىت بىرلىكى بولۇپ، 1 قەرن قەدىمكى 1 ئەسىر ۋاقىتنى بىلدۈرگەن. قەدىمكى ئىراننىڭ 1 ئەسىرى 30 يىل، چاغاتاي دەۋرىدىكى تۈركى خەلقلەرنىڭ 1 ئەسىرى 32 يىل ھېسابلىناتتى

    ● قىران [qiran]—
ئەسلى مەنىسى جۈپلىشىش، قوشۇلۇش دېگەن سۆز ھازىرقى ئىستېمالدا قىران چۈشەنچىسى ئىككى خىل، بىر خىلى بويىچە قىران 25 يىلغا تەڭ. يەنى بىر ئەسىرنىڭ تۆتتىن بىرىگە تەڭ. ئادەتتە كىشىلەرنى «قىرانىغا يەتتى» دېگەنلىك 25 ياشقا تولدى، جۈپلىشىش-نىكاھلىنىش مۇددىتىگە يەتتى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. يەنە بىر خىل چۈشەنچە بويىچە قىران — تەخمىنەن 30 يىلغا تەڭ بولىدۇ، بىر ئەسىرنىڭ ئۈچتىن بىرى نەزەردە تۇتۇلىدۇ

    ● يىل [yil]—
كالېندار ھېسابىدا يەر شارىنىڭ قۇياشنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىشىغا كېتىدىغان ۋاقىت. بىر يىل 365 كۈن 5 سائەت 48 مىنۇت 46 سېكۇنت. 1 يىل تۆت پەسىل، 12 ئاي بولىدۇ

    ● ئون ئىككى ئارقۇن 
(مۈچەل) [arqun] : ئارقۇن — كېلىدىغان يىل نامى
    1. چاشقان يىلى [çaşqan yili] 
    2. ئۇي يىلى [uy yili] 
    3. يولۋاس يىلى [yolvas yili] 
    4. توشقان يىلى [toşqan yili] 
    5. بېلىق يىلى [béliq yili] 
    6. يىلان يىلى [yilan yili] 
    7. ئات يىلى [at yili] 
    8. قوي يىلى [qoy yili] 
    9. مايمۇن يىلى [maymun yili] 
    10. توخۇ يىلى [toxu yili] 
    11. ئىت يىلى [it yili] 
    12. توڭگۇز يىلى [toñguz yili] 

    ● ئۇن ئىككى بۇرج: 
    1. ئارسلان [arslan] (ئەسەد بۇرجى) 
    2. چايان [çayan] (ئەقرەب بۇرجى) 
    3. ئوغلاق [oğlaq] (جەدى بۇرجى) 
    4. قوشكېزەك [qoşkézek] (جەۋزا بۇرجى) 
    5. سوغا [soğa] (دەلۋە بۇرجى) 
    6. قىسقۇچپاقا [qisquçpaqa] (سەرەتان بۇرجى) 
    7. ئۇي [uy] (سەۋر بۇرجى) 
    8. كىز [kiz] (سۇنبۇلە بۇرجى) 
    9. ياچاق [yaçaq] (قەۋس بۇرجى) 
    10. تارازا [taraza] (مىزان بۇرجى) 
0.0
نومۇر

  • ساقلىۋىلىڭ
  • خاتالىق باركەن
  • بىسىپ چىقىرىش
  • باش بەت
  • ئىككىلىك كود

数据统计中,请稍等!

سىز بەلكىم بۇلارنىمۇ ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ
二维码