تىنىش بەلگىلىرىنى قوللىنىش - چېكىت ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

تىنىش بەلگىلىرىنى قوللىنىش - چېكىت ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى


بۇ بەلگە ئوي – پىكىرنىڭ بايان تەرىقىسىدە ئاياغلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. چېكىت تۆۋەندىكى ئورۇنلاردا ئىشلىتىلىدۇ:
1) ئاياغلاشقان ئوي – پىكىرنى بىلدۈرىدىغان بايان جۈملىلەر (مەيلى ئاددىي جۈملە بولسۇن، مەيلى قوشما جۈملە بولسۇن) نىڭ ئاخىرىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما.
پىكاسۇ مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغۋار سەنئەتكار بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىككى تۈرلۈك رېكورت ياراتتى.
شىنجاڭ سەنئىتى» دىن)
2) ئادەتتىكى ئاھاڭدا (بايان ئاھاڭدا) ئېيتىلغان ۋە ئۈندەش جۈملىلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ئۇنداق بولسا، يۈرسىلە، ئالتۇنلۇققا بېرىپ كېلەيلى.
ئەمىسە، مەن دېگەن ئىشقا رازىلىق بىلدۈرىدىلا.
(يۈسۈپ ئىلىياس «ئېغىر تىنىقلار» 340-، 398 - بەت)
3) ئادەتتىكى رەقەم بىلەن (رىم رەقىمىدىن باشقا) يېزىلغان دەرىجە سانلاردىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ئوبراز تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ:
1. قايتا كۆرسىتىش ئاساسىدا يارىتىلغان ئوبراز.
2. لىرىك ھېسسىياتنى ئىپادىلەش ئاساسىدا يارىتىلغان ئوبراز.
3. تىپىك ئوبراز.
4. سىمۋوللۇق ئوبراز.
(مەمتىلى قادىر «ئەدەبىيات نەزەرىيىسىدىن سوئال - جاۋابلار»)
4) قىسقارتىپ يېزىلغان ئادەم ئىسىم – فامىلىلىرىنىڭ ئارىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ئا. پ. چىخوپ (ئانتون پاۋلىۋىچ چىخوپ)
ئا. ت. ئۆتكۈر (ئابدۇرېھىم تىلەشۇپ ئۆتكۈر)
ئا. ئۇيغۇر (ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)
5) يىل، ئاي، كۈنلەر رەقەم بىلەن يېزىلغاندا، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
1949.10.1
1999.12.20
6) ئونلۇق كەسىردىكى پۈتۈن سان بىلەن كەسىر سان ئارىسىغا سائەت بىلەن مىنۇت كۆرسىتىلگەندە سائەت بىلەن مىنۇت ئارىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
5.4 (بەش پۈتۈن ئوندىن تۆت)
سائەت 8.30 دە (سائەت سەككىز يېرىمدا)

    0.0
    نومۇر

    • ساقلىۋىلىڭ
    • خاتالىق باركەن
    • بىسىپ چىقىرىش
    • باش بەت
    • ئىككىلىك كود
    
    数据统计中,请稍等!

    سىز بەلكىم بۇلارنىمۇ ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن

    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ
    二维码