مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىمسەن


مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىمسەن


مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىمسەن،
بېغىمدىكى گۈلۈمسەن.
ئۇسساپ، ئېچىپ كەتكەندە،
بەكمۇ ئىسىل غىزاسەن.

مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىمسەن،
تىلى ئىسىل شىكەرسەن.
جاپا تارتىپ ھارغاندا،
مۇڭلۇق شېئىر قوشاقسەن.

مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىمسەن،
بەك ئىسىلسەن،گۈزەلسەن.
تونۇلغانلار، چولپانلار،
ئېيتىدىغان ناخشىسەن.

مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىمسەن،
ئۇزۇنسەن ھەم قىسقىسەن.
ئاشىقى بار مەشۇقنىڭ،
يۈرەكتىكى سۆزىسەن.

مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىمسەن،
ھەممىدىن بەك ئۇلۇغسەن.
قەلەم ئالسام قۇلۇمغا،
مارجان بۇلۇپ چىقارسەن.

مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىمسەن،
سېنى ھۆرمەت قىلىمەن.
سەن ۋاپادار، بەك گۈزەل،
مېنى ئەسرا قىلىسەن.

مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىمسەن،
ماڭا كۈندە ھەمراھسەن.
قىسقا تىلنى ئۇزۇن قىلىپ،
مېنى گەپدان قىلىسەن.

مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىمسەن،
ساڭا بەكمۇ ئامراقمەن.
ئانام كىچىك ۋاقتىمدا ،
ئەتىۋارلاپ ئۆگەتكەن.

مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىمسەن،
كۈندە كۆكلەپ تۇرامسەن.
بۇ بەختىيار زاماندا ،
ھەممە ياقتۇرۇپ كەتسىكەن.

مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىمسەن،
بەزىدە ئەبجەش بولىسەن.
ياتلار بىلەن پاراڭدا،
سەن كۈمۈلۈپ قالىسەن.

مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىمسەن،
بەزىلەر سېنى ئۆگەنمەيدىكەن.
ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇلار سېنى،
ئۇنتۇپ، تاشلاپ كېتەركەن.

مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىمسەن،
ھازىر قانداق تۇرۋاتىسەن.
قاراپ باقساق ئەتىراپقا ،
ئەھۋال ياخشى ئەمەسكەن.

مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىمسەن،
دوستلىرىڭمۇ بەك كۆپكەن.
دۈشمەنلىرىڭمۇ بىر چەتتە،
تاماشا كۆرۈپ تۇراركەن.

مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىمسەن،
ھەممەيلەنگە تەۋسىيەكەن!
يوقالمىسۇن ئانا تىل،
پارلاپ،چاقناپ ياشىسىكەن!

مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىمسەن،
ھەممە ئويلاپ باقسىكەن!
«ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا »

بۇلۇپ ھەرگىز قالمىسىكەن.


مەنبە:ئوغۇز تورى

    0.0
    نومۇر

    • ساقلىۋىلىڭ
    • خاتالىق باركەن
    • بىسىپ چىقىرىش
    • باش بەت
    • ئىككىلىك كود
    
    数据统计中,请稍等!

    سىز بەلكىم بۇلارنىمۇ ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن

    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ
    二维码