تىنىش بەلگىلىرىنى قوللىنىش - سوئال بەلگىسى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

سوئال بەلگىسى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى


بۇ بەلگە يەككە ئوي – پىكىرنىڭ سوراق تەرىقىسىدە (سۆزلىگۈچىنىڭ ئۆزىگە نامەلۇم بولغان تەرەپلەرنى مەزمۇنىدىكى جۈملىلەردە) ئاياغلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ قويۇلۇش ئورنى تۆۋەندىكىچە:
1) بىرلا ئوي – پىكىرنى بىلدۈرىدىغان سوئال جۈملىلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
خوش پارىس قىزى، ئەھۋالىڭىز قانداق؟
يەنە قاچان كېلىدۇ؟
(مىرزا ئىبراھىموۋ «شۇنداق بىر كۈن كېلىد» 513 -، 714 - بەتلەر)
2) كەينى – كەينىدىن ئۇلىنىپ كەلگەن سوئاللارنىڭ پەقەت ئەڭ ئاخىرىدىكىسىگە قويۇلىدۇ. ئالدىنقىلىرىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
سىز زادى مۇشۇ جەمىيەتنىڭ ئەزاسىمۇ – ئەمەسمۇ؟
بىرونىي نېمە ئۈچۈن ئوتقا تاشلانغان، مەشرەپ نېمە ئۈچۈن دارغا ئېسىلغان؟
(توختى ئايۇپ «بۆرە ئانا» 498 - بەت)
3) جۈملىدە ئاپتورغا نامەلۇم بولغان ياكى ئاپتور گۇمان بىلەن قارىغان تەركىبلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
مەن ئوردا قاراۋۇللىرىنى (؟) كۆپەيتتىم.
سەلەي چاققان (1905 - ؟) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داڭلىق لەتىپىچىلىرىدىن بىرى ئىدى. ئىپادىلەيدىغان بىر قىسىم ئىچكى ھېس – تۇيغۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئوي – پىكىرنى ئىپادىلەيدىغان بىر قىسىم جۈملىدە ھەم سوراق، ھەم ئۈندەش مەنىسى بىرلا ۋاقىتتا ئىپادىلىنىدۇ. بۇنداق جۈملىدە ھېسسىيات كۈچلۈك بولسا ئاۋۋال ئۈندەش بەلگىسى، ئاندىن سوراق بەلگىسى؛ ئەگەر سوئال كۈچلۈك بولسا، ئاۋۋال سوئال بەلگىسى، ئاندىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
- ۋاي ئانىكام، بۇ مەيدان نېمانچە چوڭ مۇئەللىم؟!
(جالالىدىن بەھرام «مېھرىگىياھ» 487 - بەت)

    0.0
    نومۇر

    • ساقلىۋىلىڭ
    • خاتالىق باركەن
    • بىسىپ چىقىرىش
    • باش بەت
    • ئىككىلىك كود
    
    数据统计中,请稍等!

    سىز بەلكىم بۇلارنىمۇ ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن

    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ
    二维码