ئىملا قائىدىسى ۋە ئۇنىڭ رولى

ئىملا قائىدىسى ۋە ئۇنىڭ رولى


ئىملا قائىدىسى ـ توغرا يېزىش قائىدىسى دېگەنلىك بولۇپ، مەلۇم بىر ئەدەبىي تىل ئارقىلىق ئالاقە قىلىدىغان ئىجتىمائىي كوللېكتىپنىڭ توغرا يېزىشىنى تەمىن ئېتىدىغان ۋە  ئۇلارنىڭ يېزىق تىلىدا ئورتاق ئەمەل قىلىشى زۆرۈر بولغان قائىدىلەر سىستېمىسى ئىملا قائىدىسى دېيىلىدۇ.

ئىملا قائىدىسى ـ مەلۇم بىر يېزىقنى قوللانغۇچى مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا مۇكەممەللەشكەن يېزىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، شۇ مىللەتنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئاخبارات، نەشرىيات ئىشلىرىدا يېزىق تىلنىڭ توغرا قوللىنىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان، شۇنداقلا ئەدەبىي تىلنىڭ قېلىپلىشىشى ۋە ئومۇملىشىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان مۇھىم ۋاسىتىدۇر.

ئىملا قائىدىسى ـ مەلۇم بىر تىلنىڭ يېزىق شەكلىنى قېلىپلاشتۇرۇش مەقسىتىدە تۈزىلىدۇ. ئۇ يېزىق تىلى بىلەن جانلىق تىل ئوتتۇرىسىدا نازارەتچىلىك رولىنى ئويناپ، ئۇلار ئارىسىدىكى پەرقلەرنى كىچىكلىتىدۇ. شۇ تىلنى قوللانغۇچى ئىجتىمائىي كوللېكتىپ دائىرىسىدە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان ۋە بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان ئىملا قائىدىسى بولمىغان ئەھۋالدا، بىرلىككە كەلگەن، قېلىپلاشتۇرۇلغان ۋە مۇكەممەل بولغان ئەدەبىي تىلنىڭ بولۇشىدىن ئېغىز ئېچىش تەس. چۈنكى، جەمئىيەت تەرەققىياتى ھامان تىل تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۈرلۈك تارىخىي ۋە جۇغراپىيەلىك شارائىتلار تۈپەيلىدىن تىلدا مەلۇم پەرقلەرگە ئىگە بولغان دىيالېكت ۋە شېۋىلەر پەيدا بولىدۇ. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى پەقەت ئىملا قائىدىسى ئارقىلىقلا ئازايتقىلى ۋە بىرلىككە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. كىشىلەر شۇ بېكىتىلگەن نورما ئۆلچىمى بويىچە ئۆزلىرىنىڭ ئوي - پىكىرلىرىنى، تۈرلۈك تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنى خاتىرىلەيدۇ، شۇ ئارقىلىق ئىلىم - پەننى ئومۇملاشتۇرىدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئۇنىڭ ئىملا قائىدىلىرى ئۈستىدىكى سىستېمىلىق تەتقىقات 1940- يىللاردىن باشلاپ، بولۇپمۇ ئازادلىقتىن كېيىن رەسمىي قولغا ئېلىندى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا بولسا 20- يىللاردىن باشلاپ قولغا ئېلىنغان. 1925- يىلى 7- ئاينىڭ 18- كۈنى باكۇ شەھىرىدە بىرىنچى قېتىملىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى ۋە ئىملا قائىدىسى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى. 1930- يىلى 5- ئايدا، ئالماتا شەھىرىدە ئىككىنچى قېتىملىق ئۇيغۇر تىل - يېزىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى بىلەن ئاتالغۇلار مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى. 1946- يىلى ئايشەم شەميېۋا تۈزگەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى رۇس ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا نەشر قىلىندى. 1960- يىلى غوجەخمەت سەدىۋاققاسوف تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىلىرى» 5- ئاينىڭ 18- كۈنى «كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. ئاپتونوم رايونىمىزدا 40- يىللاردىن بۇيان تىل - يېزىق ئورگانلىرى ۋە شەخسلەر تەرىپىدىن جەمئىي يەتتە قېتىم ئىملا قائىدىسى تۈزۈلۈپ ئېلان قىلىندى. بىرىنچى قېتىملىق ئىملا قائىدىسى ـ ئىبراھىم مۇتىئى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 1948- يىلى 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ۋە 1949- يىل 1- ئاينىڭ 8- كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئىككى ساندا ئېلان قىلىندى.

ئىككىنچى قېتىملىق ئىملا قائىدىسى ـ سابىق شىنجاڭ مىللەتلەر تىل - يېزىقىنى مۇزاكىرە قىلىنىپ، يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتى تەرىپىدىن 1953- يىلى تۈزۈلۈپ، 1954 - يىلى ئېلان قىلىندى.

ئۈچىنچىقېتىملىق ئىملا قائىدىسى ـ سابىق ئاپتونوم رايونلۇق يېزىق ئۆزگەرتىش كومىتېتى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 1965- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

تۆتىنچى قېتىملىق ئىملا قائىدىسى ـ سابىق ئاپتونوم رايونلۇق يېزىق ئۆزگەرتىش كومىتېتى تەرىپىدىن 1973- يىلى تۈزۈلۈپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

بەشىنچى قېتىملىق ئىملا قائىدىسى ـ ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قايتا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، 1983- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 1984- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ قوللىنىلغان. بۇ قېتىم تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىسىدە «ئۆ، ئۈ» سوزۇق تاۋۇشلىرى (فونېما) ئىجاد قىلىنىپ، قوشۇلۇپ سوزۇق تاۋۇشلار سەككىزگە كۆپەيتىلگەن. بۇ قېتىمقى ئىملا قائىدىسىنى تۈزۈشتە، مەلۇم دىيالېكت ياكى شېۋىنىڭ تىل ئادىتى نۇقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغان مەركىزىي دىيالېكت، يېتەكچى تەلەپپۇز ئۆلچىمى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغىچە بولغان تارىخىي تەرەققىيات جەريانى تولۇق نەزەرگە ئېلىنغان، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان قائىدىلەر ئۆزگەرتىلگەن.

ئالتىنچى قېتىملىق ئىملا قائىدىسى ـ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى تېخىمۇ ياخشى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىملادا ساقلىنىۋاتقان زىددىيەتلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، تىلىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇلغان. بۇ ئىملا قائىدىسى 1985 - يىلى ئېلان قىلىنغان.

يەتتىنچى قېتىملىق ئىملا قائىدىسى ـ 1995- يىلى تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ 6 - قېتىملىق ئىملا قائىدىسىنى ئۆگىنىش، قوللىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، تولۇقلاش ئاساسىدا تۈزۈلگەن. شۇنىڭدەك بۇ ئىملا قائىدىسى بۇرۇن تۈزۈلگەن بارلىق ئىملا قائىدىلىرىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىش، تۈزىتىش، تولۇقلاش، تەلەپپۇز قائىدىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش، تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ئاساسىدا تۈزۈپ چىقىلغان.

سەككىزىنچى قېتىملىق ئىملا قائىدىسى ـ 2008– يىلى تۈزۈلگەن بولۇپ، 2009– يىلى 12- ئايدا نەشردىن چىقىپ ئېلان قىلىندى. بۇ قېتىمقى ئىملا قائىدىسى 7- قېتىملىق ئىملا قائىدىسى ئاساسىدا تۈزۈلگەن بولسىمۇ، ناھايىتى كۆپ ھەم زۆرۈر تۈزىتىشلەرنى بەرگەن بولۇپ، تارىختىن بۇيانقى ھەر قانداق ئىملا قائىدىسىدىن ئىلغار دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، بۇ قېتىم تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىسىدە ئىككى ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن: بىرى، يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن بىر قەدەر تۇراقلىق بولۇشنى كۆزدە تۇتقان، تارىخىي ماتېرىياللاردىن كەڭ پايدىلانغان ۋە سۆزلەرنىڭ بىر قەدەر كۆپرەك كېرىشىنى كۆزلىگەن. يەنە بىرى، يېزىق تىلىنى جانلىق تىلغا بويسۇندۇرۇشقا، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى كىچىكلىتىشكە تىرىشىپ، شۇ ئاساستا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان ۋە خېلى دەرىجىدە مۇكەممەللىككە ئىگە قىلغان. بۇ ئىملا قائىدىسى كۆز ئالدىمىزدا ئومۇمىييۈزلۈك قوللىنىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.

دېمەك، تىلنى يېزىق ئارقىلىق توغرا خاتىرىلەشكە، يېزىقنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان ئالاقە قوراللىق ئۈنۈمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىر تۇتاش تۈزۈپ چىقىلغان بەلگىلىك ئۇسۇل ۋە قائىدىلەرگە (ئىملا قائىدىسىگە) ئەمەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1. تۈپ سۆزلەرنىڭ فونېما سىستېمىسىنى يېزىقتا توغرا ئىپادىلەش قائىدىلىرى، يەنى ھەرپ شەكىللىرى ۋە يېزىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىدۇ.

2. سۆز ۋە ئۇنىڭ مورفولوگىيەلىك تەركىبى بولغان تۈپ سۆز، ياسالما سۆز ۋە ئۇلارنىڭ ھەرخىل مورفېمىلىرى، يەنى سۆز ياسىغۇچى مورفېما ۋە سۆز تۈرلىگۈچى مورفېمىلارنىڭ سۆزلەرگە ئۇلىنىش ـ يېزىلىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىدۇ.

3. قوشما سۆزلەر، بىرىككەن سۆزلەر، جۈپ سۆزلەر ۋە قىسقارتىلغان سۆزلەرنىڭ ئىملاسى ۋە يېزىش قائىدىلىرىنى ئۆگىتىدۇ.

4. سانلارنىڭ ئىملاسىنى ۋە يېزىلىش قائىدىلىرىنى ئۆگىتىدۇ.

5. بوغۇم ۋە بوغۇم كۆچۈرۈش قائىدىلىرىنى ئۆگىتىدۇ.

6. ياردەمچى سۆزلەر (باغلىغۇچىلار، تىركەلمىلەر، ئۇلانمىلار)نىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئىملاسى ۋە يېزىلىش قائىدىلىرىنى ئۆگىتىدۇ.

7. ياردەمچى پېئىللارنىڭ ئىملاسى ۋە يېزىلىش  قائىدىلىرىنى ئۆگىتىدۇ.

8. چەت تىللاردىن كىرىپ ئۆزلەشكەن سۆزلەر (خەنزۇ تىلى، ئەرەب، پارس تىلى، رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق ياۋروپادىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر)نىڭ ئىملاسى ۋە يېزىش قائىدىلىرىنى ئۆگىتىدۇ.

9. تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇنى قوللىنىش ـ ئىشلىتىش قائىدىلىرىنى ئۆگىتىدۇ.

10. مەتبۇئاتچىلىقتا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر يۈرۈش قائىدە-قانۇنىيەتلەر ئۆگىتىدۇ.

بىر مىللەت تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىنىڭ ئىلمىي ھەم مۇكەممەل بولۇش- بولماسلىقى ھەمدە شۇ مىللەتنىڭ ئۆزى قوللىنىۋاتقان ئىملا قائىدىسىگە ئەمەل قىلىش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى، شۇ مىللەت پەن - مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ھەر قانداق بىر خىل يېزىقنىڭ ئىملا قائىدىسى شۇ خىل يېزىقنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلغان ھالدا ئېنىق بېكىتىلگەن مۇئەييەن پىرىنسىپنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۈزۈلىدۇ.


    0.0
    نومۇر

    • ساقلىۋىلىڭ
    • خاتالىق باركەن
    • بىسىپ چىقىرىش
    • باش بەت
    • ئىككىلىك كود
    
    数据统计中,请稍等!

    سىز بەلكىم بۇلارنىمۇ ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن

    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ
    二维码