رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 4420 قېتىم كۈرۈلدى
ئۈرۈمچى تەسىراتلىرى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -19
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

ئۈرۈمچى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى، بۇ يەردە نۇرغۇن مىللەت ئولتۇراقلاشقان بولۇپلا قالماستىن، سودا تۈگۈنى سۈپىتىدە يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئىزنالىرى مۇجەسسەملەنگەن. شۇڭا ئۈرۈمچىگە تۇنجى قېتىم كەلگەنلەر ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ «باشقا بىر دۆلەتكە بارغاندەك بولۇپ قالدىم.» دېيىشىدۇ. بۇ سان «سۈرەتلىك پاراڭ» دا، شىنجاڭدىكى يەرلىك فوتوگرافنىڭ كامىراسى ئاستىدىكى ئۈرۈمچى قىياپىتى سۇنۇلىدۇ.

 

 

كونا ئۈرۈمچى مۇنداق ئۈچ بۆلەكتىن تەركىب تاپقان: ئاق قوۋۇقنىڭ جەنۇبى، غەربىي شىمال يولىنىڭ شەرقىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمانلار شەھىرى (ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مۇسۇلمانلار)؛ ئاق قوۋۇقنىڭ شىمالى خەنزۇلار شەھىرى؛ غەربىي شىمال يولىنىڭ غەربى مانجۇلار شەھىرى. ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ چەك- چېگرىسى ئېنىق ئۈچ شەھەر ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان. ئۈرۈمچى شەھىرى شىمالىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋاقىت رايونى تەڭ قوللىنىلىدىغان بىردىنبىر شەھەر ھېسابلىنىدۇ، يەنى بېيجىڭ ۋاقتى ۋە ئۇنىڭدىن ئىككى سائەت كېيىن كېلىدىغان ئۈرۈمچى ۋاقتى.

 


 

ھەر بىر شەھەرنىڭ ئوخشىمىغان تەرەپلىرى بار، ئەمما ھېچقايسىسى ئۈرۈمچىگە ئوخشاش بۇنچە كۆپ خىل ۋە مول ئەمەس. ئۈرۈمچى كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان شەھەر بولۇپ، ئۇيغۇر ۋە خەنزۇدىن باشقا يەنە، خۇيزۇ، قازاق، مانجۇ، شىبە، موڭغۇل، قىرغىز، تاجىك، تاتار، ئۆزبېك، رۇس، داغۇر قاتارلىق مىللەتلەرمۇ بار.

 

BRTدىكى يولۇچى دەرىزىگە يۆلىنىپ ئارام ئالماقتا.

ئۈرۈمچىدىكى ناماياندا خاراكتېرلىك ئىمارەت دوستلۇق بەيشېڭ بىناسىنىڭ كېچە مەنزىرىسى.

كۆۋرۈك ئاستىدا ئارام ئېلىۋاتقان تازىلىق ئىشچىلىرى.


كاۋاپنى تونۇرغا سېلىۋاتقان يىگىت.


مانتا تۈگۈۋاتقان ئۇيغۇر تاغا.


كوچىدا خام سەي سېتىۋاتقان يەرلىك كىشىلەر.


شىرىن ئۇيقۇغا چۈشۈپ كەتكەن قۇرۇق مېۋە دۇكىنىنىڭ خۇجايىنى.

دۆڭكۆۋرۈكتە ئاچقۇچ ياساۋاتقان ئۇيغۇر بوۋاي.


بالىسىنى كۆتۈرۈپ ئاياغ ياماۋاتقان ئايال.


قايتىدىن بېزەلگەن خەلق تىياتىرخانىسى.

تىببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا بىر ئايال بىر ئاز ئارام ئېلىۋالدى.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203