چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، Pebble بىر ئاز ئىلگىرى يېڭى نۇسخىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەتنى ئېلان قىلغانىدى ، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئاشكارلىشىچە :" ئەتە ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەت قوللىنشچان دېتالى Pebble يېقىندا IOS ئىشلەتكۈچىلىرىگە Pebble قوللىنشچان دېتاللار دۇكىنى ئاچىدىكەن ، ئاندىرويىد نۇسخىسى كەينىدىنلا ئېلان قىلىنىدىكەن ."
بۈگۈنگە قەدەر ، ئىشلەتكۈچىلەر چوقۇم ھەرخىل قوللىنىشچان دېتال ئېچىش سودىگەرلىرى ھەمدە ئۈچىنچى تەرەپ تور بېكىتى ئارقىلىق ئەڭ يېڭى سائەت ئېكران يۈزى ياكى قوللىنىشچان دېتاللىرىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىدىكەن . قوللىنشچان دېتالنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ھەمدە كۆك چىش ئارقىلىق ئۆزئارا ئۇلىغىلى بولىدىكەن ، بۇندىن كېيىن پەقەت بىر دانە Pebble نومۇرى بولسىلا ئەڭ يىڭى قوللىنشچان دېتاللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدىكەن ، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى بولسا ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەتنىڭ ئۆزىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا سەككىز دانە قوللىنشچان دېتال قاچىلىغىلى بولىدىكەن ، ھەمدە Pebble دا ۋاقتىنچە ئىشلەتمەيدىغان قوللىنشچان دېتاللارنى يىغىپ ساقلاپ قويغىلى بولىدىكەن .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |