رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 979 قېتىم كۈرۈلدى
FIFA ئېتىراپ قىلغان مۇنەۋەر پۇتبول ۋاستىچىسى-مېندىس
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-11 -27
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : sports.163.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

خەلقئارا پۇتبول ساھەسىگە يىقىندىن دىققەت قىلىپ كەلگەن پۇتبولخۇمارلار ۋە جامائەتچىلىككە نىسپەتەن مېندىس ناتونۇش ئەمەس. بۇ پورتۇگالىيەلىك ۋاستىچىنىڭ كىرىستىئان رونالدو، پىي پىي، ماسىرو، فالكاۋ، دېمارىيا، مۇرىنھۇ قاتارلىق چوڭ خىرىدارلىرى بار.ئۇ زامانىمىزدىكى زەردار كۇلۇپلارنىڭ خوجايىنلىرىدىن فىلورىنتىنو، ئابلاموۋېچ، گىلىز جەمەتى، سارۇزۇ، خەلىپە مەنسۇر قاتارلىقلارنىڭ دائىملىق مېھمىنى.مېندىسنىڭ پۇتبۇل ساھەسىدىكى ئىقتىدارى قانچىلىك چوڭ؟ «كۈندىلىك تەنتەربىيە گىزىتى»بۈگۈن ئۇ توغرىسىدا بەرگەن مەخسۇس خەۋىرىدە ،«مەلۇم نۇقتىدىن قارىغاندا نۆۋەتتە مېندىس پۇتبول مۇنبىرىدىكى ھەقىقى شاھ بولۇشقا مۇناسىپ» دەپ باھا بەردى.
15 يىل ئىلگىرى مېندىس تېخى بىر ئۈن-سىن دۇكىنىنىڭ خوجايىنى بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن كىچىلىك بەزمىخانا ئاچقان بولسىمۇ تۈزۈك تەرەققى قىلالمىغان شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ پۇتبولچىلارنىڭ ۋاستچىسى بولۇشقا باشلىغان ھەمدە مۇشۇ ئىش بىلەن بېيىش يولىنى تاپقان. 2004-يىلى بورتو كوماندىسى ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرىدۇ، شۇ چاغدىكى بورتۇ كوماندىسىدا مۇرىنھۇ، دىكى، كاۋالو، پاۋىل فىرىرا قاتارلىقلار مېندىسنىڭ خىرىدارلىرى بولۇپ،بۇلار كېيىن دەل مېندىسنىڭ يۈرۈشتۈرۈشى بىلەن بارسىلونا،چىلسىي قاتارلىق زەردار كۇلۇپلارغا بارىدۇ،بۇنىڭ بىلەن مېندىسمۇ ئۆزىنىڭ ۋاستىچىلىق كەسپى ھاياتىدىكى تۇنجى پايدىغا ئىرىشىدۇ.مۇرنھۇ، كاۋالو قاتارلىقلارنىڭ چىلسى ۋە بارسىلونادا موۋەپپىقىيەت قازىنىشىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ بارا-بارا نامى چىقىشقا باشلايدۇ ھەمدە پۇتبول ساھەسىدىكى تەسىرىمۇ بارغانسىرى ئاشىدۇ.
يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ ۋاستىچىلىكىدە كىرىستىئان رونالدو مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىغا يۆتكەلدى،پىي پىيمۇ 30 مىليون ياۋرولۇق يۇقىرى باھا بىلەن بوناۋۇغا كەلدى،ئارقىدىن كونتېران، كاۋالو قاتارلىقلار مادىرىتقا يۆتكەلدى. ئۇ ئىلگىرى يەنە مۇراتتىغا كولسىما، موتا قاتارلىقلارنى سىتىپ بەردى، يەنە ئۇنىڭ يۈرۈشتۈرۈشى بىلەن فالكاۋ يۇقىرى يۆتكىلىش ھەققى بىلەن موناكو كۇلۇبىغا كەلدى. ئۇنىڭ كىلىشتۈرۈشى بىلەن مانچېستېر بىرلەشمىسى ھېچقانداق كەسپى مۇسابىقە ئويناپ باقمىغان بى بىنى توققۇز مىليونغا ياۋرۇغا يۆتكەپ كەلدى، مېندىس بۇنىڭدىن ئۈچ مىليون 600 مىڭ ياۋرۇ پايدا ئالغان.
2010-يىلى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى دۇبەيدە ئاچقان يىللىق مۇكاپاتلاش يىغىنىدا مېندىس «يىللىق مۇنەۋەر ۋاستىچى» بولۇپ باھالانغان بولۇپ،ھازىر ئۇنىڭ ئىلكىدىكى «گېستفوت» شىركىتىنىڭ ئىلكىدە 50 دىن ئارتۇق مەشقاۋۇل ۋە پۇتبولچى بار بولۇپ،بۇلارنىڭ بازاردىكى يۆتكىلىش قىممىتى 550 مىليون ياۋرودىن ئاشىدۇ.بۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە زامانىمىزدىكى داڭلىق مەشقاۋۇل مۇرىنھۇ، داڭلىق پۇتبولچىلاردىن كىرىستىئان رونالدو، فالكاۋ، ماسىرو، پىي پىي، كونتىران، دېمارىيا قاتارلىقلار بار.
مېندىسقا نىسپەتەن بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى مۇرىنھۇ بولۇپ، مۇرىنھۇ بورىتو، چىلسىي، ئىنتېر ۋە خان مادىرىتتا مەشقاۋۇللۇق قىلىش جەريانىدا كۇلۇپنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىن مېندىس ۋاستىچىلىكىدىكى پۇتبولچىلارنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان، مۇرىنھۇ مادىرىتتىكى ۋاقتىدا، كۇلۇپ تەرەپ ئىلگىرى كىيىن 200 مىليون ياۋرو سەرىپ قىلىپ، مېندىس ۋاستىچىلىكىدىكى نۇرغۇن پۇتبولچىلارنى يۆتكەپ كەلگەن.
مېندىسنىڭ پەقەت زەردار كۇلۇپلار بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولۇپلا قالماي، نۇرغۇن كىچىك كۇلۇپلار بىلەنمۇ ئالاقىسى قويۇق. نۇرغۇنلىغان ئوتتۇرا كىچىك كۇلۇپلار ئۇنىڭدىن پايدىغا ئېرىشكەن. مەسىلەن بۇنىڭدىن ئىسپانىيە ئا بىرلەشمىسىنى ئالساق بىرلەشمىىدىكى يىرىمدىن كۆپ كۇلۇپنىڭ مەشقاۋۇللىرى مېندىس ۋاستىچىلىكىدىكى مەشقاۋۇللار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ پايدا ئالغىنى زاراگاسا ۋە لاكۇرۇنىيە كۇلۇبى.2011 2012 مۇسابىقە پەسلىدە زاراگاسا كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى ئىزچىل تۆۋەن بولۇپ كەلگەن بولۇپ، قىشلىق يۆتكىلىشتە كۇلۇپ تەرەپ مېندىس ۋاستىچىلىكىدىكى ئۈچ نەپەر توپچىنى يۆتكەپ كېلىدۇ، دەل مۇشۇ توپچىلارنىڭ ياردىمىدە بۇ كوماندا ئوڭۇشلۇق دەرىجە ساقلاپ قالدۇ. ئۆتكەن مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ يەنە لاكرۇنىيە كوماندىسىنىڭ ئۆزى ۋاستىچىلىك قىلغان يەتتە نەپەر پۇتبولچىنى يۆتكىشىگە ياردەم بىرىدۇ، گەرچە كوماندا ئۆتكەن پەسىلدە دەرىجە ساقلاپ قالالمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ماھىرلارنىڭ ھەممىسى كوماندىدا قالىدۇ. بۇ يىللىق ئىسپانىيە ب بىرلەشمىسىدە بۇ كوماندا ھازىر 29 نومۇر بىلەن بىرلەشمىدە سەركىلىك ئورنىدا تۇرۇپ كەلمەكتە. ئەگەر ئۇلار كېلەر پەسىلدە ئوڭۇشلۇق دەرىجە ئۆرلىسە بۇنىڭدا مېندىسنىڭ تۆھپىسنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203