نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 3529 قېتىم كۈرۈلدى
ئىككى ياشلىق بالا 2.5 مېتىر كېلىدىغان بوغما يىلاننى ئويناتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-09 -01
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

يەر شارى تورى مۇخبىرى جاڭ شياۋفاڭ خەۋىرى: ئاۋسترالىيە يېڭى تېز تورىنىڭ 30- ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋسترالىيەدىكى ئىككى ياشلىق قەيسەر بالا چارلى ئاۋسترالىيەدىكى ئەڭ كىچىك ياۋايى ھايۋان قوغدىغۇچىسى دەپ ئاتالغان. چارلى 2.5 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بوغما يىلان يۆتكىگەن چاغدا، بەلكىم ئۇنىڭ كىچىككىنە پۇتلىرى ئازراق تىترىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىش ئۇنى قىلچە قورقۇنچقا سالالمىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشچە، چارلى يۈرەكلىك ھالدا تىمساھنىڭ دۈمبىسىنى ئۇرۇپ قويالايدىكەن. چارلىنىڭ دادىسى بىر ھايۋانات باغچىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۇ پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: ئوغلۇم چارلى ھايۋانات قوغدىغۇچىلار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، ئۇ كىچىكىدىنلا ھايۋانات قوغداش رايونىدا چوڭ بولغان. چارلى ھەتتا 12 ئايلىق چېغىدىلا بىر يىلاننى باشقۇرالايتتى.
خەۋەردە مۇنداق كۆرسىتىلدى: چارلى نوقۇل ھالدا ھايۋانلارنى باشقۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ھايۋانلارنى باشقۇرۇش ماھارىتىنىمۇ بىلىدۇ.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش