نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 3679 قېتىم كۈرۈلدى
كورلىدا كۆرۈنۈشى قۇشقاچقا ئوخشايدىغان نەشپۈت بايقالدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-09 -01
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

45 ياشلىق تۇرسۇن ئېلى كورلىنىڭ ئاۋات يېزىسىدا ئولتۇرىدىغان بولۇپ، 26 - ئاۋغۇست تۇرسۇن ئېلى ئۆزىنىڭ بېغىدا نەشپۈت دەرەخلىرىدىكى شاخلارنى پۇتاۋاتقاندا، تاشقى قىياپىتى قۇشقاچ ئوخشايدىغان نەشپۈتنى بايقاپ قىلىپ بۇ ئاجايىپ نەشپۈتنى شېخىدىن ئۈزۈۋالغان.
تۇرسۇن ئېلى بۇ ئاز كۆرۈلىدىغان ئاجايىپ نەشپۈتنى ئۆيىدىكى توڭلاتقۇدا ساقلايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
شىنجاڭ يېزا - ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيسى باغۋەنچىلىك زىرائەت تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى نەشپۈتنىڭ تاشقى قىياپىتىنىڭ قۇشقاچقا ئوخشاش يېتىلىپ قېلىشى ئالاھىدە ئەھۋال ،بۇنداق ئەھۋال كۆپ كۆرۈلمەيدۇ، بەلكىم باشقۇرۇش جەريانىدا پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن، ياكى تۇپراق ۋە ھاۋانىڭ تەسىر كۆرسىتىشىدىن بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، ياكى چاڭلاشتۇرغاندا مەلۇم تەسىر قىلغۇچى ئامىللار سەۋەبىدىنمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال كېلىپ چىقىشى مۇمكىن دېدى.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش