نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 3743 قېتىم كۈرۈلدى
قاراڭغۇ بازاردىكى بۆرەك ساتقۇچىلارنىڭ سىرلىق ئىشلىرى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-09 -01
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

زادى قانداق كىشلەر بۆرىكىنى ساتىدۇ؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن بۆرىكىنى ساتىدۇ؟ ئادەتتە بۆرىكىنى ساتىدىغانلارنىڭ ئىچىدە جىددىي پۇل كېرەك بولۇپ، ئامالسىزلىقتىن ساتىدىغانلار بولسىمۇ ئەمما بۇلار ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشلەر ھېسابلىنىدۇ، كۆپ ساندىكىلىرى يەنىلا ئىككى قولىغا تايىنىپ ھالال پۇل تېپىپ جان بېقىشنى خالىمايدىغان ھورۇن ئىرادىسىز كىشلەر ھېسابلىنىدۇ.ئۇلار پەقەت بۆرىكىنى سېتىپ ۋاقىتلىق قېيىنچىلىقنى ھەل قىلماقچى بولىدۇ.
32 ياشلىق ئەنخۇيلۇق ئىشلەمچى لاۋخى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ فۇشەن شەھىرىدكى كۆلىمى 10 كۋادرات مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان ئىجارە ئۆيىدە يالغۇز تۇرىدۇ، ئۇ بۆرىكىنى ساتقان بولۇپ، ھەمىشە قەرەلسىز ھالدا قورسىقىدىكى يارا ئېغىزىنى تەكشۈرۈتۈپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ قورسىقىدىكى 12 مىللىمېتىرلىق ئوپراتسىيەدىن كېيىنكى قالغان تىكىش ئىزى خۇددىي بىر سەكسەنپۇت قۇرۇتقا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
 

Www.AnAdiyar.Cn

ر ئاي ئىلگىرى ئۇ ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ ئۆزىنىڭ بىر بۆرىكىنى ئالدۇرۋەتتى، لاۋخى بۆرىكىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئالدۇرۋەتكەن بولۇپ، ئۇ مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئېرىشكەن 20 مىڭ يۈەن پۇل بىلەن زىممىسىدىكى قىسمەن قەرزلەردىن خالاس بولدى.
 

Www.AnAdiyar.Cn

ئۇ ئەسلىدە ئۆيىگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈشنى ئويلىغان شۇنداقلا ئۆي قەرز پۇل مەسىلىسىنى چاغاندىن كېيىن ئويلاشماقچى بولغان ئىدى. بۇ مەزگىلدە ئاجىيەن بۆرەك ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغان بىر قانچە كىشىنى كۆردى. ئاجىيەن مۇنداق دېدى: 2010-يىلى مەن دۇڭگۈندە بىر چوڭ تىپتىكى كارخانىغا ئوتتۇرا قاتلامدىكى باشقۇرغۇچى خادىم بولۇپ قوبۇل قىلىندىم، سىناق مەزگىلدىكى يىللىق مۇئاشىم 350 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئىدى، يېرىم يىللىق سىناق قىلىپ ئىشلىتىش مۆھلىتىدىن كېيىن ئۇلار مېنى قايتۇرۋەتتى، دۇڭگۈندە مەن نەچچە تۈمەن يۈەن پۇل ئامەنەت قويدۇم، كېيىن شىنجىنغا بېرىپ بىر مەزگىل ئىشلەپ چىڭشەن بازىرىدىن 40 كۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى بىر ئۆينى سېتىۋالدىم ۋە ئالدىن 110 مىڭ يۈەن تۆلىدىم.

Www.AnAdiyar.Cn

ئاجىيەن ۋاستىچىلار ئىجارە بەرگەن ئۆيىدە ئۈچ ئاي تۇردى، ئەمما بۆرىكى ماس كېلىدىغان بىمار ئىزچىل تېپىلمىدى،ئۇنىڭغا ئوخشاش بۆرىكى ماس كېلىدىغان بىمارلارغا بۆرىكى سېتىشنى كۈتۈپ تۇرغانلاردىن يەنە ئالتە-يەتتىسى بار ئىدى.
 

Www.AnAdiyar.Cn

لاۋدىڭغا ئۆزى بىلەن بىللە بۆرىكىنى ساتماقچى بولغان بىر دوستىنىڭ قايتۇرغان ئۇچۇرى
 

Www.AnAdiyar.Cn

ماس بۆرەك كۈتۈپ تۇرغان بۆرەك ساتقۇچىلار ياتىدىغان ياتاق دۇڭگۈننىڭ نۇرغۇن كوچىلاردا بار. ئۇلارنىڭ تاماق ۋە ياتىقىغا مەسئۇل كىشلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ پۇلى قالمىغاندا ۋاستىچىلار ئۇلارغا پارچە پۇل بېرىپ تۇرىدۇ. شاۋسۇنمۇ ئىجارە ئۆيدە ئۈچ ئاي تۇرغان بولسىمۇ ئىزچىل تۈردە بۆرىكى ماس كېلىدىغان بىمار چىقمىدى.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش