نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 5009 قېتىم كۈرۈلدى
ئۇيغۇر قىزى گۈلنەزەر كىنو ساھەسىدە يېڭى قەدەم تاشلىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-08 -10
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : خەلق تورى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ئۇيغۇر قىزى گۈلنەزەر ئىككىنچى باش پىرسۇناژنىڭ رولىنى ئالغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى «شۈەنيۈەن شەمشىرى ئاسمىنىدىكى دەز» بۇ يىل يازدا قويۇلىدۇ. بۇ گۈلنەزەرنىڭ تۇنجى ئەسىرى بولۇپ، تاماشىبىنلار ئۇنىڭ بۇ تۇنجى قەدىمىگە ناھايىتى قىزىقماقتا.

  گۈلنەزەر 1992-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 16 يېشىدا تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان گۈلنەزەر قوشۇمچە مودىل ۋە ئۇسسۇلچى بولغان، 2011-يىلى بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتۇتى ئاكتىيورلۇق كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن.

  گۈلنەزەرنىڭ مىكروبىلوگىدا يېزىشىچە، ئۇنىڭ ھەربىي ئارتىس بولغۇسى بار ئىكەن، ئەمما مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشماي قالغان. كېيىن ئۇ 2011-يىلى زور تىرىشچانلىق بىلەن نۇرغۇن چولپانلارنى يېتىشتۈرگەن بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتۇتىغا ئۆتكەن. گۈلنەزەر 2011-يىلى خۇ گې قاتارلىق داڭلىق ئارتىسلار بىلەن كېلشىىم ئىمزالىغان شاڭخەي تاڭرېن فىلىم ئىشلەش كىنو شىركىتى بىلەن ئىمزالاشقان.

  «شۈەنيۈەن شەمشىرى ئاسمىنىدىكى دەز» شاڭخەي تاڭرېن فىلىم ئىشلەش كىنو شىركىتى ئىشلىگەن فانتازىيەلىك، قەدىمىي تۈسنى ئالغان فىلىم. بۇ فىلىمدا گۈلنەزەر ئاي دەريا شەھىرىدىكى ھاۋا ئانا قەبىلىسىنىڭ ئەۋلادى يۈ شياۋشۆنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. بۇلتۇر 2-ئايدا، بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتۇتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىغان بىرىنچى كۈنىلا گۈلنەزەرنىڭ گۈزەل تاشقى قىياپىتى كۆپچىلىكنىڭ دىققتىنى تارتىپ، توردىكى داڭلىق شەخىسنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى.

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش