نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 1021 قېتىم كۈرۈلدى
سىچۈەندە قاتىل ئادەم ئۆلتۈرۈپ جەسەتنىڭ كاللىسىنى دەرىزىدىن تاشلىۋەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-08 -10
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : http://wei.sohu.com

تېڭشۈن تورى : سىچۈەن ئاخبارات تورى سۈينىڭ 9- ئاۋغۇست تېلگراممىسى . 9- ئاۋغۇست چۈشتە سائەت 13 تە ، سۈينىڭ شەھىرى چۈەنشەن رايۇنى لاۋشىڭ كوچىسىدىكى مەلۇم بىر ئولتۇراق رايۇندىكى ئۆيدە قاتىللىق دىلوسى يۈز بىرىپ ، قاتىل ئۆلتۈرگەن ئادىمىنىڭ بېشىنى كىسىپ خالتىغا قاچىلاپ دەرىزىدىن سىرتقا تاشلىغان . يولدىن ئۈتۈپ كىتىۋاتقان كىشىلەر بۇ ئادەم كاللىسىنى كۆرۈپ ساقچى ئىدارىسىگە دىلو مەلۇم قىلغاندىن كىيىن ساقچىلار نەق مەيدانغا كىلىپ قاتىلنى تۇتتى ؛

9- ئاۋغۇست چۈشتە سائەت 13 لەر بولغاندا ، سۈينىڭ شەھەرىنىڭ مەلۇم بىر يىمەكلىك دۇكىنىنىڭ ئالدىغا ئاق خالتىغا قاچىلانغان نەرسە چۈشكەن ، يولدىن ئۈتۈپ كىتىۋاتقان كىشىلەردىن بىرى بۇ خالتىنى ئېچىپ قورقۇپ كەتكەن ؛ خالتىغا قاچىلانغىنى دەل ئادەمنىڭ كاللىسى ئىدى ؛

خوشنىلارنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە ، جىنايەت گۇماندارى جۇۋ فامىلىلىك ئايال بولۇپ روھىي كىسەلگە گىرىپتار بولغان دەپ پەرەز قىلغان ،بۇ ئايال زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچى بىلەن قىيىن ئانا ۋە كېلىن مۇناسىۋىتى بولۇپ ، بۇرۇن جۇۋ فامىلىلىك پەستە ئولتۇرۇپ كاۋاپ ساتىدىكەن ، ئىككى ئايدىن بۇيان يوقاپ كەتكەن بولۇپ ، يېقىندا ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن ؛ جۇۋ فامىلىلىك ئۆيىدە تۇتۇلغان بولۇپ ، ئۆيدىن يەنە ئىككى خالتا تېپىلىپ ، ئىچىدە قازا قىلغۇچىنىڭ پارچىلانغان جەسىتى چىقتى ؛

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش