نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 1769 قېتىم كۈرۈلدى
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى: ئىراقتا 6-ئاي ئىچىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەسىلىرىدە 282 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-07 -03
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : يەر شارى تورى

 

Www.AnAdiyar.Cn

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگىنلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سىتاستىكا سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتلىشىچە، ئىراقتا بۇ يىل 6-ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەسىدە 282 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگىنلىقى ئىراق بىخەتەرلىك ئەمەلدارى ۋە تىببىي خادىملار تەمىنلىگەن سىتاستىكا ئۇچۇرلىرىدىن ئىرىشكەن سانلىق مەلۇماتتا، 6-ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەسىدە 282 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، بۇ سان ئىراق ھۆكۈمەت تەرەپ ئاشكارىلىغان ساننىڭ ئىككى ھەسسىگە توغرا كىلىدىكەن.

ئىگەللىنىشىچە، ئىراق سەھىيە مىنىستىرلىكى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدىن ئىرىشكەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 6-ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەسىدە 131 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، 85 ئاددى پۇقرا، 26 ساقچى ۋە 20 ئەسكەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئىراق ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ 5-ئايدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەسىدە ئاشكارىلىغان ئۆلگەن ئادەم 132.

يىقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىراقتا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى كۆرۈنەرلىك ئازايغان. لىكىن پارتىلاش خاراكتىرلىك ھۇجۇملار پات-پات يۈز بىرىپ تۇرماقتا. بۇ يىل 6-ئايدا، ئىراقتا بىر قاتار پارتىلىتىش خاراكتىرلىك ھۇجۇم يۈز بەرگەن.

6-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئىراقنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا زەنجىرسىمان پاتىلىتىش ۋەقەسى يۈزبەرگەن بولۇپ، يۈزلىگەن ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، 2011-يىلى 8-ئايدىن بۇيان يۈز بەرگەن ئەڭ ئىغىر پارتىلىتىش خاراكتىرلىك ھۇجۇم ۋەقەسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش